ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
3,75016/شعبان/1439 , 02/ماي/2018

زىققى كېسەل كىشىنىڭ پۈركۈگۈچ ئىشلىتىشى روزىنى بۇزمايدۇ

سوئال: 37650

زىققى كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئېغىزىدىن پۈركۈگۈچ ئىشلەتسە روزىسى بۇزۇلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

 رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئېغىزىدىن پۈركۈگۈچ ئىشلەتسە روزىسى بۇزۇلمايدۇ. (دېمى سىقىلغاندا پۈركۈگۈچ ئىشلەتسە روزا بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى  ئۇ يېمەك بولماستىن بەلكى بىسىم بىلەن ئۆپكىگە بارىدىغان گازدىن ئىبارەت بولۇپ، بىمار بۇنىڭغا رامىزاندا ۋە باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ دەۋەت پەتىۋالىرى 979-نۇمۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ پۈركۈگۈچ پۈركىيدۇ لېكىن ئاشقازانغا بارمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن: روزا تۇتقۇچى بۇنى ئىشلەتسە روزا بۇزۇلمايدۇ دەيمىز". [ئىسلام ئاساسى  ناملىق ئەسەر 475-بەت].

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "دېمى سىقىلىدىغان بىمارنىڭ  ھاۋا كىرگۈزگۈچ نەيچىلىرى بىلەن ئاشقازانغا كىرگۈزمەستىن سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئۆپكىگە ھاۋا يەتكۈزىدىغان پۈركۈگۈچ دورىلارنى ئىشلىتىشى روزىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەرسىلەردىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق دورىلارنى ئىشلەتسە روزا بۇزۇلمايدۇ". ["ئىسلام پەتىۋالىرى"1-توم 130-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android