پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

تەراۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلەتلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: تەراۋىھ نامىزى ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن ياخشى كۆرۈلىدىغان سۈننەت ناماز بولۇپ، بۇ كېچىلىك نامازنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، قۇرئان-ھەدىستە كېچىلىك نامازغا رىغبەتلەندۈرگەن ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلغان دەلىللەر تەراۋىھ نامىزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بەزىسى 50070- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىندى.

    ئىككىنچى: رامىزاندا كېچىدە قىيامدا تۇرۇش بولسا، ئىنسان بۇ ئايدا ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئەڭ كاتتا ئىبادەتتىن ھېسابلىنىدۇ.

   ھاپىز ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىلىشىڭىز كېرەككى، رامىزان ئېيىدا مۇئمىن ئۈچۈن ئۆزىنى چېنىقتۇرىدىغان كۈندۈزدە روزا تۇتۇش ۋە كېچىدە قىيامدا تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تىرىشچانلىق بىرلىشىدۇ، بۇ ئىككى تۈرلۈك تىرىشچانلىقىنى بىرلەشتۈرگەن كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابى ھېسابسىز بېرىلىدۇ.

    رامىزاندا قىيامدا تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان ئايرىم ھەدىسلەر سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇ ھەدىسلەردىن: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رامىزاندا ئاللاھنىڭ ساۋاپ بېرىشتىن ئىبارەت بولغان ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ۋە ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ كېچىدە قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 37-ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى 759-ھەدىس].

    ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ: گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى چوڭ-كېچىك گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېگەننى كەسكىنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: پىقھى ئۆلىمالارغا تونۇشلۇق بولغان قائىدىدە، بۇ چوڭ گۇناھنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، پەقەت كېچىك گۇناھلارغا خاس بولىدۇ دەيدۇ. يەنە بەزى ئۆلىمالار: كېچىك گۇناھلار بولمىغاندا چوڭ گۇناھلار يەڭگىلىتىلىنىدۇ دەيدۇ. "پەتھۇل بارىدىن ئېلىندى".

    ئۈچىنچى: مۇئمىن كىشىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە باشقا كۈنلەردىكىدىن بەكرەك ئىبادەتكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ھېرىسمەن بولىشى كېرەك، چۈنكى ئاخىرقى ئون كۈننىڭ كېچىسىدە قەدىر كېچىسى بار بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِنْ أَلْفِ شَهْرٍ  تەرجىمىسى: شەبى قەدرى(شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر. [سۈرە قەدىر 3-ئايەت].

    قەدىر كېچىسىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ساۋاپ بېرىش ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1768-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1268-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىبادەتكە باشقا ۋاقىتىدىكىدىن بەك تىرىشچانلىق قىلاتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى 1175-ھەدىس].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى كىرگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن ئايرىلىپ، ئىبادەتكە بەك تىرىشچانلىق قىلاتتى، كېچىنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى كېچىدە نامازغا ئويغىتاتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 2024-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1174-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن: رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىبادەتنى كۆپ قىلىش، كېچىنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ".

    تۆتىنچى: رامىزاندا كېچىلىك نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇش، نامازنى تامام بولغۇچە ئىمامغا ئەگىشىپ جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن تولۇق بىر كېچە ناماز ئوقۇغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، كېچىدە تولۇق تۇرالماي پەقەت ئازراق تۇرغان بولسىمۇ ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ، ئاللاھ تائالا كاتتا پەزلى ئىگىسىدۇر.

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار رامىزاندا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى، بۇ نامازنى ئۆيدە يالغۇز ئوقۇش ياخشىمۇ ياكى مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇش ياخشىمۇ؟دېگەن مەسىلىدە بىرلىككە كىلەلمىدى، ئىمام شاپىئى ۋە شاپىئى مەزھىپىدىكى كۆپچىلىك ئۆلىمالار، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام ئەھمەد بەزى مالىكى ئۆلىمالىرى ۋە باشقىلار: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە باشقا ساھابىلار ئادا قىلغاندەك، بۇنىڭغا مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ھالەتتە يەنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش ئەۋزەل دەپ قارايدۇ".

    ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىمام بىلەن ناماز ئاخىرلاشقىچە بىرگە ناماز ئوقۇپ قايتقان كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغان ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 806-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى