سەيشەنبە 10 مۇھەررەم 1446 - 16 ئىيۇل 2024
Uygur

شەرئى ۋەسىيەتنىڭ قانداق يىزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   بەزى تور سەھىپىلەردە ۋەسىيەتنىڭ قۇرۇلمىسى (يەنى يىزىلىش ئۇسۇلىنى) كۆردۈم، ئۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىمەن؟، سىلەردە ۋەسىيەتنىڭ شەرىئەت بېكىتكەن يىزىلىش ئۇسۇلى ياكى قۇرۇلمىسى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلماننىڭ ئۆيىدە ۋەسىيەت قالدۇرىدىغان نەرسە بولسا ئىككى كۈننى ئۆتكۈزۈۋەتمەي ئۇ توغرىدا ۋەسىيىتىنى يېزىپ قويسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى 2738-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1672-ھەدىس].

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە ۋەسىيەتكە رىغبەتلەندۈرۈش بار، بارلىق مۇسۇلمانلار ۋەسىيەت قالدۇرۇش ئىشىدا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ۋەسىيەت قالدۇرۇش بىزنىڭ مەزھىبىمىزدە ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ۋاجىپ ئەمەس بەلكى مۇستەھەپتۇر. زاھىرى مەزھىپىدىكى داۋۇد زاھىرىي ۋە باشقا ئالىملار مۇشۇ ھەدىسكە كۆرە ۋاجىپ دەپ قارىغان. بۇ ھەدىستە ئۇلارنىڭ ۋاجىپ دېگەن سۆزىگە دەلىل يوقتۇر. ھەتتا ۋاجىپلىقنى ئوچۇق بايان قىلىدىغان سۆزمۇ يوق، لېكىن ئىنساننىڭ باشقىلارغا بېرىشى بولسا ياكى باشقىلاردىن ئېلىشى بولسا ياكى ئۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ئامانىتى بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم ۋەسىيەت قالدۇرۇش كېرەك. ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسنىڭ مەنىسى: ۋاجىپ بولمىسىمۇ لېكىن مۇسۇلمان ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتىنى يېزىپ قالدۇرۇپ قويۇشى لازىم".

   ئۇنى بۇرۇن يېزىپ قويۇش ۋە ساق-سالامەت ۋاقتىدا يېزىپ قويۇش ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ-شاھىتلارنى قىلىش مۇستەھەپ بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئۆزى ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرنى يازىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىگە يېڭى-يېڭى ئىشلار يۈز بەرسە ئۇ، توغرىدىمۇ ۋەسىيەت يېزىپ بۇرۇنقى ۋەسىيەتكە قېتىپ قويىدۇ. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ۋەسىيەتكە: ھەر كۈنى قىلىدىغان مۇئامىلە، ئېتىبارسىز ئىشلار ۋە تەكرار بولۇپ تۇرىدىغان كېچىك ئىشلارنى يېزىشقا بۇيرۇلمايدۇ".

    ۋەسىيەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

   ۋاجىپ بولغان ۋەسىيەت: ئۇ ھەق-ھوقۇقلاردىن ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ۋە باشقىلاردىن ئالىدىغان ، قەرز بەرگەن ياكى قەرز ئالغان ياكى باشقىلار ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئامانەت قويغان ياكى ئۆزى باشقىلارغا ئامانەت قويغان دېگەن ئىشلار بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن ۋەسىيەت قالدۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ.

    مۇستەھەپ بولغان ۋەسىيەت: خاس ئىئانە بولۇپ، ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋارىسلاردىن بولغان تۇغقانلىرى بولسۇن ياكى باشقا كىشىلەر بولسۇن ئۇ كىشىگە قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق بىر نەرسە بېرىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلىش ياكى سەدىقىدىن پەقىر-مىسكىنلەرگە ياخشىلىق يەتكۈزۈش ياكى باشقا ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشقا ۋەسىيەت قالدۇرۇش قاتارلىقلار". [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى" 16-توم 264-بەت].

    ئىنسان ئائىلىسىدىكىلەرگە: مېيىتنى كىم يۇيىدۇ، نامىزىنى كىم ئوقۇيدۇ دېگەنگە ئوخشاش جىنازىسىگە ئالاقىدار بولغان، ئۈنسىلىپ، ئاۋاز كۆتۈرۈپ، ئۆزىنى كاچاتلاپ، ياقىسىنى يىرتىپ يىغلاشتىن ئىبارەت چەكلەنگەن ئىشلاردىن ۋە بىدئەت-خۇراپاتلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدىكى بەزى ئىشلارنى ۋەسىيەت قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئىنسان ۋاپات بولغاندا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى كەسكىن پەرەز قىلسا بۇ توغرىدا قاتتىق ۋەسىيەت قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ دەلىلى: ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولىدىغان ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەرگە مۇنداق ۋەسىيەت قىلغان: «مەن ۋاپات بولغاندا مېنىڭ جىنازەمگە ئۈنلۈك ۋارقىراپ يىغلىغان كىشىنى ۋە ئوتنى ھەمراھ قىلماڭلار». [مۇسلىم رىۋايىتى121-ھەدىس].

   ھۈزەيپە يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋاپات بولغاندا مېنىڭ ۋاپات بولغانلىقىمنى ئىلان قىلماڭلار، بۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىلان قىلىش بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىلان قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 986-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1476-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ، تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋاپات بولغاندا، قەبرەمگە چېدىر تىكىپ ئولتۇرماڭلار، يىقىلغۇ نەرسىلەر بىلەن ماڭا ئەگەشمەڭلار، مېنى رەببىمنىڭ تەرىپىگە تىز ئىلىپ بېرىڭلار، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مۇسۇلمان بەندە ياكى سالىھ بەندە جىنازىگە قويۇلغاندا: مېنى تىز ئىلىپ بېرىڭلار، مېنى تىز ئىلىپ بېرىڭلار دەيدۇ، ئەگەر ناچار-ئەسكى ئادەم جىنازىغا قويۇلسا: ۋاي ئېسىت! سىلەر مېنى نەگە ئىلىپ بارىسىلەر دەيدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 10141-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شۇئەيىب ئەرناۋۇت "مۇسنەد ئەھمەد"نىڭ تەتقىقاتىدا ھەسەن دېگەن].

    قەيس ئىبنى ئاسىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا ئائىلىسىدىكىلەرگە مۇنداق ۋەسىيەت قىلغان: «مەن ۋاپات بولغاندا ماڭا ئۈن سېلىپ، ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلىماڭلار، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھېچ كىشى ئاۋاز كۆتۈرۈپ، ئۈن سېلىپ يىغلىمىغان». [ھاكىم مۇستەدرەكتە 1409-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. ھاكىم بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ بولۇپ بۇخارى ۋە مۇسلىم كىتابىدا كەلتۈرمىگەن دېگەن. ئىمام زەھەبى "ئەتتەلخىس"دە سەھىھ دېگەن].

   يۇقىرىدا بايان قىلىغان ئەسەرلەر ۋە باشقا دەلىللەر جىنازىگە ئالاقىدار بەزى ئىشلار ياكى مېيىتكە ئۈن سېلىپ، ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلاش قاتارلىق ئىشلاردا ۋەسىيەت قىلىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   لېكىن ۋەسىيەتنىڭ ئىنسان لازىم تۇتىدىغان مۇئەييەن بېكىتىلگەن بىر سېغىسى ياكى يىزىش قۇرۇلمىسى يوق، بەلكى ئىنسان ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا كۆرە، يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ۋە باشقىلاردىن ئالىدىغان ھەق-ھوقۇقلارغا كۆرە ۋەسىيەت قىلىدۇ.

   مۇھىم بولغىنى: چوقۇم بۇنداق بولىدۇ ياكى مۇشۇ شەرىئەتتە بېكىتىلگەن يىزىلىش ئۇسۇلى دەپ ئېتىقاد قىلماسلىقى لازىم.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتىدىن: "بۇ مېنىڭ شەرئى ۋەسىيىتىم" دېگەن كىتابتا بايان قىلىنغان ۋەسىيەت توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ۋەسىيەتنى ئوقۇغاندا ئۇنىڭدا شەرىئەتكە زىت كىلىدىغان بىر نەرسە تېپىلمايدۇ، لېكىن كىتابنىڭ  ھەر بىر كىشىدىن بولغان ۋەسىيەت شەكلى بىلەن يېزىلىشى، كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقىلىشى، كىشىلەرنى ھەر بىر كىشى ئۈچۈن شۇنداق ۋەسىيەت قىلىش كېرەك بولىدىكەن دېگەندەك خىيالغا كەلتۈرۈپ قويۇشى ياكى ئۇ كىتابتىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىشلىرىغا ئىگە بولىدىغان كىشىگە بېرىش دېگەن ئۇقۇملارنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا چاقىرىق يوق، چۈنكى ئۇنىڭدا زىكىر قىلىنغان جىنازە ھۆكۈملىرى پىقھى كىتابلىرىدا بار، ئېھتىياجلىق بولغان كىشى بىۋاستە مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ. بولۇپمۇ مۇسۇلمان خىزمەت قىلىۋاتقان، ياشاۋاتقان بۇ شەھەردە -ئاللاھ تائالاغا ھەمدە-سانالار بولسۇن-جىنازە ھۆكۈملىرى سۈننەتكە مۇۋاپىق ئادا قىلىنىۋاتىدۇ". [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى" 16-توم 289-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى