جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئېنىقسىز پايدا نىسبىتى بىلەن سودا مەركىزىگە مەبلەغ سىلىش توغرىسىدا

سۇئال

   مەن گېرمانىيىدە تۇرىمەن، ئىنتېرنىتتىن تور ساھەسىدە سودا-سېتىق قىلىدىغان ئىلىكتۇرۇنلۇق سودا بازىرىنى تاپتىم، بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، بىر كىشى ئىلىكتۇرۇنلۇق سودا بازىرىغا مەبلەغ سالسا، توردىن پۇلنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭدىن پايدىسىنى ئالىدىكەن، ئەمما پايدا مەلۇم مىقداردا دەپ بېكىتىلمىگەن، مەن بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئوقۇپ چىقتىم، پايدا 10% دىن 50% گىچە بولىدىكەن، مەسىلەن: ئىلىكتۇرۇنلۇق سودا مەركىزى ھېسابىغا يۈز دوللار ئەۋەتسەم، شۈ كۈنى شىركەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سېتىۋالىدىغان نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ ئەۋەتىدۇ، ئۇ نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىن كىيىن يەنى كىيىم-كېچەك، تەنتەربىيە سايمانلىرى قاتارلىق نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى ئىدارىنىڭ تور بېتىدە ساتىدۇ، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئەسلى باھاسى ۋە پايدىسىنى بايان قىلىدۇ، مۇشۇ نەرسىلەردىن بولغان پايدىنى مېنىڭ ھېسابىمغا قېتىۋېتىپتۇ، بۇ ئىش كۈندىلىك بۇ شەكىلدە داۋاملىشىدۇ، مەن كۆزىتىپ باقتىم، دوستلىرىمنىڭ ئالغان پايدىسى مۇقىم بولمىسىمۇ لېكىن 10% ئەتراپىدا  يەنە سېتىلغان مالنىڭ ھېسابى بويىچە بولىدىكەن، بۇ شەكىلدە ئالغان پايدا توغرىمۇ ياكى جازانىغا كىرەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     ھەر قانداق شىركەت، بانكا ياكى ئىلىكتۇرۇنلۇق سودا ئورۇنلىرىغا مەبلەغ سىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەرگە رېئايە قىلىش كېرەك بولىدۇ:               1-مەبلەغ سىلىش ئورۇنلىرىنى بىلىش كېرەك، بۇنى بىلىش ياخشىدۇر، نېمە تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان شىركەتكە مەبلەغ سىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق شىركەتلەر جازانە مۇئامىلىسىگە ياكى چەكلەنگەن پايچېكىگە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا قىمارخانا، ھاراقخانا ۋە چەكلەنگەن ماللارنى ساتىدىغان ئورۇنلارغا مەبلەغ سىلىشى مۇمكىن.  سالغان مەبلەغنى تولۇق قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلماسلىقى، تىجارەتتە زىيان كىلىپ چىققاندا، بۇ زىيان شىركەتنىڭ كەمچىلىكى ياكى پەرۋاسىزلىقىدىن ياكى بۇ زىياننىڭ كىلىپ چىقىشىغا شىركەت سەۋەبچى بولمىغان بولسا، شىركەت باشقىلارنىڭ سالغان مەبلىغىنى تولۇق قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلمايدۇ.

    بۇنداق بولىشى ئەسلى سەرمايە ھەقىقەتتە قەرز بولۇپ، قەرزدىن كەلگەن پايدا جازانە ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسلى سەرمايە تولۇق قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنمايدۇ.

   2-پايدا ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئومۇمى پايدىنىڭ نىسبىتى بويىچە بولىدۇ، ئەسلى سەرمايىنىڭ نىسبىتى بويىچە بولمايدۇ، مەبلەغ سالغۇچى ئۈچۈن پايدىنىڭ ئۈچتىن بىرى ياكى يېرىمى ياكى 20% دېگەندەك بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ، ئەسلى سەرمايىنىڭ ھېسابى بويىچە بولمايدۇ.

پايدىنىڭ نىسبىتى ئېنىقسىز بولسا توغرا بولمايدۇ، ئېنىقسىزلىق شەرئى مۇئامىلىلەرنى بۇزىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەبلەغ سىلىش كېلىشىمىنىڭ توغرا بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن: ئىشچىنىڭ ئالىدىغان ئۈلۈشىنى بېكىتىش كېرەك، چۈنكى ئىشچى ئۇنى ئىلىشقا شەرت بىلەن ھەقلىق بولىدۇ، شەرت قىلمىغاندا ئۇنى بېكىتكىلى بولمايدۇ.

     ئاندىن مۇنداق دېدى: ئەگەر، مەبلەغ سالغىن، ساڭا پايدىدىن بىر قىسمى بېرىلىدۇ، ياكى پايدىغا شېرىك بولىسەن ياكى پايدىدىن، ئۈلۈشتىن ياكى نەسىۋىدىن بىر قىسمىنى ئالىسەن دېسە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئېنىقسىز، مەبلەغ سىلىش كېلىشىمى پايدىدىن مەلۇم مىقدارنى بېكىتىش بىلەن توغرا بولىدۇ.

     شېرىكچىلىكتىكى ھەر بىر شېرىكنىڭ پايدىدىن ئالىدىغان مىقدارى ئېنىق بولۇش كېرەك دېگەن ھۆكۈم مەبلەغ سىلىش سودىسىدىكى ھۆكۈمگە ئوخشاشتۇر. [ئەلمۇغنى 5/24-27-بەت].

     سىزنىڭ تور بەتتىن ئوقۇدۇم، ئالىدىغان نىسبەت 10% دىن 50% گىچە بولىدىكەن دېگەن سۆزىڭىزگە كۆرە، مۇشۇ نىسبەتنىڭ پايدىدىن بولىدىغانلىقى مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ نىسبەتنى بېكىتىشكە كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ ئېنىقسىز بىر نىسبەت بولۇپ، مۇشۇنداق تور بېتىگە شېرىك بولۇش چەكلىنىدۇ، ئەگەر بېكىتىلگەن پايدىنىڭ نىسبىتى ئەسلى سەرمايىدىن بولىدۇ دېگەنلىك مەقسەت قىلىنسا بۇنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېنىقتۇر، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ھەقىقى شېرىكچىلىك بولماستىن بەلكى جازانە شەكىلدىكى قەرىزگە ھېلە قىلغان بولىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى