سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ھەر پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن ئىدىم، بۇ زۇلھەججىنىڭ 12-كۈنى پەيشەنبىگە توغرا كېلىپ قالدى، مەن جۈمە كۈنى تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئاڭلىدىم، پەيشەنبە تەشرىقنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئىدى، بۇ كۈندە روزا تۇتقانلىقىم ئۈچۈن خاتالاشقان بولامدىم؟ تەشرىق كۈنلىرى روزا تۇتۇش قەتئىي توغرا بولمامدۇ ياكى ھېيتنىڭ ئاۋۋالقى كۈنىلا روزا تۇتۇشتىن چەكلىنەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

ئىككى ھېيت كۈنى روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1992-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 827-ھەدىس].

ئۆلىمالار بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.

شۇنىڭدەك تەشرىق كۈنلىرىدىمۇ روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ، ئۇ قۇربان ھېيت كۈنىدىن كىيىنكى ئۈچ كۈن بولۇپ (يەنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 11-12-13-كۈنلىرى)، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تەشرىق كۈنلىرى يېيىش، ئىچىش ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىش كۈنلىرىدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى 1141].

ئەبۇ داۋۇد ئۇممۇ ھانىنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇ مۇررەدىن رىۋايەت قىلغان 2418-نومۇرلۇق ھەدىستە: ئەبۇ مۇررە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر بىلەن بىللە دادىسى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كېرگەندە، ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىككەيلەنگە تاماق كەلتۈرۈپ: يېگىن! دېدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر: مەن روزا تۇتقان،- دېدى، ئەمىر: يېگىن! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى بۇ كۈنلەردە ئېغىز ئېچىشقا بۇيرۇپ، روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن،- دېدى. ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ: بۇ تەشرىق كۈنلىرى ئىدى،- دەيدۇ. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا بۇ ئەسەرگە سەھىھ دەپ باھا بەرگەن.

لېكىن قۇربانلىق تاپالمىغان ھاجىلار بۈ كۈنلەردە روزا تۇتسا بولىدۇ، ئائىشە ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار مۇنداق دېدى: پەقەت قۇربانلىق تاپالمىغان كىشىلەرنىڭلا تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. [بۇخارى رىۋايىتى 1998-ھەدىس].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "قىران ھەج قىلغۇچى بىلەن تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچى قۇربانلىق ھەدىيە تاپالمىسا، روزا تۇتۇشتىن ئىلگىرى ھەج مەۋسۇمى كىتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتسا توغرا بولىدۇ، ئۇلاردىن باشقىلار ئۈچۈن تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش توغرا بولمايدۇ، ھەتتا ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى ئاي روزا تۇتىۋاتقان كىشىمۇ ھېيت كۈنىدە ۋە تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتمايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ". [رامىزان پەتىۋالىرى: 727-بەت].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 21049- ۋە 36950-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى