سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھېيت كۈنى ئۈچۈن يۇيۇنۇشنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا

سۇئال

ھېيت كۈنى ئۈچۈن يۇيۇنۇش قايسى ۋاقىتتا باشلىنىدۇ؟ چۈنكى مەن بامدات نامىزىدىن كىيىن يۇيۇنسام ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان ئورۇننىڭ ئارىلىقى يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت چېقىرالمايدىكەنمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرنىچى :ھېيت كۈنىدە يۇيۇنۇش ياخشىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھېيت كۈنىدە يۇيۇنغانلىقى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان.

    ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، سەلەمەتە ئىبنى ئەكۋە ۋە ئىبنى ئۆمەر(ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىق نۇرغۇن ساھابىلارنىڭ ھېيت كۈنىدە يۇيۇنغانلىقى بايان قىلىنغان.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ"ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: بۇ توغرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ئەسەردىن باشقا ئەسەرلەرنىڭ ئىسنادى ئاجىز ۋە دەلىل بولالمايدۇ. ھېيت كۈنىدە يۇيۇنۇشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ مەسىلىدە تايىنىشقا بولىدىغىنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەر ۋە جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشقا قىياس قىلىشتۇر.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىس بولۇپ ئىككىلىسى ئاجىز ھەدىستۇر، لېكىن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈننەتكە ئەمەل قىلىشقا بەك ھېرىسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىغا چېقىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ چىقاتتى.

   ئىككىنچى: ھېيت كۈنى ئۈچۈن يۇيۇنۇشىنىڭ ۋاقتى:

     بامدات نامىزىدىن كىيىن يۇيۇنسا ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ۋاقىت قىس، ناماز ئوقۇيدىغان جاي يىراق، كىشىلەر بامداتتىن يېنىپلا ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايغا بارىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بامدات نامىزىدىن بۇرۇن يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ.

    ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ"مۇئەتتا"ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ شەرھىسى بولغان "ئەلمۇنتەقا" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىغا مېڭىشتىن بۇرۇنلا يۇيۇنسا ياخشى بولىدۇ.

    ئىبنى ھەبىيب مۇنداق دەيدۇ: ھېيت كۈنى ئۈچۈن يۇيۇنۇشىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى بامدات نامىزىدىن كېيىن بولىدۇ.

    ئىمام مالىك "ئەلمۇختەسەر" ناملىق ئەسىرىدە ھېيت كۈنى ئۈچۈن بامدات نامىزىدىن بۇرۇن يۇيۇنسىمۇ كەڭىرچلىك بار دېگەن".

    "شەرھى مۇختەسەر"2/102-بەتتە، خەلىل: ھېيت كۈنى ئۈچۈن يۇيۇنۇشىنىڭ ۋاقتى تاڭ يۇرۇشتىن بىر، ئىككى سائەت بۇرۇن بولسىمۇ بولىدۇ، دېگەن.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنىي" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "ھېيت كۈنى ئۈچۈن يۇيۇنۇشىنىڭ ۋاقتى خەرقىينىڭ سۆزىگە قارىغاندا تاڭ يورىغاندىن كېيىن بولىدۇ. قازى ئەبۇ يەئلا ۋە ئامىدىي مۇنداق دەيدۇ: "تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن يۇيۇنغان كىشى سۈننەت بويىچە ئىش قىلمىغان بولىدۇ، چۈنكى ھېيت كۈنى ئۈچۈن يۇيۇنۇش بولسا جۈمە نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنغانغا ئوخشاش بامداتتىن بۇرۇن بولسا توغرا بولمايدۇ. ئىبنى ئەقىيل مۇنداق دەيدۇ: "ھېيت كۈنى ئۈچۈن يۇيۇنۇشىنىڭ ۋاقتى ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان تېكىستتە بامداتتىن بۇرۇن ۋە كېيىنمۇ بولىدۇ، چۈنكى جۈمە نامىزىغا نىسبەتەن ھېيت نامىزىغا بارىدىغان ۋاقىت قىستۇر، ئىختىلاپتىن چىقىش ئۈچۈن ياخشىسى بامداتتىن بۇرۇن بولسا، پاكىزلىق تەرەپتىن ھەم يۇيۇنۇشىنىڭ نامازغا يېقىنلىقى تەرەپتىن ياخشى بولىدۇ، دېيىلگەن.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ"تا مۇنداق بايان قىلغان: ھېيت كۈنى ئۈچۈن يۇيۇنۇشىنىڭ ئەڭ توغرا ۋاقتى توغرىسىدا ئۆلىمالارنىڭ مەشھۇر ئىككى تۈرلۈك قارىشى بار، بىرى: "ئەلئۇمدە" ناملىق ئەسەردە: تاڭ يورىغاندىن كېيىن دەپ بايان قىلىنغان، ئىككىنچىسى: يەنى ئەڭ توغرا بولغىنى: مەزھەپ ساھىبلىرىنىڭ بىرلىكى بىلەن تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنمۇ ۋە كىيىنمۇ دۇرۇس بولىدۇ دېگەن قارىشىدۇر.

    قازى ئەبۇ تەييىب ئۆزىنىڭ "ئەلمۇجەررەد" ناملىق ئەسىرىدە، ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھدىن بايان قىلغان سۆزىدە: "بۇۋەيتىدا"ھېيت كۈنى ئۈچۈن يۇيۇنۇشىنىڭ توغرا ۋاقتى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن بولىدۇ، دېگەن.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ھېيت كۈنى ئۈچۈن يۇيۇنۇشىنىڭ ئەڭ توغرا ۋاقتىنى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن دېسەك، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مەسىلىدە ئۈچ تۈرلۈك قاراش بولىدۇ:

    1-بۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە توغرا بولغىنى: يېرىم كېچىدىن كېيىن توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن توغرا بولمايدۇ دېگەن قاراشتۇر.

    2- كېچىنىڭ ھەممە ۋاقتىدا توغرا بولىدۇ دېگەن قاراش، بولۇپ بۇنى ئىمام غەزالىي كەسكىن بېكىتكەن، ئىبنى سەبباغ ۋە باشقا ئالىملارمۇ ئىختىيار قىلغان يەنى تاللىغان.

    3- يۇيۇنۇش تاڭ يۇرۇشتىن بۇرۇن سوھۇرلۇق ۋاقتى بىلەن دۇرۇس بولىدۇ دېگەن قاراش بولۇپ، بۇنى ئىمام بەغەۋىي كەسكىن بېكىتكەن.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قاراشلارغا ئاساسەن: ھېيت نامىزىغا تولۇق تەييارلىق قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ھېيت كۈنى بامداتتىن بۇرۇن يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى