پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئۆمرە پائالىيىتى جەريانىدا دۇئا قىلىنىدىغان ئورۇنلار توغرىسىدا

سۇئال

   مەن ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بارماقچى، قەيەردە قانداق دۇئا قىلىشنى بىلمەيمەن، بۇ ھەقتە ياردەم بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    سەھىھ ھەدىسلەردە ئۆمرە پائالىيىتى جەريانىدا دېيىلىدىغان دۇئا ۋە زىكىرلەر بايان قىلىنغان، مۇسۇلمان كىشى بۇنى ياد قىلىش، چۈشىنىش ۋە تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق پايدىلىنىشى مۇمكىن بولىدۇ، بۇ زىكىر-دۇئالاردىن:

1-مىيقاتتا ئېھرامغا كىرگەندە.

    مۇسۇلماننىڭ ھەج ۋە ئۆمرىدە ئېھرامغا كېرىشتىن ئىلگىرى تەسبىھ، تەھلىل ۋە تەكبىر  ئېيتىشى سۈننەت بولىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىز بىلەن مەدىنىدە پېشىن نامىزىنى تۆت رەكەت ئوقۇدى، زۇل ھۈلەيپىدە ئەسىر نامىزىنى ئىككى رەكەت ئوقۇدى، ئاندىن ئۇ يەردە تاڭ يورۇغىچە قالدى، ئاندىن ئۇلاغقا مېنىپ تۈزلەڭلىككە كەلگەندە، ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتتى، تەسبىھ ئېيتتى ۋە تەكبىر ئېيتتى، ئاندىن ھەج-ئۆمرىگە تەلبىيە ئېيتىپ ئېھرامغا كىردى، كىشىلەرمۇ ھەج-ئۆمرىگە ئېھرامغا كىردى». [بۇخارى رىۋايىتى1476–ھەدىس].

   ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېھرامغا كېرىشتىن ئىلگىرى تەسبىھ، تەھلىل ۋە تەكبىر ئېيتىشنىڭ مۇستەھەب ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ ھۆكۈم ھەدىستە بايان قىلىنغان بولسىمۇ بۇنى سۆزلەيدىغانلار بەك ئاز بولدى". ["پەتھۇل بارى"  3  -توم 412-بەت].

2 -  مەككىگە بېرىش يولىدا، يەنى مىيقاتتىن ئۆتۈپ مەككىگە يېتىپ بېرىش جەريانىدا.

   بۇ جەرياندا ئەرلەرنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا كۆپ تەلبىيە ئېيتىشى سۈننەتتۇر، ئەمما ئاياللار بولسا، يات ئەرلەر ئاڭلىمايدىغان دەرىجىدە تەلبىيە ئېيتىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگىسىگە مېنىپ زۇل ھۇلەيپىدىكى مەسچىتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تەلبىيە ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيكە، لەببەيكە لاشەرىكە لەكە لەببەيكە، ئىننەل ھەمدە ۋەننىمەتە لەكە ۋەل مۇلك لا شەرىكە لەك». [بۇخارى رىۋايىتى5571-ھەدىس.  مۇسلىم رىۋايىتى 1184-ھەدىس].

3 -تاۋاپ جەريانىدا.

    ھەر قېتىملىق ئايلىنىشتا ھەجەر ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ.

   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەبىنى تاۋاپ قىلدى، ھەر قېتىم ھەجەر ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ يېنىدا بار بولغان نەرسىلەر بىلەن ھەجەر ئەسۋەدكە ئىشارەت قىلىپ تەكبىر ئېيتاتتى». [بۇخارى رىۋايىتى1613-ھەدىس].

    رۇكنۇل يەمانى بىلەن ھەجەر ئەسۋەدنىڭ ئارىسىدا ئوقۇيدىغان دۇئا. سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رۇكنۇل يەمانى بىلەن ھەجەر ئەسۋەدنىڭ ئارىسىدا مۇنۇ دۇئانى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتاقىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1892-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي ھەسەن دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر" توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

4-ساپا تېغىغا چېقىشتىن ئىلگىرى ۋە سەپاغا چىققاندا ئوقۇيدىغان زىكىرلەر.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەج پائالىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمرە ئېشىكىدىن ساپا تەرەپكە چىقتى، سەپاغا يېقىنلاشقاندا: ھەقىقەتەن ساپا، مەرۋە ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر، ئاللاھ تائالا باشلىغان جايدىن باشلايمەن دەپ سەئيى قىلىشنى سەپادىن باشلىدى، سەپانىڭ ئۈستىگە چېقىپ بەيتۇللانى كۆرگەندە، قىبلىگە يۈزلىنىپ تەۋھىد كەلىمىسىنى ئوقۇدى ۋە تەكبىر ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ئىلاھى مەبۇد يوقتۇر. ئاللاھ يەككىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، مۇلكىيەت ۋە گۈزەل ھەمدىلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئۇ ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھى مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر. ئۆز ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، بەندىسىگە ياردەم بەردى. توپلاشقان قوشۇننى ئۆزى يالغۇز مەغلۇب قىلدى، ئاندىن ئۇنىڭ ئارىسىدا دۇئا قىلدى. ئاندىن مۇشۇ دۇئانى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى». مۇسلىم رىۋايىتى 1218-ھەدىس].

5-مەرۋىگە چىققاندا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر.

   مەرۋىگە چىققاندىمۇ سەپادا قىلغاننىڭ ئوخشىشىنى قىلىدۇ، لېكىن دەسلەپتە ئوقۇلغان ئايەتنى ئوقۇمايدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەرۋە تەرەپكە  چۈشتى، ھەتتا جىلغىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە سەئىي قىلدى، مىڭىپ يۇقىرىدا ئۆرلەپ مەرۋىگە كەلدى، مەرۋىدىمۇ سەپادا قىلغاننىڭ ئوخشىشىنى قىلدى». مۇسلىم رىۋايىتى118-ھەدىس].

    زەمزەم ئىچكەن ۋاقىتتىمۇ دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەپ خالىغان دۇئالارنى قىلىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «زەمزەم سۈيى نېمىنى مەقسەت قىلىپ ئېچسە شۇنىڭ ئۈچۈن بولىدۇ» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3062-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ  5502-ھەدسىتە كەلتۈرگەن].

    شۇنىڭدەك تاۋاپ ۋە ساپا-مەرۋە قىلىش جەريانىدا دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش يولغا قويۇلغان، تاۋاپ ۋە سەئيى جەريانىدا مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ كۆڭلىگە سالغان دۇئالارنى كۆپ قىلىش كېرەك، بۇ جەرياندا قۇرئان ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ تاۋاپنىڭ ھەر بىر ئايلىنىشىدا ۋە ساپا-مەرۋىدە مەخسۇس ئوقۇيدىغان توپلانما دۇئالىرىنىڭ شەرىئەتتە ئاساسى يوق.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاۋاپ جەريانىدا شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان دۇئالارنى قىلىش ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش مۇستەھەب بولىدۇ، ئىچىدە قۇرئان ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، بۇ جەرياندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاغزاكى، ئەمەلى بۇيرىغان ياكى تەلىم بەرگەن مەخسۇس زىكىر يوق، بەلكى شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان بارلىق دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ مىيزاپنىڭ ئاستىدا ئوقۇيدىغان مەخسۇس دۇئالىرىنىڭ شەرىئەتتە ئەسلى يوق.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاۋاپىنى رۇكنۇل يەمانىي بىلەن ھەجەر ئەسۋەدنىڭ ئارىسىدا مۇنۇ دۇئالارنى ئوقۇش بىلەن تاۋاپنى ئاخىرلاشتۇراتتى: «رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتاقىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»، باشقا دۇئالار بىلەنمۇ ئاخىرلاشتۇراتتى، بارلىق ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن بۇ جەرياندا ئوقۇيدىغان ۋاجىب بولغان زىكىر يوق". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"26-122-123-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى