جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزىدىن قايتىپ بولغۇچە ئىمامغا ئەگىشىش كېرەكلىكى توغرىسىدا

سۇئال

تەراۋىھ نامىزىنىڭ سانى توغرىسىدا بايان قىلىنغان كۈچلۈك رىۋايەتتە ئون بىر رەكەت دەپ كەلگەن، مەن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغان مەسچىتتە 21رەكەت ئوقۇدى، مەن 10 رەكەت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەسچىتتىن چىقىپ كىتىمەنمۇ ياكى ئۇلار بىلەن 21رەكەتنى تاماملىسام ياخشى بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

نامازنى ئىمام بىلەن بىرگە ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىمام قايتقاندا بىرگە قايتىش ياخشىدۇر گەرچە ئىمام نامازنى 11رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇسىمۇ مەيلى، چۈنكى تەراۋىھ نامىزىنى 11 رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇشمۇ دۇرۇس بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ قايتقان كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىر كېچە ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابنى بېرىدۇ نىسائى ۋە باشقا ئالىملار رىۋايەت قىلغان، بۇ ھەدىسنى ئىمام نىسائى"رامزاندا قىيامدا تۇرۇشنىڭ بابىدا" كەلتۈرگەن، يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:كېچىلىك ناماز ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ، تاڭ يورۇپ قىلىشتىن ئەنسىرسەڭلار بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇڭلار بۇ نىسائىنىڭ لەۋزى، يەتتە كىتابنىڭ ئاپتورى بىرگە رىۋايەت قىلغان.

ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە نامازنى ئالدىرىماي ئۇزۇن قىيامدا تۇرۇپ ئوقۇش ئەڭ ياخشى، پەزىلەتلىك، ئەجىر-ساۋابى كۆپ بولىدىغان ئەمەلدۇر، لېكىن ئىش نامازنىڭ سانىنى زىيادە قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئىمامدىن ئايرىلىش بىلەن سۈننەتكە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش توغرىسىدا بولۇپ قالسا، ياخشىسى ناماز ئوقۇغۇچى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان: ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ قايتقان كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىر كېچە ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابنى بېرىدۇ دېگەن ھەدىسكە ئەمەل قىلىش بىلەن ئىمامغا سۈننەتكە مۇۋاپىق ئوقۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد