پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئېھرامغا كىرگەندە كەمەر باغلىسا ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئېھرام كىيگەندە، پۇل ۋە ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى سېلىش ئۈچۈن يىڭنىدە تىكىلگەن كەمەر تاقىۋالسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن: ئېھرام كىيگەندە ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى سېلىش ئۈچۈن يىڭنىدە تىكىلگەن كەمەر تاقىسا ھېچ نەرسە بولمايدۇ دېگەن.

سوئال سورىغۇچىنىڭ يىڭنىدە تىكىلگەن دېگەن سۆزى بەزى كىشىلەرنىڭ خاتا چۈشەنچىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار يىپ بىلەن تىكىلگەن ھەر قانداق نەرسىنى كىيىشنى توغرا بولمايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان، ئىش ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئالىملارنىڭ يىڭنىدە تىكىلگەن نەرسىنى كىيمەسلىك دېگەندىن بولغان مەقسىتى: بەدەن ئەزالىرىغا مۇناسىپ شەكىلدە تىكىلگەن كۆينەك، ئىشتان ۋە ئېچكىيىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر، بۇنىڭدىن مۇتلەق يىڭنىدە تىكىلگەن نەرسىنى كىيمەسلىك دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئېھرامدا ئاستى ۋە ئۈستىگە يىڭنىدە تىكىلگەن ئېھراملىقنى كىيسە ھېچ خاتا بولمايدۇ.

مەنبە: ئىسلام ئاساسى پەتىۋالىرى 525-بەت