پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزى بىدئەت ئەمەس، ئۇنىڭ مۇقىم بەلگىلەنگەن رەكئەت سانى يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

مۇبارەك رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن كىشىلەر تەراۋىھ نامىزىغا يۈزلىنىدۇ، مېنىڭ سوئالىم مۇنداق: بەزى كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇيدۇ، بەزى كىشىلەر يىگىرمە بىر  رەكئەت ناماز ئوقۇيدىغان بولۇپ، خۇپتەندىن كېيىن ئون رەكئەت ئوقۇيدۇ، بامدات نامىزىدىن بۇرۇن ئون رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ ئاندىن ۋىتىر نامىزى ئوقۇيدۇ، بۇ توغرىدا شەرىئەتنىڭ ھۆكمى قانداق؟. مېنىڭ بىلىشىمچە، بەزى كىشىلەر بامدات نامىزىدىن بۇرۇن كېچىلىك ناماز ئوقۇشنى بىدئەت دەپ قارايدىكەن؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تەراۋىھ نامىزى ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ"دا زىكىر قىلغاندەك مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن سۈننەت ناماز ھېسابلىنىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەراۋىھ نامىزىغا رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: رامىزاندا ئاللاھ تائالانىڭ ساۋاپ بېرىش ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ كېچىدە قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 37-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 760-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن، مۇسۇلمانلار بۇنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن تۇرسا، بۇ قانداقمۇ بىدئەت بولىدۇ؟.

   بەلكىم بىدئەت دېگەنلەر مەسچىتكە جۇغلىشىپ جامائەت شەكىلدە ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان بولىشى مۇمكىن.

بۇنداق دېيىشمۇ توغرا ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن بىر قانچە كېچە جامائەت بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغان، ئاندىن مۇسۇلمانلارغا تەراۋىھ نامىزىنىڭ پەرىز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ جامائەت بولۇپ ئوقۇشنى تەرك قىلغان، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ۋەھىي ئۈزۈلدى، پەرىز بولۇپ قىلىشتىن بولغان ئەنسىرەش تۈگىدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن تەراۋىھ نامىزىنىڭ پەرىز بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمانلارنى بىر ئىمامغا ئەگىشىپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا بىرلەشتۈرگەن. بۇ توغرىدا تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 21740- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    تەراۋىھ نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن باشلىنىپ تاڭ يورۇغىچە بولىدۇ. بۇ توغرىدا 37768-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئايرىم بېكىتىلگەن رەكئەت سانى يوق، بەلكى ئاز ئوقۇسىمۇ ياكى كۆپ ئوقۇسىمۇ توغرا بولىدۇ، سوئالدا بايان قىلىنغان ھەر ئىككى شەكىلدە ئوقۇسا توغرا بولىدۇ.

    تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەكەت سانىنى مەسچىتتىكى جامائەتنىڭ رەغبىتى بويىچە ئاز ياكى كۆپ قىلىپ ئوقۇسا بولىدۇ.

    ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىستە بايان قىلىنغىنى بويىچە كېچىلىك نامازنى رامىزاندا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن ئون بىر رەكەتتىن ئاشۇرماي ئوقۇشتۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەكەت سانىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدا كەڭرىچىلىك بار، ئون بىر رەكەت ئوقۇغان كىشىمۇ ياكى يىگىرمە ئۈچ رەكەت ئوقۇغان كىشىمۇ ئەيىپلەنمەيدۇ، بەلكى ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىك بار". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى"1-توم 407-بەت]. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 9036- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى