شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى چۈشۈپ كېتىدىغان ھالەتلەر

سۇئال

قىبلىنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىش مۇمكىن بولغان ھالەتلەر قايسىلار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   سوئال سورىغۇچى بەلكىم نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىشنىڭ پەرىزلىكى چۈشۈپ كېتىدىغان ۋە قىبلىنىڭ غەيرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇسىمۇ ناماز دۇرۇس بولىدىغان ھالەتلەرنى بىلىشنى مەقسەت قىلىشى مۇمكىن.

     قىبلىگە يۈزلىنىش بولسا، نامازنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن بولۇپ، ناماز قىبلىگە يۈزلىنىش بىلەن دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە قىبلىگە يۈزلىنىشكە تەكرار بۇيرىغان بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ  تەرجىمىسى: (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. [سۈرە بەقەرە 144-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگە تۇنجى قېتىم كەلگەن ۋاقتىدا بەيتىل مۇقەددەسكە قاراپ، كەبىنى كەينى تەرىپىگە قىلىپ، شام تەرەپكە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇغان بولسىمۇ لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ قىبلىنى كەبە تەرەپكە ئۆزگەرتىپ بېرىشىنى كۈزۈتىپ تۇراتتى، ئاسمانغا يۈزلىنىپ قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىنىپ كەبىگە يۈزلىنىش توغرىسىدا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھىي ئىلىپ چۈشىشىنى كۈتەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ  تەرجىمىسى: (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. [سۈرە بەقەرە 144-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كەبىگە يۈزلىنىشكە بۇيرىدى. تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ھالەتتە قىبلىگە يۈزلىنىش پەرىز بولمايدۇ:

بىرىنچى ھالەت: كېسەللىك ۋە باشقا سەۋەبلەردىن قىبلىگە يۈزلىنىشكە قادىر بولالمايدىغان كىشىلەردىن نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىشتىن ئىبارەت بولغان شەرت چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُم تەرجىمىسى:تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار،(ۋەزىنى)ئاڭلاڭلار،(ئەمرىگە)ئىتائەت قىلىڭلارتەغابۇن سۈرىسى 16-ئايەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْساً إِلا وُسْعَهَا  تەرجىمىسى: ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرىسام، تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشچە ئۇنى ئادا قىلىقڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى 7288-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1337-ھەدىس].

    ئىككىنچى ھالەت: بەك قورقۇنچلۇق ۋاقىتتا نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىش چۈشۈپ كېتىدۇ، يەنى ئىنسان دۈشمەندىن ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن ياكى غەرق قىلىۋېتىدىغان سەلدىن قېچىپ كېتىۋاتقاندا قايسى تەرەپكە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالاً أَوْ رُكْبَاناً فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُمْ مَا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ  تەرجىمىسى: قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار). ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگەتكىنىدەك ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، ئاللاھ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمرى قىلغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار). [سۈرە بەقەرە 239-ئايەت].

   ئايەتتىكى قورقۇنچ دېگەن سۆز بارلىق قورقۇنچلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار). ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگەتكىنىدەك ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، ئاللاھ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمر قىلغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار) دېگەن ئايەت بولسا، ئىنساننىڭ قورقۇنچ سەۋەبىدىن ھەرقانداق بىر زىكىرنى تەرك قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، قىبلىگە يۈزلىنىشنىڭ ساقىت بولىشىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەت-ھەدىسلەر ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ۋاجىپنىڭ تاقىتىنىڭ يېتىشىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    ئۈچىنچى ھالەت: ئىنسان ئايروپىلاندا ياكى ماشىنىدا ياكى ئۇلاغلىق ھالەتتە سەپەر قىلغاندا ۋىتىر، كېچىلىك ناماز ۋە چاشكا نامىزى قاتارلىق نەپلە نامازلارنى ئوقۇسا قايسى تەرەپكە قاراپ ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ.

    سەپەر قىلغۇچى مۇقىم كىشىگە ئوخشاش بارلىق نەپلە نامازلارنى تولۇق ئادا قىلىشقا بەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، پەقەت پېشىننىڭ، شامنىڭ ۋە خۇپتەننىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇماسلىق سۈننەت بولىدۇ.

سەپەردە كېتىۋاتقان كىشى نەپلە ناماز ئوقۇماقچى بولسا، قايسى تەرەپكە ماڭغان بولسا شۇ تەرەپكە يۈزلىنىپ ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا بۇخارى ۋە مۇسلىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ خىل ھالەتتە نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىش زۆرۈر بولمايدۇ.

    ئەمما قىبلىنىڭ تەرىپىنى بىلمىگەن كىشىنىڭ قىبلىگە يۈزلىنىشى زۆرۈر بولىدۇ، لېكىن قىبلىنى تېپىشتا تېرىشچانلىق قىلىپ ناماز ئوقۇپ كېيىن تېرىشچانلىقتا خاتالاشقانلىقى بىلىنسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى نامازنى قايتىدىن ئوقۇمايدۇ. بىز ئۇ كىشىدىن قىبلىگە يۈزلىنىش چۈشۈپ كېتىدۇ دېمەيمىز، بەلكى ئۇ كىشى ئۈچۈن تاقىتىنىڭ يېتىشىچە تېرىشىپ قىبلىنى ئىزدىشى زۆرۈر بولىدۇ، تاقىتىنىڭ يېتىشچە قىبلىنى ئىزدەپ كېيىن خاتالاشقان بولسا، ئوقۇغان نامىزىنى قايتىلاش كېرەك بولمايدۇ، بۇنىڭ دەلىلى، ئۆز دەۋرىدە ساھابىلارمۇ قىلىنىڭ كەبىگە يۆتكەلگەنلىكىنى بىلمەي قۇبا مەسچىدىدە بامدات نامىزىنى ئوقۇۋاتقاندا، بىر كىشى كېلىپ ئۇلارغا: كېچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان نازىل بولدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى نامازدا كەبىگە يۈزلىنىشكە بۇيرىدى، سىلەرمۇ كەبىگە يۈزلىنىڭلار دەيدۇ، ئۇلار شامغا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇۋاتقان بولۇپ، نامازدا تۇرۇپ ئۆرۈلۈپ يۈزلىرىنى كەبىنىڭ تەرىپىگە قىلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 403-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 526-ھەدىس].

   ئۇلار كەبىگە كەينىنى قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۆرۈلۈپ كەبىگە يۈزلىنىپ نامىزىنى داۋاملاشتۇردى، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بولغان ئىش بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بە شەكىلدە ئوقۇغان نامىزىنى ئىنكار قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش يولغا قويۇلدى، يەنى ئىنسان بىلمەسلىكتىن قىبلىنى تېپىشتا خاتالاشسا، ئۇ نامازنى قايتا ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن نامازنى ئوقۇۋاتقان ھالەتتە خاتالىقىنى بىلسە دەرھال قىبلىگە يۈزلىنىشى كېرەك بولىدۇ.

    قىبلىگە يۈزلىنىش نامازنىڭ توغرا بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن بولۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ھالەتتىن باشقا ھالەتتە قىبلىگە يۈزلەنمەي ناماز ئوقۇسا توغرا بولمايدۇ، پەقەت قىبلىنى تېپىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىپ خاتا كەتكەن بولسا بۇ ۋاقىتتا نامازنى قايتىدىن ئادا قىلمايدۇ. ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 12-433-435-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى