شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايال ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن قانداق ئېھرام كىيىدۇ؟

49992

تارقاتقان ۋاقىت : 24-07-2018

كۆرگۈچىلەر : 1887

سۇئال

ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئون كۈنلۈك سەپەر قىلىمىز، ئالدى بىلەن مەدىنە شەھىرىگە كېلىپ ئاندىن كېيىن مەككىگە بارىمىز، لېكىن مەدىنىدىن مەككىگە ماڭغاندا مېنىڭ ئايلىق ئادىتىم كېلىپ قالىدۇ، مەن بىلەن بىرگە ماڭغانلارنىڭ ھەممىسى ئەبيار ئەلى(زۇلھۇلەيپىدە) ئىھرامغا كىرىدۇ، مەن ئادەت كۆرۈپ قالغان بولساممۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئىھرامغا كىرسەم بولامدۇ؟، ئادىتىم مەككىگە كەلگەندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ، ئەگەر مەككىدىن ئىھرامغا كىرسەم قايسى جايدىن كىرىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايال مىيقاتتىن(ئېھرام كىيىش بەلگىلەنگەن ئورۇندىن)ئۆتكەن ۋاقىتىدا ھەج ياكى ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلسا، شۇ ئۆتكەن ئورۇندىن ئېھرام كىيىپ ئۆتىدۇ، ئېھرام كىيىشنى كېچىكتۈرۈپ مەككىگە كېلىپ، پاك بولۇپ ئاندىن ئېھرام كىيىشى توغرا بولمايدۇ.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ۋە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى شۇنى دەلىللەيدۇكى، ھەيز قىز-خانىملارنىڭ ئېھرامغا كىرىشىگە زىت كەلمەيدۇ، ئايال كىشى ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسىمۇ ئېھرام كىيىدۇ، ئاندىن پاك بولغاندىن كېيىن يۇيۇنۇپ ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

    جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىنغان ئەسما بىنتى ئۇمەيسنىڭ زۇلھۇلەيپىدە نىپاسدار بولۇپ قالغان توغرىسىدىكى ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا، ئۇنى يۇيۇنۇپ ئېھرام كىيىشكە بۇيرۇشنى تاپىلىغان. [مۇسلىم رىۋايىتى 1210-ھەدىس].

    بۇ ھەدىس ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللارنىڭ ئېھرام كىيىشىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئېھرام كىيىش ئۈچۈن يۇيۇنىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ھەجگە يولغا چىقتۇق، مەككىگە يېقىنلاشقان ۋاقىتتا مەن ئادەت كۆرۈپ قالدىم، كەبىنى تاۋاپ قىلالمىدىم ۋە ساپا-مەرۋە ئارىسىدىمۇ سەئيى قىلالمىدىم، مەن بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھال ئېيتسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىز چېچىڭىزنى چۇۋۇپ، تاراپ ھەجگە ئېھرام كىيىڭ...... دېدى. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ "ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللار قانداق ئېھرامغا كىرىدۇ؟" دېگەن باپتا كەلتۈرگەن. [بۇخارى رىۋايىتى].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"بۇ ھەدىس ھەيزدار، نىپاسدار ئاياللار، تەھارەتسىز، جۇنۇپ كىشىلەرنىڭ ھەج پائالىيتى جەريانىدىكى كەبىنى تاۋاپ قىلىش ۋە ئىككى رەكەت تاۋاپ نامىزى ئوقۇشتىن باشقا بارلىق ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك ئەراپاتتا تۇرۇش ۋە باشقا پائالىيەتلەردە دۇرۇس بولىدۇ، ھەج پائالىيتى ئۈچۈن يۇيۇنۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ھەيزدار ۋە باشقا كىشىلەرنىڭمۇ يۇيۇنىشى يولغا قويۇلغان، شۇنىڭدەك بۇ ھەدىس ھەيزدار ئايالنىڭ قىلغان تاۋاپىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى.

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللار ئېھرام كىيىدىغان ئورۇنلارغا كەلگەندە، يۇيۇنۇپ ئېھرامغا كىرىدۇ، كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىن باشقا ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1744-ھەدىس. شەيخ ئالبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ سۈنەن ئەبۇ داۋۇدتا كەلتۈرگەن].

    ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالار مەجمۇئەسى 1-توم 447-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېھرام كىيىشكە ۋە تەلبىيە ئېيتىشقا بۇيرىغان، بۇ ئىككىسىدە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش بار، ئەرەپاتقا چېقىشقا بۇيرىغان، بۇ يەردىمۇ ئاللاھنى ياد ئىتىش ۋە دۇئا-تىلەكلەر بولىدۇ، شەيتانلارغا تاش ئىتىشقا بۇيرىغان ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرىغان بۇنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھنى ياد ئىتىش بار، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرىغا ھازىر بولىشى ئۆچ كۆرۈلمەيدۇ بەلكى ھازىر بولىشى زۆرۈر بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 16-توم 126-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللار ئېھرام كىيىدىغان ئورۇنلارغا يىتىپ كەلگەندە، ئۇلار پەرز ھەج ياكى ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن ئۇلارنىڭ ئېھرام كىيىشى زۆرۈر بولىدۇ، ئەمما پەرز ھەج ياكى ئۆمرىنى ئادا قىلىپ بولغان بولسا، شۇنداقتىمۇ ئۇلار باشقا پاك ئاياللارغا ئوخشاش ئېھرام كىيىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئايال كىشى ئېھرام كىيىشتىن ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، ھەيزدار ھالەتتە ئېھرامغا كىرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ئەسما بىنتى ئۇنەيس زۇلھۇلەيپىدە نىپاسدار بولۇپ قالغاندا، ئۇنى يۇيۇنۇپ، تولۇق ساقلىنىپ ئېھرام كىيىشكە بۇيرىغان، ھەيزدار ئايالمۇ شۇنداق قىلىدۇ، ھەيز-نىپاستىن پاك بولغۇچە ئېھراملىق ھالىتىدە تۇرىدۇ، پاك بولغاندىن كىيىن يۇيۇنۇپ كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئى قىلىدۇ". "ھەيز توغرىسىدىكى 60 سوئال ناملىق كىتاپچىدىن ئىلىندى".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى