ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
2,94616/ذو القعدة/1438 , 08/ئاۋغۇست/2017

زۇلھەججىنىڭ ئون بىرىنچى كۈنىدە ئالدىراقسانلىقتىن يۈز بېرىدىغان بەزى خاتالىقلار

سوئال: 34761

زۇلھەججىنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى ئالدىراپ، تاش ئاتماي ۋە ۋىدا تاۋاپىمۇ قىلماي قايتىپ كەتكەن كىشىنىڭ ھەججى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ھەججى توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەجنىڭ پەرىزلىرىنى تەرك قىلمىدى، لېكىن ئۇ ئون ئىككىنچى كېچىسى مىنادا قونماسلىق بىلەن ھەجنىڭ ۋاجىپلىرىدىن ئۈچنى تەرك قىلدى.

بىرىنچىسى: ئون ئىككىنچى كېچىسى مىنادا قونۇش.

ئىككىنچىسى: ئون ئىككىنچى كۈنى شەيتانلارغا تاش ئېتىش.

ئۈچىنچى: ۋىدا تاۋاپى.

ئۇ كىشى تەرك قىلغان ھەر بىر ۋاجىپ ئۈچۈن بىردىن قوي ئۆلتۈرۈپ، ئۇنى مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشى كېرەك. ["ئىسلام ئاساسلىرى پەتىۋاسى" 566- بەت].

ھەرقانداق كىشى ھەجنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بىرنى تەرك قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە قان ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇنى مەككىدە ئۆلتۈرۈپ شۇ يەردىكى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android