شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

لاھۆۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دېگەن سۆزنى قانداق ۋاقىتتا دېيىش توغىرسىدا

سۇئال

    1- ماڭا ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللاھدىن باشقا كۈچ-قۇۋۋەت يوق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى؟.

    2-ئۇ سۆز توغىرسىدا قىسقىچە ئىزاھات بېرىشنى؟

    3-ئۇ سۆزنى قايسى ۋاقىتتا دېيىش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئۇ سۆزنىڭ مەنىسى: بەندىنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشنى ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلمىسا ۋە ئاسانلىق بەرمىسە ئۇنى ئادا قىلىشتىن ئۆزىنىڭ ئاجىز كىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئىنسانغا ھەممىدىن ئۇلۇغ، ئالى، يۈكسەك بولغان ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا ئۇ ئىنسان كۈچ-قۇۋۋەت، جۇشقۇنلۇقتىن ھەر قانچە يۇقىرى پەللىگە يەتسىمۇ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆزىنى بىھاجەت قىلالمايدىغانلىقى، ھەرقانچە كۈچلۈكنىڭمۇ، ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ئالدىدا بەك ئاجىز ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى ۋە بۈيۈكلىكى ئالدىدا ھەر قانداق چوڭ شەيئىنىڭمۇ كېچىك ۋە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر. بۇ سۆزنى ئىنسان قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان ياكى قىلىش قېيىن بولىدىغان چوڭ ئىشلارغا دۈچكەلگەندە دەيدۇ. (شەيخ سەئىيدىل ھەمىيد).

   بۇ سۆز تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا دېيىلىدۇ:

   -كېچىدە ئۇيقىدىن تۇرغاندا: ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كېچىدە ئويغىنىپ: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پۈتۈن پادىشاھلىق ۋە گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، مەدھىيلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر، پاكلىق-تەسبىھلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللاھدىن باشقا كۈچ-قۇۋۋەت  يوقتۇر دېسە، ئاندىن ئى ئاللاھ مېنى كەچۈرۈم قىلسا دېسە ياكى باشقا دۇئا قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ، ئەگەر تاھارەت ئىلىپ ناماز ئوقۇسا، ئوقۇغان نامىزى قوبۇل قىلىنىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 1086 رىۋايىتى].

    -مۇئەززىن ئەزان ئوقۇپ نامازغا كېلىڭلار ۋە نىجاتلىققا كېلىڭلار دېگەندە: ھەپىس ئىبنى ئاسىم ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئۆزىنىڭ ئاتىسىدىن ئاتىسى چوڭ بوۋىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇئەززىن: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەندە، سىلەرنىڭ بېرىڭلار ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە، ئاندىن ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ دېگەندە، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ دېسە، ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ دېگەندە، ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ دېسە، نامازغا كېلىڭلار دېگەندە، ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللادىن باشقا كۈچ-قۇۋۋەت  يوقتۇر دېسە، ئاندىن نىجاتلىققا كېلىڭلار دېگەندە، ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللادىن باشقا كۈچ-قۇۋۋەت  يوقتۇر دېسە، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەندە، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە، بۇ سۆزلەرنى ئىخلاس بىلەن چىن دىلىدىن دېسە جەننەتكە كىرىدۇ». [مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا 578-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ داۋۇد ئۆزىنىڭ ھەدىس كىتابىدا 443-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].

   -ئۆيىدىن چىققاندا: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆيىدىن چىققاندا: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللادىن باشقا كۈچ-قۇۋۋەت بولمىغان ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم دېسە، ئۇ كىشىگە: كۇپايە قىلىندىڭ ۋە ساقلاندىڭ دېيىلىدۇ، شەيتان ئۇ كىشىدىن يىراق بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 3346-ھەدىس. ئەبۇ ئىسا تىرمىزى: بۇ ھەدىس ھەسەن، سەھىھ، غەرىب ئۇنى پەقەت مۇشۇ يولدىن بىلىمىز دېگەن. شەيخ ئەلبانىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 6419-نومۇرلۇق ھەدىس].

    بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ھەدىس كىتابىدا 4431-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان، ۋە بۇنىڭغا «يەنە بىر شەيتان ئۇ شەيتانغا: ئاللاھ تەرەپتىن ھىدايەت قىلىنغان، كۇپايە قىلىنغان ۋە ساقلانغان ئىنساننى قانداق ئازدۇرىسەن؟ دەيدۇ» دېگەن سۆزنى زىيادە قىلغان.

    -نامازدىن كېيىن: ئەبۇ زۇبەير مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى زۇبەير ھەر قېتىم پەرىز نامازنى ئوقۇپ سالام بەرگەندىن كېيىن: (ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پۈتۈن پادىشاھلىق ۋە گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللادىن باشقا كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر، پەقەت ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، پەزىلەت، نېمەت، ۋە گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد يوقتۇر، گەرچە كاپىرلار ياقتۇرمىسىمۇ خالىس-ساپ دىن ئاللاھ ئۈچۈندۇر) دەيتتى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرىز نامازدىن كېيىن بۇ سۆزلەرنى دەيتتى دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 935-ھەدىس].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد