سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەيز توختىتىش دورىسى ئىشلەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئايلىق ئادىتى تۇراقسىز بولۇپ قالسا، ناماز ۋە روزىنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟

سۇئال

بىرقانچە يىللار ئىلگىرى مەن بالاغەتكە يېتىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئائىلىمىزدىكىلەر ھەجگە بېرىشنى قارار قىلدى، سەپەرگە چىقىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئايلىق ئادىتىم كېلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئانام مەندىن ھەيز توختىتىش دورىسى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى، مەن شۇنداق قىلدىم، شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئايلىق ئادىتىم تەرتىپسىز بولۇپ قالدى، ھەتتا بەزى ۋاقىتتا ئادەت كۆرمەي بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ، بۇ يىل رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن 10 كۈن ياكى 11كۈن ئەتراپىدا ئادەت كۆردۈم، ئاندىن  توققۇز كۈندىن كېيىن يۇيۇنۇپ پاك بولدۇم، يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئادەت كېلىپ قاپتۇ، چوڭ ئاپام ماڭا رامزاننىڭ ئاۋۋالقى كۈنىدە روزا تۇتماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدى، ئاينىڭ ئاۋۋىلىدە ئىككى كۈن روزا تۇتمىدىم، ئاندىن كېيىن يۇيۇنۇپ ئۈچىنچى كۈنى ئادەت كېلىپ تۇرسىمۇ روزا تۇتتۇم، بۇنداق بولىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېلىن لاتا ياكى پاختا قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇپ، پاكىزلىققا رېئايە قىلىپ ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغانلىق توغرىسىدىكى ھەدىسىنى ئوقۇغاندەك قىلغان، چۈنكى ئۇ ھەيزنىڭ قېنى بولمىغاندىن كېيىن ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتسام توغرا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن، مېنىڭ قانداق قىلىشىم توغرىسىدا ئوچۇق چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئايال كىشىنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقى ئىككى تۈرلۈك ئالامەتنىڭ بىرى بىلەن بىلىنىدۇ: ھەيزنىڭ ئالامەتلىرى يوقاپ تولۇق ئاق سۇ كېلىش ياكى ھەيز كېلىش ئورنىنىڭ تولۇق قۇرىشى، ھەيز قېنىنىڭ تولۇق توختىشى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيدۇ ۋە روزا تۇتىدۇ، ئەگەر قان قايتىدىن كەلسە، بۇ خۇن كېسىلى بولماستىن ھەيزنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ئەمما قاننىڭ كېلىشى داۋاملاشسا ياكى ئازراق ئۈزۈلۈپ كېيىن يەنە داۋاملاشسا بۇ خۇن كېسىلىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "مۇسۇلمان ئاياللار توغرىسىدىكى پەتىۋا" ناملىق ئەسىرى 275-بەتتە مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن.

    ئىككىنچى: شۇنىڭغا ئاساسەن ئاينىڭ قالغان ۋاقىتلىرىدا قان كەلمىسە، سىز رامىزاندا قان كېلىۋاتسىمۇ روزا تۇتقان كۈنلىرىڭىزدىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: كەلگەن قان ئۈزۈلمەستىن داۋاملاشقان بولسا، سىز خۇن كېسىلى ھېسابلىنىسىز، كېلىدىغان ئايدا سىز تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ:

1-سىز ئىلگىرىكى ئادەت كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزنىڭ سانى بويىچە ناماز ئوقۇمايسىز، روزا تۇتمايسىز ۋە ئادەت كۆرۈپ قالغاندا چەكلىنىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىسىز، بۇ كۈنلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇيسىز ۋە باشقا چەكلەنگەن ئىشلارمۇ دۇرۇس بولىدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغانغا ئوخشاش خۇن كېسىلى ئايالنى نامازدىن ۋە روزىدىن چەكلىمەيدۇ، لېكىن قېلىن پاختا ياكى لاتا قويۇۋېلىش ئارقىلىق قاننىڭ تارقىلىشى كىيىملىرىنى ۋە ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇننى بۇلغاپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك بولىدۇ.

2-ئەگەر ئىلگىرىدە ئادىتى تۇراقلىق بولمىسا، ھەيز بىلەن ئىستىھازىنىڭ قېنىنىڭ ئارىسىنى ئايرىشنى بىلىشى كېرەك. ھەيزنىڭ قېنى قويۇق، قارامتۇل، پۇراقلىق بولىدۇ، ئادەتتە ئاغرىتىپ كېلىدۇ، ئىستىھازىنىڭ قېنى رەڭگى ئوچۇق، سۇيۇق بولىدۇ.

   قان قويۇق قارامتۇل كەلگەن كۈنلەر ھەيز كۈنلىرى بولىدۇ، باشقا رەڭدە كەلگەندە ئىستىھازە بولىدۇ.

3-ئەگەر ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش مۇمكىن بولمىسا، ئالتە ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۈنى بولىدۇ، چۈنكى ئادەتتە ئاياللارنىڭ ھەيز كۈنى شۇنداق بولىدۇ، ئاندىن يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇيدۇ.

    ئىستىھازە-خۇن كېسىلى- بولغان ئايال ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن پەرىز نامازغا ئايرىم تاھارەت ئالىدۇ، مۇشۇ تاھارەت بىلەن نەپلە نامازلاردىنمۇ خالىغاننى ئوقۇيدۇ.

بۇ ھەقتە كۆپراق مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن68818- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى