پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

روزىنىڭ ئاساسلىرى

سۇئال

روزىنىڭ ئاساسلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بارلىق پىقھىشۇناس ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا، بامداتنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغۇچە قەدەر روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش، روزىنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر.

نىيەت روزىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا پىقھىشۇناس ئالىملار ئارىسىدا ئوخشىمىغان كۆزقاراش بولۇپ: ھەنەفى ۋە ھەنبەلى مەزھىپىدىكى ئالىملار نىيەت روزىنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتى دەپ قارىغان.

مالىكى ۋە شافىئى مەزھىپىدىكى ئالىملار نىيەتنى روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش تۈرىدىكى روزىنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ.

نىيەت قىلىش روزىنىڭ ئاساسى بولسۇن ياكى سەھىھ بولۇشىنىڭ شەرتى بولسۇن، باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاشلا روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلمىسا ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن ساقلانمىسا روزا توغرا بولمايدۇ. [ئەلبەھر ئەررائىق 2-توم 276-بەت. مەۋاھىب ئەلجەلىل 2-توم 378-بەت. نىھايەت ئەلمۇھتاج 3-توم149-بەت. نەيل ئەلمەئارىب شەرھى دەلىل ئەتتالىب 1-توم 274-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى