جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

رامزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە چىش داۋالىتىش توغرىسىدا

سۇئال

ئېزىق چىشىم ھازىر چىققىلى تۇردى، بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن: رامزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە چىش مىلىكىگە ئاغرىق پەسەيتىش مەلھىمى قويسام بولامدۇ؟ يەنە بىرى: مەن روزىدارلىق ھالەتتە چىشىمنى تارتقۇزۇش ئۈچۈن ئېغىز بوشلۇقۇم مەس قىلىنسا دۇرۇس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

رامزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە روزىدارنىڭ چىشىنى داۋالىتىشى ۋە چىش مىلىكىگە مەلھەم ئىشلىتىشى دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن چىش مىلىكىگە قويۇلغان دورا-مەلھەملەرنى يۈتىۋەتمەسلىك كېرەك.

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىدنىڭ "روزا توغرىسىدا 70 مەسىلە" دېگەن رىسالىسىدا، رامزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە روزىداردىن سادىر بولسا ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدىغان بەزى ئىشلار بايان قىلىنغان،مىسال ئۈچۈن بۇنىڭدىن بىر قانچىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:

1-يۇرەك سانجىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن تىلىنىڭ ئاستىغا تابلىتا دورىلارنى قويسا بولىدۇ. لېكىن كانايغا كېلىپ قالغاندا يۈتىۋىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

2-چىش يىلتىزىنى كولاش، چىشنى تارتقۇزۇش، چىشنى تازىلىتىش، مىسۋاكۋە چىش چوتكىسى ئىشلىتىش قاتارلىقلار دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن يۇقىرىقى ئىشلار سەۋەبلىك كانايغا كېلىپ قالغان سۇيۇقلىقلارنى يۈتىۋەتمەسلىك كېرەك.

3-ئېغىزىغا سۇ ئىلىش، ئېغىزىنى چايقاش ۋە ئېغىز بوشلۇقىدىن بىرەر جاينى داۋالاش ئۈچۈن پۈركۈگۈچ ئارقىلىق دورا قىلسا بولىدۇ، لېكىن بۇ سەۋەبلىك كانايغا كېلىپ قالغان نەرسىلەرنى يۈتۈۋىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ["روزا توغرىسىدا 70 مەسىلە" دېگەن كىتاپچىدىن ئېلىندى].

رامزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە ئېغىز بوشلۇقىنى ناركوز قىلىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا، مادامىكى مەزكۇر ناركوزنىڭ تەسىرى پۈتۈن كۈن (يەنى سۈبھى يورۇغاندىن تارتىپ كۈن پاتقۇچە قەدەر) داۋاملاشمايدىغانلا بولسا دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتىكى ناركوزنىڭ ھۆكمى ئۇيقۇنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 12425-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى