پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

دادىسى ئەقلىدىن ئېزىپ قالسا ياكى بەك ياشىنىپ كەتسە، ئۇنىڭ مال مۈلكىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟

سۇئال

   ئاتام ئەقلدىن ئېزىپ قىلىشتىن بۇرۇن ئاللاھ ئۇنىڭغا شىپالىق ئاتا قىلسۇن- يەمەندىكى تاغامنىڭ ئوغلىغا ئايرىم-ئايرىم ۋاقىتلاردا مەلۇم مىقداردا مال بەرگەن، ھەتتا ھازىرغىچە بەرگەن مالنىڭ ئومۇمى مىقدارى يەتمىش بەش مىڭ(75000) رىيالغا يەتكەن، ھەر قېتىم ئۇنىڭغا مالنى بەرگەندە: بۇ مال بىلەن مۇنداق-مۇنداق ئىش قىلغىن دەيتتى، ئېنىق بىر ئىشنى بىكىتمەيتتى، ئۇنىڭغا ئاخىرىقى قېتىم مالنى بەرگەندە: ئەگەر مەن ۋاپات بولۇپ كەتسەم، بۇ پۇلغا ئۇلاغ ئىلىپ ئۆلتۈرۈپ سەدىقە قىلىۋەتكەن دېگەن. مەن تاغامنىڭ ئوغلى بىلەن ئالاقە قىلىپ بۇ مالنى قانداق قىلغانلىقىنى سورىسام، ئۇ: پۇلنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى، قاچان بولسا قايتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، دادامنىڭ يەنە يەمەندە قانۇنلۇق بولمىغان بىر پارچە زېمىنى بولۇپ، ئاتامنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇنىمۇ تاغامنىڭ ئوغلى سېتىۋالغان ئىدى، مېنىڭ سوئالىم: بۇ مالنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟، بۇ يەمەندە بىر تەرەپ قىلساق ياخشى بولامدۇ ياكى بىز ياشاۋاتقان يۇرتتىمۇ؟. تاغامنىڭ ئوغلىنىڭ تەلىپى بىلەن بۇ زېمىننى چىتلاپ ئەتراپنى توساپ باشقىلارنىڭ ئىگەللىۋېلىشىدىن ساقلاش  ئۈچۈن بۇ مالدىن سەرپ قىلساق توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ياشىنىپ قالغان ياكى ئەقلىدىن ئېزىپ قالغان كىشىنىڭ ئۆز مال-مۈلكىدە تەسەررۇپ قىلىشى چەكلىنىدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزى خىراجەت قىلىپ بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا كۆرە خىراجەت قىلسا بولىدۇ.

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: ياشىنىپ قىلىپ ئەقلىدىن ئېزىپ قالغان كىشىگە مال-مۈلكىدە تەسەررۇپ قىلىش چەكلىنىدۇ، بۇ كىشى مەجنۇن يەنى ئەقلىدىن ئېزىپ قالغان كىشىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆز مېلىنى ساقلاش ۋە توغرا شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىشتىن ئاجىز كىلىشتە كېچىك بالا ۋە ئەقىلىنى يوقاتقان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ".  "[ئەل مۇغنى" 6-توم 610-بەت.]

    بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا چەكلىمە قازى ياكى مەھكىمە تەرىپىدىن بولىدۇ ۋە چەكلىمە قويۇلغان كىشىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان كىشى بەلگىلىنىدۇ.

   بۇ ھەقتە 202990 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا : ئەگەر شەرئى مەھكىمە بولمىسا، ئوغۇللار ئۇ ماللارنى ئىدارە قىلىدىغان  ۋە ساقلايدىغان بىرسىنى تاللايدۇ، چۈنكى ئىگىدارچىلىق قىلىش چەكلىمە قويۇلغان كىشىگە ئەڭ يېقىن ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە كۆرە ئىش قىلىدىغان كىشى ئۈچۈن بولىدۇ

ئىككىنچى: چەكلىمە قويۇلغۇچى كىشىنىڭ مېلىغا ئىگە بولغان كىشى ئۇ كىشىنىڭ مېلىنى ساقلاشتا ئۇ كىشىنىڭ پايدىسىغا قارايدۇ، ئۇ مالنى پەقەت چەكلىمە قويۇلغان ۋە ئۇ كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ خىراجىتى ئۈچۈنلا سەرپ قىلىدۇ.

"پىقھى توپلاملىرى" 45 توم  162 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلىنغان: «ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزۈش يوق» دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن پىقھى ئالىملىرى چەكلىمە قويۇلغان كىشىنىڭ مال-مۈلكىگە ئىگە بولغان كىشىنىڭ ئۇ مالنى سەرپ قىلىشتا بەك ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ھەدىستىن مۇنداق مەسىلىلەر چېقىرلىنىدۇ:  مېلىغا چەكلىمە قويۇلغان كىشىنىڭ بەدەلسىز باشقىلارغا ھەدىيە-سوغات بېرىشى، باشقىلارغا مالنى ۋەسىيەت قىلىشى، سەدىقە قىلىشى، قۇل ئازات قىلىشى ۋە بىر نەرسىنى بەك ئەرزان سېتىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ۋەلىيسىنىڭمۇ بۇنداق قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر  بىر نەرسىنى ئىئانە قىلغان ياكى ھەدىيە قىلغان ياكى سەدىقە قىلغان ياكى قۇل ئازات قىلغان ياكى بىر نەرسىنى ئەرزان سېتىۋەتكەن بولسا ياكى نورمال خىراجەتنى ئاشۇرۇپ قىلغان بولسا، ياكى مالنى ئىشەنچىسىز كىشىگە بېرىۋەتكەن بولسا ئۇنىڭ بەدىلىنى ئۆتەيدۇ، چۈنكى ۋەلىي باشقىلارنىڭ مۈلكىنى بەدەلسىز يوق قىلىۋەتكەن بولدى، بۇ باشقىلارنىڭ مېلىغا زەرەر يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر.

     ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: وَالَّذِينَ إِذَا أَنفَقُوا لَمْ يُسْرِفُوا وَلَمْ يَقْتُرُوا وَكَانَ بَيْنَ ذَٰلِكَ قَوَامًا ‏تەرجىمىسى: «ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ.» [سۈرە پۇرقان 67 - ئايەت.]

    شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى :ئەگەر سەل قارىغان بولسا ياكى ئىسراپخورلۇق قىلغان بولسا، گۇناھكار بولىدۇ، سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى تۆلەيدۇ".

   سوئال سورىغۇچىغا: ئۇ كىشى ئاتىسىنىڭ مېلىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئۇنى سەدىقە قىلمايدۇ، زېمىنىنىڭ ئەتراپىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن  مال سەرپ قىلسا بولىدۇ چۈنكى ئۇمۇ ئاتىسىنىڭ مېلىنى ساقلاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

   "مەنار ئەسسەبىيل" 1-توم 388-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ  تەرجىمىسى: «يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ (قۇرامىغا يېتىپ ) ئەقلى يېتىلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار.» [سۈرە ئەنئام 152-ئايەت].

    شۇنىڭ ئۈچۈن كېچىك بالىنىڭ، ئەقىلسىزنىڭ ۋە ساراڭنىڭ مېلىغا ئىگە بولغان كىشىنىڭ ئۇلارنىڭ مېلىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىشى ۋە پايدىسىز ئىشلارغا سەرپ قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ.  ئەمما ئاتىڭىزنىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلاغ ئۆلتۈرۈپ، سەدىقە قىلىش توغرىسىدىكى ۋەسىيىتىگە كەلسەك، بۇ ۋەسىيەت توغرا، بۇنى ئاتىڭىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاتىڭىز تاغىڭىزنىڭ ئوغلىغا ئاخىرقى قېتىم بەرگەن مالدىن ئىجرا قىلىدۇ، ئەگەر بۇ ئومۇمى مالنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى دائىرىسىدە بولسا، ئەگەر ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ قالسا، بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى ئىجرا قىلىش ۋارىسلارنىڭ رۇخسىتىگە قاراشلىق بولىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى