پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قەرىزدارتۇرۇپ ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ بانكىدىن ئالغان قەرزىم بار، مەن ئۆمرىگە بېرىشنى نىيەت قىلغان ئىدىم، مەن ھەج ياكى ئۆمرىگە بېرىشتىن ئىلگىرى قەرىزلىرىمنى تولۇق ئادا قىلىشىمنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، بۇ توغرىدا ماڭا ئىسلامى پىرىنسىپتىكى بەلگىلىمىلەردىن چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بانكىدىن ئالغان قەرز جازانە شەكىلدىكى قەرز بولسا بۇ شەرىئەتتە چەكلەنگەن ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يەتتە چوڭ گۇناھلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، جازانىنى بارلىق مىللەتلەر چەكلىگەن، ھەتتا بۇتقا چوقۇنىدىغان بۇددىستلارمۇ چەكلىگەن، ئۇلاردىن سولۇن ئىسىملىك بىرى مۇنداق دەيدۇ: مال دېگەن تۇغماس توخۇغا ئوخشايدۇ، پۇل پۇلنى تۇغمايدۇ.

خرىستىئان ئەقىدىسىدە: جازانە يېگەن كىشى ئۆلسە ئۇنىڭ جەسىتى كىپەنلەنمەيدۇ دېيىلگەن، ھەتتا يەھۇدىيلارمۇ جازانە يېيىشنى چەكلىگەن. (ئەمما ئۇلار ئەمەل قىلمايدۇ).

    ئىسلام دىنى بولسا جازانىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ھېچ كىشى شەك قىلمىغۇدەك دەرىجىدە چەكلىگەن. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَحَلَّ اللَّـهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا ۚ فَمَن جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِّن رَّبِّهِ فَانتَهَىٰ فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّـهِ ۖ وَمَنْ عَادَ فَأُولَـٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ تەرجىمىسى: ھالبۇكى ئاللاھ سودا ـ سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. [سۈرە بەقەرە 275-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّـهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ تەرجىمىسى: ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلاربەقەرە سۈرىسى 278-ئايەت.

    ئەبۇ جۇھەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قان ساتقان پۇلدىن، ئېت ساتقان پۇلدىن، دېدەكنىڭ پاھىشە قىلىپ تاپقان پۇلىنى ھارام دەپ چەكلىدى، مەڭ چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچىگە، جازانە يېگۈچىگە، ۋەكىل بولغۇچىغا ۋە بۇت ياساپ ساتقۇچىغا لەنەت قىلغان. [بۇخارى رىۋايىتى 2238-ھەدىس].

   ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جازانە يېگۈچىگە، ۋەكىل بولغۇچىغا لەنەت قىلغان. [مۇسلىم رىۋايىتى 1597-ھەدىس].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك گۇناھدىن يىراق بولۇڭلار! دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار نېمىلەردىن ئىبارەت؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھرىگەرلىك قىلىش، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى چەكلىگەن جاننى ھەقسىز ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش كۈنلىرىدە ئۇرۇش مەيدانىدىن قىچىش ۋە پاك ئىپپەتلىك مۆئمىنە ئايالغا بۆھتان قىلىش، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 2615-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 89-ھەدىس].

    سەمۇرە ئىبنى جۇندۇپ رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىراج كېچىسىدە ئىككى كىشىنى كۆردۈم. ئۇلار مېنىڭ يىنىمغا كېلىپ، مېنى پاك زېمىنغا ئىلىپ چىقتى، بىز مېڭىپ قان ئېقىۋاتقان بىر دەريانىڭ بويىغا كەلدۇق، دەريادا بىر كىشى تۇرۇپتۇ، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كىشى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا بىر دۆۋە تاش بولۇپ، دەريادىكى كىشى سىرتقا چېقىشنى مەقسەت قىلسا، ئالدىدا تاش بار كىشى تاش بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرۇپ ئۇنى ئەسلى ئورنىغا قايتۇرىدىكەن، ھەر قاچان سىرتقا چىقىشنى مەقسەت قىلسا ئۇ كىشى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۇنى ئەسلى ئورنىغا قايتۇرىدىكەن. مەن: بۇ نېمە ئىش؟ دەپ سورىسام، بۇ جازانە يېگەن كىشى دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى1979-ھەدىس].

    سىز بۇ قىلمىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشىڭىز كېرەك، ئەمما سىزنىڭ قەرزىڭىز جازانە دائىرىسىگە كىرمەيدىغان قەرز بولسا بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق.

    ئىككىنچى: ھەج مەسىلىسىدە، سىزنىڭ قولىڭىز قىسقا بولۇپ ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىڭىزدىن ئىشىنالمىسىڭىز سىزگە ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ، لېكىن ھەج قىلىش مۇھىممۇ ياكى قەرىزنى ئادا قىلىشمۇ؟.

    كۈچلۈك قاراشتا قەرزنى ئادا قىلىش مۇھىم، چۈنكى قەرزدار كىشىنىڭ ھەج قىلىشى كېرەك بولمايدۇ، ھەجنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى مەلۇم مىقداردا ئىقتىساتقا ئىگە بولۇشتۇر.

    ھەج قىلىش بىلەن قەرز ئادا قىلىش باراۋەر بولۇپ قالسا ئالدى بىلەن قەرزنى ئادا قىلىش كېرەك، لېكىن قەرىزنى ئادا قىلىش ۋاختىنى كىچىكتۈرسە ياكى قەرز ئىگىسى سەبرى قىلىپ تۇرسا، ئۇ ۋاقىتتا ھەج ياكى ئۆمرە قىلىۋېلىپ ئاندىن قەرزنى ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قىيىنچىلىقى بار، قەرزدار كىشىنىڭ ھەج قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنى باشقىلار ھەج قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ھەج قىلىشى قەرز ئىگىسىنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋەتكەنلىك بولمايدۇ. ئۇ كىشىنىڭ كەسىپ قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى ياكى قەرز ئىگىسىنىڭ يوق بولۇپ قىلىپ ئۇ كىشىنىڭ قىلغان كەسپىدىن قەرزنى تولۇقلاپ بېرەلمىگەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر". [پەتىۋالار مەجمۇئەسى 16-توم 26-بەت].

    ئاشۇنىڭ ھەممىسى قەرزنىڭ ۋاقتى توشقاندا، قەرز ئىگىسى قەرزنى تەلەپ قىلغاندا قەرزنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ھەجگە تولۇق قادىر بولۇشنىڭ شەرتلىرىدىندۇر، ئەگەر سىز بىر قانچە كىشىگە قەرزدار بولغان بولۇپ تۇرقلۇق، سەپەر قىلىش تەييارلىقى ئاسان بولسا، ئائىلىمىز ياكى تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان كىشىلەرنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋەتمەستىن سەپەرگە تەييارلىق قىلسىڭىز بولىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ ھاجىتىغا يەتكۈدەك بىر نەرسە قويۇپ قويۇپ مېڭىشىڭىز كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز گۇناھكار بولىسىز ۋە ئاللاھ تائالا سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىڭىزگە تاپشۇرغان ئامانەتنى زايە قىلىۋەتكەن بولىسىز.

   خەيسەمە مۇنداق دەيدۇ: بىز ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر بىلەن بىرگە ئولتۇرغان ئىدۇق، ئۇنىڭ يېنىغا قۇللارنى باشقۇرىدىغان خوجىدارى كېرىپ كەلگەن ئىدى، ئۇ، خوجىداردىن: قۇللارنىڭ كۈنلۈك تەمىناتىنى بەردىڭمۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، خوجىدار: ياق دېدى، ئۇ: بېرىپ ئۇلارنىڭ تەمىناتىنى بەرگىن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ئىنسان ئۈچۈن، ئۆزى ئىگە بولغان كىشىنىڭ تەمىناتىنى توختىتىپ قويۇشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك گۇناھتۇر، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 996-ھەدىس].

    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنسانغا گۇناھ جەھەتتە ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان كىشىنىڭ تەمىناتىنى زايە قىلىۋېتىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1692-ھەدىس].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى