شەنبە 9 زۇل ھەججە 1445 - 15 ئىيۇن 2024
Uygur

ۋاجىپ بولغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلغاندا روزىنى بۇزىۋېتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   ۋاجىپ بولغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلغاندا روزىنى بۇزىۋېتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلانى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   رامزاننىڭ قازا روزىسى ۋە قەسەمنىڭ كاپارىتىگە تۇتىدىغان روزىغا ئوخشاش ۋاجىپ بولغان روزىنى باشلىغان كىشى كېسەللىك ياكى سەپەر قىلغانلىق سەۋەبىدىن باشقا سەۋەپلەر بىلەن باشلىغان روزىسىنى بۇزۇۋېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئۈزۈر سەۋەپلىك ياكى ئۈزۈرسىز بۇ روزىنى بۇزۇۋەتسە، ئۇ كىشىگە شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، بىر كۈنگە بىر كۈن قازا روزا تۇتىدۇ چۈنكى كاپارەت دېگەن پەقەت رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان كىشىگە ۋاجىپ بولىدۇ.

    ئەگەر روزىسىنى ئۈزۈرسىز بۇزۇۋەتكەن بولسا بۇ ھارام ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 4-توم 412-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "رامزاننىڭ قازا روزىسى، نەزىر روزىسى ياكى كاپارەت روزىسىغا ئوخشاش ۋاجىپ بولغان روزىنى باشلىغان كىشىنىڭ ھېچ ئۈزۈرسىز روزىسىنى بۇزۇۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق".

    ئىمام نەۋەۋىي "ئەلمەجمۇ" 6-توم 383-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر رامزاننىڭ روزىسىدىن باشقا قازا روزا ياكى نەزىر روزىسى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا روزىنى تۇتقان كىشى روزىدار ھالەتتە جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا، ئۇنىڭغا كاپارەت كەلمەيدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى. قەتادە رەھىمەھۇللاھ: رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتقاندا جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا كاپارەت ۋاجىپ بولىدۇ دەيدۇ". ["ئەلمۇغنى" 4-توم 378-بەتكە قارالسۇن].

    شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھدىن بىرسى: بىر كۈنى قازا روزا تۇتقان ئېدىم، پېشىندىن كېيىن ئاچلىقنى ھېس قىلدىم، ئۇنتۇپ قالماستىن ۋە بىلمەي قالماستىن قەستەن يەپ-ئىچتىم، بۇنداق قىلغانلىقىمنىڭ ھۆكمى نېمە؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:" رامزاننىڭ قازا روزىسى ۋە نەزىر روزىسىغا ئوخشاش پەرز بولغان روزىنى تۇتقاندا ھېچ ئۈزۈرسىز روزىنى بۇزۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ، سىزگە شۇ كۈنلۈك روزىنى تولۇقلاش ۋاجىپ بولىدۇ، خاتا قىلغان ئىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ، ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغان بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 15-توم 355-بەت].          

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن بىرسى: مەن بىر قانچە يىل ئىلگىرى قازا روزامنى تۇتقان ئېدىم، كۈندۈزدە قەستەن روزىنى بۇزىۋەتتىم، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر كۈن شۇ روزىنىڭ قازاسىنى تۇتتۇم، بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسام شۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىغا كۇپايە قىلامدۇ ياكى ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتىشىم كېرەكمۇ؟ماڭا كاپارەت كېرەك بولامدۇ؟ جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن دەپ سوئال قىلغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىنسان رامزاننىڭ قازا روزىسى، قەسەمنىڭ كاپارەت روزىسى، نەزىر روزىسى، ھەجدە ئېھراملىق كىشى ئېھرامدىن چېقىشتىن بۇرۇن چېچىنى ئالدۇرىۋەتكەننىڭ پىديىسىگە كاپارەت قىلىپ تۇتقان روزىغا ئوخشاش ۋاجىپ بولغان روزىنى باشلاپ، شەرئى ئۈزۈرسىز بۇزۇۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك، ھەر قانداق ۋاجىپ بولغان ئەمەلنى باشلىغان كىشىنىڭ ئۇنى تولۇق تامام قىلىشى لازىم بولىدۇ. بۇزىۋېتىشنى دۇرۇس قىلىدىغان شەرئى ئۈزۈرسىز بۇزۇۋېتىش قەتئىي توغرا بولمايدۇ، بۇ ئايال قازا روزىنى باشلاپ تاماملىماستىن شەرئى ئۈزۈرسىز بۇزىۋېتىپتۇ، شۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىپتۇ، بۇ ئايالغا ھېچ نەرسە كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى قازا دېگەن بىر كۈننىڭ ئورنىغا بىر كۈن بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئايال ۋاجىپ بولغان روزىنى شەرئى سەۋەبسىز بۇزىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى كېرەك". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 20-توم 451-بەت]. 

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى