شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇھىم ۋەزىپىلەر ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى تامام بولىدۇ، بەزىلىرى كۆرۈنۈشتە تامام بولىدۇ، ھەقىقەتتە تامام بولمايدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

مەن شەخسى شىركەتتە ئىشلەيمەن، ئايلىق ئىش ھەققىمىز تاماملىغان خىزمىتىمىزنىڭ ھېسابى بويىچە نومۇر ياكى نۇقتا شەكىلدە بولىدۇ، ئاندىن يىللىق نۇقتىلار توپلىنىدۇ، شۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنىڭ زىيادە بولغانلىقى ياكى پايدىنىڭ زىيادە بولغانلىقى بېكىتىلىنىدۇ. ھەر قايسى بۆلۈم ئەزالىرىنىڭ قىلىدىغان مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى بېكىتىدۇ، ياكى بۇنى يېتىدىغان نىشان دەپ ئاتايدۇ، كۆپچىلىك خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىشى قېيىن بولىدۇ، ئامال بولمىغاندا خىزمەتچىلەر دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى خىزمەتكە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن كېلىپ ۋە كېيىن قايتىپ ئىشلىسىمۇ بەلگىلەنگەن نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرەلمەيدۇ.

    مېنىڭ سوئالىم: مۇھىم ۋەزىپىدىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تامام بولغىلى ئاز قالغان ئەمما ھەممىسى تولۇق تامام بولمىغان ئىشقا ھەق ئالساق بۇ ھارام بولامدۇ ياكى ھارامغا يېقىن بولامدۇ؟ بۇنىڭدا ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟ ئەپسۇس، مەن ۋە باشقا خىزمەتداشلىرىم كۆرۈنۈشتە ۋە ئومۇمى شەكىلدە خىزمەتنى تاماملىغان بولىمىز، كۆپ قىسمى تامام بولغان بولسىمۇ، ئاز بىر قىسمى تامام بولمايدۇ، بىز يىللىق ئالىدىغان نۇقتىلارنى ھەممىنى تامام قىلدۇق دەپ ئالىمىز؟ نورمالدا 90% پىرسەنت ھەممە جەھەتتىن تولۇق تامام بولىدۇ 10% پىرسەنت تامام بولمايدۇ، بۇ توغرىدا مۇدىرلارغىمۇ شىكايەت قىلدۇق لېكىن بۇنىڭ ھېچ پايدىسى بولمىدى؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كېلىشىمدە ئىتتىپاق كەلگەن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ، ئەگەر تولۇق ئورۇندىمىسا تولۇق ئىش ھەققىگە ئىگە بولالمايدۇ پەقەت ئىشلىگىنىگە يارىشا ھەق ئالىدۇ.

     ئەگەر قىلىدىغان خىزمەت كۆپ، ئادەتتە ھەممىنى قىلىشقا ۋاقىت يېتىشمەيدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا خىزمەتچى ئىختىيارلىقتا بولىدۇ، خالىسا كونا ئۇسۇل بويىچە خىزمەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ ياكى توختام ۋاقىتلىق بولسا ۋاقىت توشقاندىن كېيىن توختامنى يېڭىلىمايدۇ ياكى توختام ئايلىق بولغان بولسا، ئاي توشقاندىن كېيىن ئىشتىن توختايدۇ.

ئەگەر توختامدا بېكىتىلگەن شەرتلەرنى قوبۇل قىلغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا بۇنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك.

    سىز سوئالدا بايان قىلغان ئەھۋال: كۆرۈنۈشتە ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلغاندەك، ئەمەلىيەتتە تولۇق ئادا قىلماسلىق ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ھەقسىز يېيىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ إِلَّا أَنْ تَكُونَ تِجَارَةً عَنْ تَرَاضٍ مِنْكُمْ  تەرجىمىسى:« ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا.» [سۈرە نىسا 29-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانغا يەنە بىر ئىنساننىڭ مېلى پەقەت كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن بولسا ھالال بولىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 20172-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل"دە 1459-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئالدامچىلىق قىلىدىكەن ئۇ بىزدىن ئەمەس» [مۇسلىم رىۋايىتى 102-ھەدىس].

    خىزمەتنى تەلەپ بويىچە ئورۇنداشقا تېرىشىڭ، ئىشنى يەڭگىللىتىپ بېرىش توغرىسىدا رەھبەرلەرگە تەلەپ سۇنۇڭ، ئاللاھ تائالادىن سىزگە ياردەم بېرىشىنى ۋە ئۆز پەزلىدىن كەڭرى رىزىق ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى