سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

سۇغۇرتا شىركىتىدىن ۋاپات بولغان مېيىت ئۈچۈن تۆلەم پۇلى ئالسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

   بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ھۆكۈمەت ماشىنىلارنى مەجبۇرى سۇغۇرتا قىلدۇرىدۇ، ماشىنىنىڭ ئېگىسى بۇنىڭدىن ھېچ پايدىلىنالمايدۇ، ئەگەر بۇ ماشىنا مەلۇم بىر كىشىنى سوقۇۋېتىپ، ئۇ كىشى ئېغىر يارىدار بولسا ياكى ئۆلۈپ كەتسە، ھادىسىگە ئۇچرىغان كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى سۇغۇرتا شىركىتىگە سۇنۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ۋاپاتىغا تۆلەم پۇلى ئالىدۇ، بۇنىڭ ماشىنا ئېگىسىگە ئىجابىي ياكى سەلبىي تەرەپتىن ھېچ قانداق تەسىرى بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ شەرىئەتتە بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، بىلىشىمىزچە، ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ماشىنىنىڭ ئىگىسىنى ئەپۇ قىلسىمۇ لېكىن دۆلەت ئۇ كىشىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: تىجارەت سۇغۇرتىسى دېگەن چەكلەنگەن توختامدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە تۈرلىرى ئوخشاشلا چەكلەنگەن بولۇپ ھېچ بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىشى توغرا بولمايدۇ، پەقەت بۇنىڭغا مەجبۇر بولغان بولسا بۇنىڭ زېيىنى يوق. بۇنىڭ ھۆكمى 8889 نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قېلىنغان.

   ئىككىنچى: سۇغۇرتا شىركىتىگە ئىشتىراك بولۇشنىڭ چەكلىنىشى، بىرەر ھادىسە يۈز بەرگەندە شىركەتتىن بېرىشى بېكىتىلگەن ھەقنى ئېلىش چەكلەنگەن دېگەنلىك بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خاتا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ھادىسىدە ۋاپات بولغان كىشىگە  ۋەقەگە سەۋەپ بولغۇچى تەرىپىدىن ياكى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ياكى سۇغۇرتا شېركىتى ياكى باشقا شېركەتلەر تەرىپىدىن بېرىلىدىغان تۆلەم ھەققىنى ئېلىشى چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى دېيەتنى ئېلىشقا ھەقلىق كىشىلەر ھەق ئېگىلىرىدۇر، ئۇلار ئىككىنچى بىر تەرەپنىڭ سۇغۇرتا شېركىتى بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىنىڭ توغرا-مۇباھ بولىشىدىن سورالمايدۇ.

    بىز ھۆرمەتلىك ئۇستاز شەيخ ئىبنى جەبرىين رەھىمەھۇللاھدىن: سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم ئېلىش توغرىمۇ؟ دەپ سورىساق، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "تۆلەم ئېلىش توغرا، چۈنكى ئىنسان شىركەتكە ئەزا بولغاندا، ئۇنىڭغا بىرەر ھادىسە كۆرۈلسە، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى شىركەت ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىغا كېلىشكەن، ئۇلار تۆلەم بېرىشنى بېكىتكەن ئىكەن بۇنى ئېلىش كېرەك بولىدۇ، شىركەتكە ئەزا بولغان بىر كىشىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۆلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىققان بولسا، ئۇ كىشىگە خاتالىق سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ كاپارىتىنى ئۆتەش كېلىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى