سەيشەنبە 21 شەۋۋال 1445 - 30 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەر كىشىنىڭ چەشمە كۆزلۈك ئۈزۈك سېلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    ئەر كىشىنىڭ چەشمە كۆزلۈك يېشىل ئۈزۈك سېلىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى بەزىلەر: بۇ تاشتا ئالتۇن ۋە مىستىن بولغان زەررىچىلەر بار، لېكىن ئۇ زەررىلەر ئاز دەيدىكەن؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى:  ئەر كىشىنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قولىغا سالغان ئالتۇن ئۈزۈكنى كۆرۈپ ئۇنى تارتىپ ئېلىپ تاشلىۋېتىپ : «سىلەرنىڭ بىرىڭلار قولىدا ئوتنىڭ چوغىنى تۇتۇشنى خالامدۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەتكەندىن كېيىن ھېلىقى كىشىگە:  ئۈزۈكۈڭنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن پايدىلانغىن دېيىلگەندە، ئۇ كىشى:  ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم ئۇنى مەڭگۈ ئالمايمەن، چۈنكى ئۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاشلىۋەتكەن دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى 2090-ھەدىس]

    ئىككىنچى:  لازورد تېشى تەركىبىدە ئالتۇن بولمىغان بىر قانچە مىنېرال ياكى مېتال ماددىلاردىن شەكىللەنگەن. "خەلقئارالىق ئەرەبچە توپلىمىدا" لازەۋردنى تونۇش تۇرۇپ لاپىس لازۇلى لازەۋرۇد دېگەن: زىننەت بۇيۇمى ئۈچۈن ئېشلىتىلىنىدىغان يېشىل تاش، بۇنىڭ ئاساسلىق ماددىسى يېشىل تاش، ئۇ يېشىل تاش: ناترى، ئاليۇمىن، سىلىكون، ئوكسىگېن گۇگۇت پوقى قاتارلىق ماددىلاردىن شەكىللىنىدۇ، بۇ لازورد تېشىنىڭ ئاساسلىق ماددىسى كالتىسىي، برايت سودلايت قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ تاشنىڭ ئەسلىسىنى ئايرىشتا ئاز مىقداردىكى سېرىق بېيرات ماددىسى ياردەم بېرىدۇ، بۇ تاشنىڭ تەركىبىدە كالتسىينىڭ تېپىلىشى ئومۇمى جەھەتتىن لازەۋرد تېشىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىۋېتىدۇ.

    ئافغانىستاننىڭ ھىندى قۇش تېغىدىن ۋە رۇسىيىدىكى بايقال دېڭىزىنىڭ غەربى جەنۇب تەرىپىدىنمۇ زور مىقداردا لازەۋرد ماددىسى تېپىلغان.

    قەدىمقى دەۋرلەردىن باشلاپ لازەۋردنى زىننەت بۇيۇملىرىغا ئىشلەتكەن، مىلادىيە ئون تۆتىنچى ئەسىرلەردە مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان پادىشاھ تۆت ئەنخ ئامۇننىڭ قەبرىسىمۇ ئالتۇندىن ۋە لازەۋردتىن ياسالغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان.

    ئىلگىركىلەر لازەۋرد تېشىنىڭ تىببى جەھەتتىمۇ خۇسۇسىيىتى بار دەپ ئېتىقاد قىلغان، ئۇلار بۇ تاشنى سوقۇپ يۇمشىتىپ سۈتكە ئارىلاشتۇراتتى، بۇ ئارىلاشما ماددىنى دانىخورەك ۋە يارا ئېغىزلىرىغا سۈركەيتتى.

    بىر كۈنلەردە سوقۇلغان لازەۋرد، لازەۋرد بويىقى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى، ئۇ بولسىمۇ:  رەسىم ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدېغان يېشىل بوياقتىن ئىبارەتتۇر".

    شۇنىڭغا ئاساسەن: ئەر كىشى چەشمە كۆزلۈك يېشىل ئۈزۈك  سالسا بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: ئېسىل تاشلارغا ئالاقىدار بولغان:  ئۇ بەخت-سائادەتنى جەلىپ قىلىدۇ، كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ دېگەندەك بۇتپەرەسلەرنىڭ خۇراپاتلىرىدىن ھەزەر قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. 

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى