شەنبە 7 مۇھەررەم 1446 - 13 ئىيۇل 2024
Uygur

شەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   رامىزاندىن باشقا ئايلاردا شەنبە كۈنىدە روزا تۇتسا قانداق بولىدۇ، ئەرەپات كۈنى شەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   شەنبە كۈنىدە يالغۇز روزا تۇتۇش ياخشى كۆرەلمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەمشىرىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شەنبە كۈنىدە يالغۇز روزا تۇتماڭلار، پەقەت ئاللاھ سىلەرگە پەرز قىلغان رامىزان روزىسى بولسا تۇتۇڭلار، ئەگەر شەنبە كۈنىدە روزا تۇتقان بولسا، بىرتانە ئۈزۈم ياكى دەرەخ يىلتىزىچىلىك نەرسىنى تاپسا چايناپ روزىسىنى بۇزىۋەتسۇن». [تىرمىزى رىۋايىتى 744-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى2421-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى1726-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئىرۋائۇل غەلىل ناملىق ئەسەر 960-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئەبۇ ئىسا تىرمىزى مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس ھەسەن، ھەدىستىكى ياقتۇرماسلىق دېگەن: مۇسۇلمان شەنبە كۈنىنى روزا تۇتۇشقا خاس قىلىۋالسا بولمايدۇ، چۈنكى يەھۇدىيلار شەنبە كۈنىنى بەك ئۇلۇغلايدۇ. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ: "ئەلمۇغنى" 3-توم 52-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ يارەنلىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: شەنبە كۈنىدە يالغۇز روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر، ئەگەر شەنبە ۋە يەكشەنبە ياكى شەنبە ۋە جۈمە بىرگە روزا تۇتسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە جۇۋەيرىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ھەدىس بايان قىلىنغان، ئەگەر كىشىنىڭ ھەر ئايلىق ياكى كۈن ئارىلاپ تۇتقان روزىسى شەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە توغرا بولىدۇ".

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار يالغۇز جۈمە كۈنى روزا تۇتمىسۇن، ئۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى ياكى بىر كۈن كېيىن بىرگە قېتىپ تۇتسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى1985-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1144-ھەدىس].

    ھارىسنىڭ قىزى جۇۋەيرىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە: جۈمە كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ زاتنىڭ ئۆيىگە كىردى، ئۇ كىشى روزىدار ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «تۇنۇگۇن روزا تۇتقانمىدىڭىز؟ دەپ سورىغان ئېدى، ياق دېدى، ئەتىمۇ روزا تۇتامسىز؟ دېگەن ئېدى، ياق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنداق بولسا ئىپتار قىلىپ روزىڭىزنى بۇزۇڭ دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 1986-ھەدىس]. 

   بۇ ھەدىس ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ھەدىس رامىزاننىڭ غەيرىدە جۈمە كۈنىدە روزا تۇتقان كىشىنىڭ شەنبە كۈنىمۇ روزا تۇتۇشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ياخشى كۆرەلگۈچى بولغان روزا داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان روزىسى بولۇپ، داۋۇد ئەلەيھىسسالام بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۈن ئېغىز ئاچاتتى».

    بەزى كىشىلەرنىڭ تۇتىۋاتقان روزىسى ئادەتتە شەنبە كۈنىگە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر ئەرەپات كۈنى ۋە ئاشۇرا كۈنىگە ئوخشاش كۈنلەردە روزا تۇتۇش شەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە، شەنبە كۈنىدە يالغۇز روزا تۇتسا بولىدۇ.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر پەتھۇلبارىدا جۈمە كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ چەكلىمىسىدىن ئەرەپات كۈنى، ئاشۇرا كۈنى ۋە ئۆزىنىڭ ئايلىق روزا تۇتىدىغان كۈنلىرى جۈمە كۈنىگە توغرا كەلسە، شەنبە كۈنىدە يالغۇز روزا تۇتۇش دۇرۇس بولغاندەك، جۈمە كۈنىدە يالغۇز روزا تۇتۇشمۇ دۇرۇس بولىدۇ. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ توغرىدىكى سۆزى ئىلگىرى بايان قىلىندى.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىش كېرەككى، شەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇش بىر قانچە ھالەتتە بولىدۇ:

   بىرىنچى: رامىزان روزىسى، قازا روزا، كاپارەت روزىسى، ھەج تەمەتتۇنىڭ بەدىلىنىڭ روزىسى قاتارلىق پەرز روزىلار بولسا، بۇ روزىلارنى جۈمە ياكى شەنبە كۈنىدە تۇتسا ئەۋزەل بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلماستىن تۇتسا بولىدۇ.

   ئىككىنچى: جۈمە كۈنىدىن ئىلگىرى روزا تۇتقان بولسا ئۇنىڭدىن كېيىن جۈمە كۈنىدە روزا تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى جۈمە كۈنىدە روزا تۇتقاندا: «تۈنۈگۈن روزا تۇتتىڭىزمۇ؟ دېگەندە، ياق دېدى، ئەتە روزا تۇتامسىز؟ دېگەندە ياق دېدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا ئىپتار قىلىۋېتىڭ دېدى». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئەتىمۇ روزا تۇتامسىز دېگەن سۆزى جۈمە كۈنى بىلەن بىرگە روزا تۇتۇشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

   ئۈچىنچى: شەرىئەتتە نەپلە روزا تۇتۇش يولغا قويۇلغان ئاق كۈنلەر، (ھىجىرىيە ھەر ئاينىڭ 13-14-15- كۈنلىرى) ئەرەپات كۈنى، ئاشۇرا كۈنى، رامىزاندا روزا تۇتۇپ ئۇنىڭدىن كىيىن شەۋۋالدا تۇتىدىغان ئالتە كۈن روزا ۋە زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى توققۇز كۈنىدە تۇتىدىغان روزا قاتارلىق روزىلارنى شەنبە ياكى جۈمە كۈنىدە تۇتسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇ كۈنلەردە ئايرىم روزا تۇتمىدى، بەلكى شەرىئەت يولغا قويغان روزىنى تۇتتى.

   تۆتىنچى: بىر كۈن روزا تۇتۇپ يەنە بىر ئىپتار قىلىدىغان ئادىتى شەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە، ئۇ كۈندە روزا تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاندىن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتۇشتىن چەكلەپ: «لېكىن ئادەتتە روزا تۇتىدىغان كۈنلىرىگە توغرا كەلسە تۇتسا بولىدۇ» دېگەن. بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

    بەشىنچى: جۈمە ياكى شەنبە كۈنىنى يالغۇزلا نەپلە روزا تۇتىدىغانغا ئادەت قىلىۋېلىش چەكلىنىدۇ. ھەدىستە بايان قىلىنغان چەكلىمە شۇنى ئىپادىلەيدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى ۋە رىسالىلىرى توپلىمى" 20-توم 57-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى