سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئايرۇپىلانغا چىققان يولۇچى قاچان ئىپتار قىلىدۇ؟

سۇئال

ئايرۇپىلانغا چىققان كىشى قايسى ۋاقىتتا ئىپتار قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    كۈن پاتقاندا زېمىندا ئىپتار قىلىپ، ئاندىن كېيىن ئايرۇپىلان كۆتۈرلۈپ كۈننى كۆرگەن بولسا، ئۇ كىشىگە ئىپتار قىلىشتىن چەكلىنىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى شۇ كۈنلۈك روزىدىن ئىبارەت بولغان ئىبادەتنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىبادەتنى قايتىلاش كېرەك بولمايدۇ. ئەمما ئايرۇپىلان كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى كۆتۈرۈلگەن بولسا، ئۇ كىشى شۇ كۈنلۈك  روزىسىنى سەپەردە تاماملىغان بولىدۇ، ئۇلار ھاۋادا كېتىۋاتقان ۋاقىتتا قەيەردە كۈن پاتسا شۇ يەردە ئىپتار قىلىدۇ، ئايرۇپىلان ھەيدىگۈچىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىپتار قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئايرۇپىلاننى كۈن كۆرەلمەيدىغان تۆۋەنرەك جايغا چۈشۈرىشى توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش ھېلە-نەيرەڭ ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ھاۋا يۆلىنىشى بويىچە پەسلەپ قۇياشنىڭ سىرتىقى كۆرەلمىسە ئىپتار قىلسا بولىدۇ. "شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ ئاغزاكى پەتىۋالىرىدىن ئېلىندى. "روزىدىكى يەتمىش مەسىلە"ناملىق ئەسەرگە قارالسۇن.

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتقۇچى ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ، سائەت ياكى تىلىپۇن ئارقىلىق ئۆزى يېقىن بولغان شەھەرنىڭ ئىپتار قىلىش ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ ئەمما ئايرۇپىلاننىڭ ئېگىز ئۇچقانلىق سەۋەبىدىن قۇياشنى كۆرۈپ تۇرغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئىپتار قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ تەرجىمىسى: روزىنى كۈن پاتقۇچە تاماملاڭلار [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت]. قۇياشنى كۆرۈپ تۇرىدىكەن روزىنى تاماملاشتىن ئىبارەت بولغان بۇ غايە ئەمەلىيلەشكەن بولمايدۇ.

    ئەمما كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىدا ئىپتار قىلىپ ئاندىن ئايرۇپىلانغا چىققان بولسا، ئاندىن قۇياشنى كۆرگەن بولسا، ئۇ كىشى ئىپتار قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ھۆكمى كۈن پاتقاندىن كىيىن ئايرۇپىلان كۆتۈرۈلگەن يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاشتۇر".

دائىمىي كومىتېتنىڭ يەنە بىر پەتىۋاسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: روزا تۇتقۇچى ئىنسان رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايروپىلاندا بولسا، ئۇ كىشى روزىسىنى تولۇق داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىپتار قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋالار مەجمۇئەسى"10-توم 136-137-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى