جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بۇئايەتنىڭ چىش گۈزەللەشتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشنى چەكلىمەيدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ فِي أَحْسَنِ تَقْوِيمٍ  تەرجىمىسى: «بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق» [سۈرە تىن 4-ئايەت]. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، ھازىرقى دەۋرىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چېشلىرىنى گۈزەل قىلىش ئۈچۈن چىش دوختۇرلىرىغا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، شۇنداق قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالانىڭ: «بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق» دېگەن ئايىتىدىن بولغان مەقسەت: ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ تەپسىر كىتابىنىڭ 4-توم 680-بىتىدە بايان قىلغاندەك: ئاللاھ تائالا ئىنساننى گۈزەل، ئەزالىرى مۇكەممەل، قامەتلىك، چىرايلىق شەكىلدە ياراتقان.

    ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق دېگەنلىك ئومۇمى تەپسىرشۇناس ئالىملار ئېيتقاندەك: كېلىشكەن مۇكەممەل ياراتتۇق دېگەنلىكتۇر. بۇ ئەڭ چىرايلىق شەكىلدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەممە مەخلۇقاتلارنى يۈزىچە ئېگىلگەن شەكىلدە ياراتتى، ئىنساننى بولسا تەكشى ياراتتى، ئۇنىڭغا سۆزلەيدىغان تىل، بىر نەرسىلەرنى تۇتىدىغان قول ۋە بارماق ئاتا قىلدى.

    ئەبۇ بەكرى ئىبنى تاھىر مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا بىزنى ئەقىل بىلەن، بۇيرۇقنى ئادا قىلىش، توغرا-خاتانى ئايرىش، قامەتلىك، يېمەكلىكلەرنى قولى بىلەن يەيدىغان ئالاھىدىلىكلەر بىلەن پەرقلىق قىلدى. ["تەپسىر قۇرتۇبىي" 20-توم 105-بەت].

     ئايەتتە شۇنداق بايان قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن بۇ ئايەت ئىنساننى خۇددى باشقا ئەزالىرىنى داۋالاشتىن چەكلىمىگەندەك، چىشىنى داۋالىتىش، قىڭغىرلىرىنى تەكشىلەتتۈرۈشتىنمۇ چەكلىمەيدۇ، مۇھىم بولغىنى، بۇ ئىشىنى پەقەت چىرايلىق، گۈزەل بولىمەن دەپلا قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى چىرايلىق بولۇش ئوپېراتسىيىدىكى ئومۇمى پرىنسىپتا: ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئەزادىكى ئەيىب ۋە كەمتۈكلۈكنى يوق قىلىش بولسا، بۇ خاتا بولمايدۇ، ئەمما پەقەتلا چىرايلىق بولۇش ئۈچۈنلا بولسا، بۇ چەكلىنىدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار مەجمۇئەسى"17-توم 4- سوئال].

     ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: چىشىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن چىشىنى تەكشىلەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: چىشىنى چىرايلىق قىلىش ئوپېراتسىيىسى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى تۈرى: بۇنى قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتى بەك چىرايلىق بولۇشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ توغرا بولمايدۇ، ھارام بولىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «چىرايلىق بولىمەن دەپ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىپ چىشىنىڭ ئارىسىنى كېڭەيتكەن كىشىگە لەنەت قىلغان»، شۇنداقتىمۇ ئايالدىن گۈزەللىك تەلەپ قىلىنىدىغان ۋە  ئايال زىبۇ-زىننەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان تۇرۇغلۇق چەكلەنگەن ئىكەن، ئەرلەر ئەلۋەتتە چەكلىنىدۇ.

    ئىككىنچى تۈرى: چىشىنى چىرايلىق قىلىش ئەيىبنى يوق قىلىش ئۈچۈن بولسا توغرا بولىدۇ، بەزى كىشىلەر ئېغىزىنى ئاچىدىغان بولسا، ئۇدۇل چىشلىرى ياكى تاڭلاي چىشلىرى كۈتكەن كىشى يىرگىنىدىغان كۆرۈنۈش ئاشكارا بولىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئىنسان چىشىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئارتۇقچە چىرايلىق بولۇش ئەمەس بەلكى ئەيىبنى يوق قىلىشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام «بۇرنى كېسىلىپ كەتكەن كىشىنى كۈمۈشتىن بۇرۇن ياساتقۇزۇپ سېلىۋېلىشقا بۇيرىغان، ئاندىن بۇرنى پۇراپ قالغاندا، ئالتۇندىن بۇرۇن ياساتقۇزۇپ سېلىشقا بۇيرىغان» چۈنكى بۇ  ئارتۇقچە چىرايلىق بولۇش ئەمەس بەلكى ئەيىبنى يوق قىلىشتۇر". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالارمەجمۇئەسى" 17-سوئال 6-نومۇر].

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن 21255 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سوئالدا بايان قىلىنغان ئايەت، يۈز بەرگەن ئەيىب-نۇقسانىنى ۋە كۆرۈمسىزلىكنى يوق قىلىش ئۈچۈن چېشلىرىنى ياسىتىشتىن چەكلىمەيدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار