جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مېيت يۇغان كىشى غۇسلى قىلىشى كېرەك دېگەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

   ۋاپات بولغان كىشىنى يۇغان كىشى جىنازا نامىزىنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ يۇيۇنىشى كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن،

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا، ۋاپات بولغان كىشىنى يۇغان كىشىنىڭ يۇيۇنىشى ۋاجىپ ئەمەس بەلكى مۇستەھەبتۇر. بۇ ئىبنى ئابباس، ئىبنى ئۆمەر، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ھەسەن بەسەرىي، ئىبراھىم نەخەئىي، شاپىئىي، ئەھمەد، ئىسھاق، ئەبۇ سۈر، ئىبنى مۇنزىر ۋە ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن- قارىشىدۇر. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى كۇچلاندۇرغان. ["سۈنەن تىرمىزى "3-توم 318-بەت ۋە "ئەل مۇغنى" 1-توم 134-بەتكە قارالسۇن].

    شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ۋاپات بولغان كىشىنى يۇغان كىشى يۇيۇنسۇن، جىنازا كۆتۈرگەن ئادەم تاھارەت ئالسۇن» دېگەن، ئەبۇ داۋۇد 2-توم 62-62-بەتتە، تىرمىزى 2-توم 132-بەتتە كەلتۈرگەن ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن  مېيىت يۇغان كىشىنىڭ يۇيۇنىشى مۇستەھەپ بولىدۇ. بۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزى يوللىرى ھەسەن بەزى يوللىرى مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھدۇر، ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "تەھزىيب سۈنەن" ناملىق ئەسەردە، بۇ ھەدىسنىڭ ئون بىر يولىنى بايان قىلىپ، بۇ يوللار بۇ ھەدىسنىڭ ئەمەل قىلىنىدىغان ھەدىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ دېگەن.

    شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىسنى ئىبنى قەتتان سەھىھ دېگەن، شۇنىڭدەك ئىبنى ھەزىممۇ سەھىھ دەپ "ئەل مۇھەللا" 1-توم 250-بەت ۋە 2-توم 23-25- بەتتە كەلتۈرگەن. ھاپىز ئىبنى ھەجەر "ئەتتەلخىيس" 2-توم 134-بەتتە كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: "بۇ ھەدىسنىڭ دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ ھەسەن بولىدۇ دېگەن".

   ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى ۋاجىپلىقنى ئىپادىلەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۇلانغان مەرپۇنىڭ ھۆكمىدە بولغان ئىككى مەۋقۇپ يەنى ساھابىدا توختىغان ھەدىسلەر نەقىل قىلىنمىدى: ئۇ ھەدىسنىڭ بىرىنچىسى: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان: «مېيىت يۇغان ۋاقتىڭلاردا سىلەرگە يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى سىلەرنىڭ مىيىتىڭلار نىجىس ئەمەس، قولۇڭلارنى يۇيىۋەتسەڭلار كۇپايە قىلىدۇ» دېگەن ھەدىس، بۇ ھەدىسنى ھاكىم "ئەل مۇستەدرەك"1-توم 386-بەتتە، بەيھەقىي" شۈئەبىل ئىيمان" 3-توم 398-بەتتە كەلتۈرگەن.  ئاندىن مەن بۇ ھەدىسنى مەۋقۇپ دەپ كۇچلاندۇرغان، "زەئىپ ھەدىسلەر" توپلىمى 6304- شۇنداق تەتقىق قىلغان.

    ئىككىنچىسى: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ سۆزى: «بىز ئۆز دەۋرىدە مېيىتنى يۇياتتۇق، ئۇنىڭدىن بەزىلەر يۇيۇناتتى، بەزىلەر يۇيۇنمايتتى». [دارىي قۇتنى رىۋايىتى 191-ھەدىس].

     خەتىيب "تارىخىل باغداد"5-توم 424-بەتتە سەھىھ ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن. ئىبنى ھەجەرمۇ شۇنداق دېگەن. ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنىڭغا ئىشارەت قىلغان. خەتىيب بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەدتىن رىۋايەت قىلىپ، ھەدىسنى يىزىشقا ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلىنى خاس قىلغان. ["جىنازا ھۆكۈملىرى" 71-72-بەت].

    يۇقىرىدىكى قاراشنى دائىمىي كومىتېت پەتىۋا بۆلىمى 1-توم 318-بەتتە، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن "شەرھىل مۇمتىئ"1-توم 295-بەتتە كۇچلاندۇرغان.

   ئەمما مېيىت يۇغان كىشىنىڭ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ يۇيۇشنىڭ سۈننەتتە ئەسلى يوق، ۋاجىپمۇ ئەمەس ۋە مۇستەھەبمۇ ئەمەس.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى