جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان ھامىلدار ئايال توغرىسىدا

سۇئال

مەن ھامىلدار بولۇپ، ئەھۋالىم تازا ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سەجدىنى مۇكەممەل شەكىلدە قىلىشقا قادىر بولالمايمەن، مەن نامازنىڭ كۆپ قىسمىدا قىيامدا تۇرۇشقا قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق ئولتۇرۇپ ناماز ئادا قىلسام بولامدۇ؟، ئولتۇرۇپ ناماز ئادا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى، يەردە ئولتۇرۇشمۇ ياكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشمۇ؟، ئۆرە تۇرىدىغان ئورۇنلاردا ئۆرە تۇرۇپ، سەجدە قىلىدىغان ۋە ئېگىلىدىغان ئورۇنلاردا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئادا قىلسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كېسەلنىڭ نامىزىدىكى قائىدە: كېسەل كىشى نامازنىڭ پەرىز، ۋاجىپ ئەمەللىرىدىن قادىر بولالىغانلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك، قادىر بولالمىغانلىرى ئۇنىڭ زىممىسىدىن ساقىت بولىدۇ. بۇ توغرىدا قۇرئان ۋە ھەدىستە نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىندى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ تەرجىمىسى: «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلا وُسْعَهَا تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرىسام، ئۇنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ئادا قىلىشقا تېرىشىڭلار.» [بۇخارى رىۋايىتى 7288-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1337-ھەدىس].

    ئىمران ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن بوۋاسىر كېسىلى بولۇپ قالغانتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نامازنى قانداق ئوقۇش توغرىسىدا سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ يېنى يېتىپ ئوقۇغىن» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1117-ھەدىس].

    مۇشۇ قائىدىلەرگە ئاساسەن ئەگەر سىز ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا قادىر بولالىسىڭىز، ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشىڭىز كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئۆرە تۇرۇشتىن ئاجىز كەلسىڭىز ياكى ئۆرە تۇرۇش قېيىن بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا ئولتۇرۇپ ناماز ئادا قىلسىڭىز بولىدۇ.

   سىزگە يەردە ئولتۇرۇش ئاسان بولسا يەردە، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش ئاسان بولسا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇڭ لېكىن يەردە ئولتۇرسىڭىز ياخشى بولىدۇ، چۈنكى سۈننەت بويۇنچە ئىنسان قىيامدا تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىدىغان ئورۇندا چازانە قۇرۇپ ئولتۇرسا بولىدۇ، ئورۇندۇقتا بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىغاندا، ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ، ياخشىسى رۇكۇ قىلىدىغان ۋە قىيامدا تۇرىدىغان ئورۇندا چازانە قۇرۇپ ئولتۇرسا بولىدۇ". ["كېسەلنىڭ تاھارىتى ۋە نامىزى"ناملىق رىسالىسىدىن ئېلىندى].

    ئولتۇرغاندا چازانە قۇرۇپ ئولتۇرۇش زۆرۈر ئەمەس، قانداق ئولتۇرۇش مۇۋاپىق بولسا شۇنداق ئولتۇرسا بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام «ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمىساڭ ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن» دېگەن، قايسى شەكىلدە ئولتۇرۇشنى بايان قىلمىغان. ["شەرھى مۇمتىئ" 4-توم 462-بەت].

    ئەگەر سىزگە رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىش قىيىن بولۇپ قالسا، دۈمبىڭىزنى ئېگىپ، رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئىشارەت بىلەن قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، رۇكۇدىن سەجدىنى پەسرەك قىلىسىز.

    ئەگەر ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالىسىڭىز، ئۆرە تۇرۇپ رۇكۇنى ئىشارەت بىلەن قىلسىڭىز، سەجدىنى ئولتۇرۇپ قىلسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى ئۆرە تۇرۇش رۇكۇغا نىسبەتەن ئولتۇرغاندىن يېقىن بولىدۇ، ئولتۇرش بولسا سەجدىگە نىسبەتەن ئۆرە تۇرغاندىن يېقىن بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولۇپ رۇكۇ قىلىش ۋە سەجدە قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىدىن قىيامدا تۇرۇش زىممىسىدىن ساقىت بولمايدۇ، بەلكى ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئادا قىلىدۇ، رۇكۇنى ئۆرە تۇرۇپ ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ، ئاندىن ئولتۇرۇپ سەجدىنىمۇ ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ، سەجدىنى رۇكۇدىن تۆۋەنرەك قىلىدۇ، ئەگەر يالغۇز سەجدە قىلىشتىن ئاجىز كەلسە، رۇكۇ قىلىدۇ، سەجدىنى ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ.

   كېسەل ناماز ئارىسىدا ئىلگىرى ئاجىز كەلگەن قىيامدا تۇرۇش، ئولتۇرۇش، رۇكۇ قىلىش ياكى سەجدە قىلىش قاتارلىق  ئەمەللەردىن بىرەرىنى قىلىشقا قادىر بولسا، نامىزىنىڭ قالغانلىرىنى قادىر بولغان ھالەتتە ئادا قىلىدۇ". ["كېسەلنىڭ تاھارىتى ۋە نامىزىغا دائىر ھۆكۈملەر"].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رۇكۇ قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشى رۇكۇغا ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ئىشارەت قىلىدۇ، سەجدە قىلىشقا قادىر بولالمىسا، سەجدىگە ئولتۇرغان ھالەتتە ئىشارەت قىلىدۇ". ["شەرھى مۇمتىئ" 4-توم 475-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى