سەيشەنبە 13 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1443 - 19 ئۆكتەبىر 2021
Uygur

بەزى ئۆلىمالار ئېيتقاندەك شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش مەكروھ بولامدۇ؟

سۇئال

    رامىزاندىن كېيىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىلەر؟ "مۇئەتتا" مالىكتا: ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس رەھىمەھۇللاھ: پىقھى ئالىملار ۋە باشقا ئىلىم ئەھلىنىڭ رامزاندىن كېيىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتقانلىقىنى كۆرمىدىم، ئىلگىرىكى ئالىملاردىنمۇ ماڭا بۇ ھەقتە دەلىل يەتمىدى، بەزى ئالىملار شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ بىدئەت ئىش بولۇپ قىلىشىدىن ۋە رامىزاندىن بولمىغان بىر ئىشنى رامىزانغا قېتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، بۇ روزىنى مەكروھ دەپ قارايتتى دەيدۇ. مانا بۇ مۇئەتتا مالىك 1-توم 228-بەتتىن ئېلىنغان ئىمام مالىكنىڭ سۆزى.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەبۇ ئەييۇپ ئەنسارىدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ ئاندىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقاننىڭ باراۋىرىدە بولىدۇ». [ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"5-توم 417-بەت. "سەھىھ مۇسلىم" 2-توم 822-بەت. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2433-ھەدىس. تىرمىزىي رىۋايىتى 1164-ھەدىس].

     بۇ شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سەھىھ ھەدىستۇر، ھەقىقەتەن ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ۋە نۇرغۇن ئالىملار بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىس بولىدىكەن، بەزى ئالىملارنىڭ شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنى، باشقىلارنىڭ رامزاندىن دەپ ئېتىقاد قىلىپ قىلىشىدىن ياكى ۋاجىپ دەپ ئويلاپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ياكى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئالىملاردىن ئالتە كۈن روزا تۇتقانلىق توغرىسىدا دەلىل كەلمىگەن دېگەندەك قاراشلار بىلەن مەكرۇھ دېيىشى ھەقىقەتەن گۇماندىن ئىبارەتتۇر. بۇنداق گۇمانلار سەھىھ ھەدىسنىڭ قارشىسىدا تۇرالمايدۇ. بۇ دەلىلنى بىلگەنلەر بىلمىگەنلەرگە يەتكۈزسۇن.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالار توپلىمى 10-توم 389-بەت