سەيشەنبە 5 جىمادۇل ئەۋۋەل 1444 - 29 نويابىر 2022
Uygur

ئىلىم ئوقۇش بىلەن كىشىلەرگە تەلىم بېرىش ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قالغان ئوقۇغۇچى بۇ توغرىدا يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟

349464

تارقاتقان ۋاقىت : 20-11-2021

كۆرگۈچىلەر : 527

سۇئال

   مەن يىگىرمە ياشقا كىرگەن دىنى ئوقۇغۇچى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلغان، ئىككى يىل بۇرۇن رىيادتىن كەرىككە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئۇ يەردە كۆرگەن نادانلىق، جاھىللىق، شەرئىي ھۆكۈمنىڭ ئاجىزلىقى مېنى بەك بىئارام قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەن بارلىق تېرىشچانلىقىم بىلەن شەرئىي ئىلىملەرنى ئۈگىنىشكە كىرىشتىم، رىيادتا بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىم ۋە كۆپلىگەن دوستلىرىم مېنىڭ كىشىلەردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى ئەيىبلىدى، مېنى مەيدانغا چېقىپ كشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە رىغبەتلەندۈردى، ئۇلارنىڭ قارىشىدا مەن كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىلىملەرنى يەتكۈزەلەيتكەنمەن، لېكىن مەن بىلىمىمنىڭ ئازلىقى، مېنى خاتا كەتسەم توغرىلاپ، يېتەكلەپ تۇرىدىغان كىشىنىڭ بولماسلىقى، ئەكسىچە جەمئىيەتنىڭ ماڭا تەسىر قىلىپ مۇستەھكەم تۇرالماي، شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن  ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىلىمسىز  ھالەتتە سۆزلەپ قويۇش ۋە ئۆزۈمدىن ئەجەبلىنىپ، رىياغا چۈشۈپ قىلىشتىن قورقۇپ ئالدىراپ ئوتتۇرىغا چېقىشتىن ئەنسىرەيمەن. ماڭا يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

     ھۆرمەتلىك سىڭلىم! مۇسۇلمان كىشىگە كىشىلەرنى توغرا باشلاش، ياخشىلىققا يېتەكلەش، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئىلىمنى ئۆگىتىش پۇرسىتى كېلىدىكەن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۆڭلىدىكى دېلىغۇللۇق، ياخشىلىقتىن چەكلەپ قويىدىغان ۋەسۋەسىگە پەرۋا قىلماسلىق، كىشىلەرنى يېتەكلەش ۋە تەلىم بېرىشنى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە پىتنىگە چۈشۈپ قالىدىغان ئورۇن، بۇ يولدا قىيىنچىلىق كۆپ بولىدۇ دەپ قارىماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمەسلىك كېرەك، بەلكى كىشىلەرگە تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان ياخشى ئىشنى مەجبۇرىيەت ۋە شەرئى تەلەپ دەپ چۈشىنىشى كېرەك، بىلىملىك كىشى نادان كىشىلەرگە تەلىم بېرىشتىن قاچماسلىقى لازىم.

   بۇ مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشچە ئادا قىلىدىغان شەرئى تەكلىپ بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرىمايدۇ، مۇسۇلمان كىشى ئۆزى بىلگەننى باشقىلارغا ئۆگىتىدۇ، بىلمىگەننى ئاللاھ بىلىدۇ دەيدۇ.

ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلغۇچى باشقىلارنى قۇرئان ياد قىلدۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، پىقھى كىتاپلىرىنى تولۇق ئوقۇپ بولالمىغان بولسا، باشقىلار كىتابنىڭ ئىبادەتكە ئالاقىدار بۆلۈملەردىن تەلىم بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىمۇ شۇنداق بولغان.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى قەستەن ماڭا يالغاننى نىسبەت بېرىدىكەن( مەن دېمىگەن سۆزنى مېنى دېدى دەپ سۆزلەيدىكەن)دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى 3461-ھەدىس].

    مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن قەۋمىمدىن بىر توپ كىشىلەر بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدىم، مەلۇم مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئائىلىمىزنى سېغىنغانلىقىمىزنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «ئائىلەڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار، ئۈگەنگەنلىرىڭلارنى ئۇلارغا ئۆگىتىڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا، سىلەردىن بىر كىشى ئەزان توۋلىسۇن، چوڭراق بېرىڭلار ئىمام بولسۇن» [بۇخارى رىۋايىتى 628-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 674-ھەدىس].

   تەلىم-تەربىيە ئەڭ كاتتا ياخشىلىق بولۇپ، ئەگەر بۈگۈن بىلدۈرىدىغان ئىش بولسا، دىنى ئوقۇغۇچى ئۇنى ئەتىگە كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەك، بەلكى ئەتىسى باشقا ئىشلارغا دۇچار بولۇپ بۇ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىشى مۇمكىن، ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە ياخشىلىق ئۈگەتكۈچىلەرگە داۋاملىشىپ تۇرىدىغان كاتتا ئەجىر-ساۋاپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كىشىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمىيىپ كەتمەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2674-ھەدىس].

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ، پەقەت ئۈچ تۈرلۈك ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى داۋاملىشىپ تۇرىدۇ، مەنپەئەتى يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە، باشقىلار مەنپەئەتلىنىدىغان ئىلىم ۋە ئۇ كىشى ئۈچۈن رەھمەت-مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت». [مۇسلىم رىۋايىتى 1631-ھەدىس].

    شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دىنى ئوقۇغۇچى ئىلىم ئوقۇش بىلەن دەۋەت قىلىش، ئەمەل قىلىش بىلەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش، نەسىھەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرىدۇ، بىر ئىش بىلەنلا تۇرۇۋالمايدۇ، باشقا زۆرۈر بولغان ئىشلارنىمۇ تەرك قىلمايدۇ، كۈچىنىڭ يېتىشچە تېرىشچانلىق قىلىدۇ، ئۇ دىنى ئوقۇغۇچى، ئۇ ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلغۇچى، ئۇ كىشىلەرگە نەسىھەت قىلغۇچى، ئۇ كىشىلەرگە بىلىم ئۆگەتكۈچى، ئۇ كىشىلەر ئارىسىنى ئىسلاھ قىلغۇچى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى نەتىجە بولىدۇ، بولۇپمۇ شەرىئەت ۋە دەۋەت پاكۇلتىتىدا ئوقۇغان چوڭ ئۇستازلارنىڭ دەرىس-سۆھبەت سورۇنلىرىغا قاتناشقان دىنى ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى ئىرادىلىك، قەيسەر، تىرىشچان بولۇشى، بىر ئىش بىلەن بولۇپ يەنە بىر ئىشنى تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك. بەلكى ئىلمى قابىلىيىتى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشچە تېرىشچانلىق قىلىشى لازىم. ئۇ ئېسلاھاتچىلار بىلەن، ئۇ دەۋەتچىلەر بىلەن، ئۇ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن، ئۇ نەسىھەت قىلغۇچىلار بىلەن، ئۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىگۈچىلەر بىلەن بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىقتا ئەگەشكەن تابىئىنلار شۇنداق بولغان، ئۇلار كىشىلەرگە پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىشقا ئارىلىشاتتى، كىشىلەرگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى ئۇلاردىن ھەرگىز كېچىكتۈرمەيتتى". ["شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالار مەجمۇئەسى ۋە ماقالىلىرى"24-توم 24-بەت].

    مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 103895 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

       ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى