سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ھېيت نامىزىدىن باشقا نامازلاردا نامازدىن يانغاندا يولنى ئالماشتۇرۇپ مېڭىش كېرەك بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ھېيت نامىزىدىن باشقا نامازلاردىمۇ نامازدىن كېيىن يولنى ئالماشتۇرۇپ مېڭىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    ئىمام بۇخارى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنىدە يولنى ئالماشتۇراتتى» يەنى نامازدىن يانغاندا نامازغا كەلگەن يول بىلەن ئەمەس بەلكى باشقا يول بىلەن قايتاتتى. بۇ ھەدىس ھېيت نامىزىدا يولنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 16-توم 222-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھېيت نامىزىغا چىققان كىشىنىڭ نامازدىن يانغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەگىشىش يۈزىسىدىن باشقا يول بىلەن قايتىشى يولغا قويۇلغان، بۇ ئىش پەقەت ھېيت نامىزىغا خاس بولۇپ، جۈمە نامىزى ياكى باشقا نامازلاردا نامازدىن كېيىن يولنى ئالماشتۇرۇش يولغا قويۇلمىغان، بەزى ئالىملار جۈمە نامىزىدىمۇ شۇنداق قىلسا بولىدۇ دەيدۇ، لېكىن ئاساسى قائىدە: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە سەۋەبى تېپىلغان ھەر قانداق ئىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار قىلمىغان بولسا، ئۇ ئىشلارنى ئىبادەت دەپ قىلىش يېڭى پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى