پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

ناماز ئوقۇمايدىغان ئەر بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ ھۆكمى

6257

تارقاتقان ۋاقىت : 01-01-2020

كۆرگۈچىلەر : 4231

سۇئال

يولدىشىم ئۆز دىنىغا پەرۋا قىلمايدۇ، ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ، بەلكى ئۇ مېنى بارلىق ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن چەكلەيدۇ، ھەتتا ئۇ، مەندىن شۈبھىلىنىپ، ئۆيدە مېنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىمنى كۈزىتىش ئۈچۈن خىزمىتىنى تاشلاپ ئۆيدە قالىدۇ، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ بۇ ھەقتە يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بۇنداق ئەر بىلەن بىرگە ياشاش توغرا ئەمەس، چۈنكى ئۇ، نامازنى تەرك قىلىش بىلەن كاپىر بولدى، مۇسۇلمان ئايالنىڭكاپىر ئەر بىرگە تۇرۇشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە مۇنداق دېگەن:فَإِنْ عَلِمْتُمُوهُنَّ مُؤْمِنَاتٍ فَلَا تَرْجِعُوهُنَّ إِلَى الْكُفَّارِلَا هُنَّ حِلٌّ لَّهُمْ وَلَا هُمْ يَحِلُّونَ لَهُنَّتەرجىمىسى: ئەگەر ئۇلارنى (سىنىغاندىن كېيىن ھەقىقىي) مۆمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس. [سۈرە مۇمتەھىنە 10-ئايەت].

يولدىشىڭىزنىڭ نامازنى ئىنكار قىلىشى سەۋەبلىك، ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا نىكاھ يوق. يولدىشىڭىز ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ، تەۋبە قىلىپ، ئىسلامغا دىنىغا قايتسا، ئۇنىڭدىن كىيىن ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى نورمال ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت داۋاملىشىدۇ. يولدىشىڭىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى توغرا بولماپتۇ، مېنىڭ قارىشىمچە يولدىشىڭىزدىكى بۇ نورمالسىزلىق كېسەللىك بولۇپ، يەنى بەزى كىشىلەردە ئىبادەت، مۇئامىلە قاتارلىقئىشلاردا شۈبھىلىنىش-ۋەسۋەسە قىلغىنىغا ئوخشاشتۇر. بۇ كېسەللىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش، بارلىق ئىشلاردا ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن بولىدۇ، مۇھىم بولغىنى، يولدىشىڭىز كاپىر، سىز مۇسۇلمان، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئۇ ئەردىن ئايرىلىشىڭىز زۆرۈر، يولدىشىڭىزغا قىلىدىغان نەسىھىتىم، ئۇ ئۆز دىنىغا قايتىپ، شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ، قەلبىدىن بۇنداق ۋەسۋەسىلەرنى قوغلاشقا ياردىمى بولىدىغان زىكىر-تەسبىھلەرنى كۆپ ئوقۇشى لازىم. ئاللاھ ئۇنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرى، دەۋەت ژۇرنىلى 1709-سان، 34-بەت