جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاللاھ تائالانىڭ: «ئادەم ئەۋلادلىرى ماڭا ئازار بېرىدۇ..» دېگەن ھەدىس قۇدسىي بىلەن «ئې بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، ھەرگىزمۇ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر..» دېگەن بۇ ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش توغرىسىدا

سۇئال

ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىدىكى: «ئې بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، ھەرگىزمۇ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر... »دېگەن سۆزى بىلەن: «ئادەم ئەۋلادلىرى ماڭا ئازار بېرىدۇ، زاماننى تىللايدۇ، زاماننى مەن باشقۇرىمەن، ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قولۇمدا، كېچە-كۈندۈزنى مەن ئالماشتۇرىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ ئارىسىنى قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرىمىز؟، مېنىڭ تولۇق چۈشىنىۋېلىشىم ۋە باشقىلارغا ئېنىق يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم ئەۋلادلىرى ماڭا ئازار بېرىدۇ، زاماننى تىللايدۇ، زاماننى مەن باشقۇرىمەن، ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قولۇمدا، كېچە-كۈندۈزنى مەن ئالماشتۇرىمەن» [بۇخارى  رىۋايىتى 4826-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2246-ھەدىس].

    بۇ ھەدىس ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان مۇنۇ ھەدىسكە زىت كەلمەيدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئې بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، ھەرگىزمۇ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، ئەگەر ماڭا بىرەر پايدا يەتكۈزمەكچى بولساڭلارمۇ يەتكۈزەلمەيسىلەر.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2577-ھەدىس].

    بۇ ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىسىدا زىتلىق يوق ئىكەنلىكى بىر قانچە تەرەپتىن ئاشكارا بولىدۇ:

    بىرىنچى: ئەزىيەتنى زىيان دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى باغلىنىش: ئىنسانلارغا غالىپ كېلىدىغىنى ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكتۇر، ئەمما ئاللاھ تائالاغا ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئوخشىشى يوق، باشقا ھېچبىر شەيئىگە ئوخشىمايدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالاغا يېتىدىغان ئەزىيەت دېگەن مەخلۇقلارغا ھاسىل بولىدىغان ئەزىيەتتەك ئەمەس، شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپ قىلىشى، ئاچچىقلىنىشى ۋە ياقتۇرماسلىقىمۇ مەخلۇقلاردىن سادىر بولىدىغان تۈردىن ئەمەس". "سەۋائىقۇل مۇرسەلە" 4-توم 1751-بەت.

    بۇ غەزەپلىنىش سۈپىتىگە ئوخشاش بولۇپ، ئىنسانغا باشقىلار تەرىپىدىن يېتىدىغان غەزەپ بەزى ۋاقىتتا زىيان يەتكۈزىدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ئۆچ كۆرگەن كىشىنىڭ ئۆزىگە ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كاپىرلار ۋە مۇرتەدلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:  ‏ذَلِكَ بِأَنَّهُمُ اتَّبَعُوا مَا أَسْخَطَ اللَّهَ وَكَرِهُوا رِضْوَانَهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ  تەرجىمىسى: «بۇ(ئازاب)شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى(يەنى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى)ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى.» [سۈرە مۇھەممەد 28-ئايەت].

   ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىرلىقى، ناچار ئەمەللىرى ۋە ئاللاھ تائالانى ئۆچ كۆرۈدىغان تۇرۇقلۇق، ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىمگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَشَاقُّوا الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَى لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا وَسَيُحْبِطُ أَعْمَالَهُمْ  تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، توغرا يول (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكى) ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سەدىقە بەرگەنگە ئوخشاش) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلمەيدۇ).» [سۈرە مۇھەممەد 32-ئايەت].

    ئىككىنچى: ئەزىيەت دېگەن يوشۇرۇن ئىش بولۇپ، ئەزىيەتكە ئۇچرىغان كىشىگە زىيان يەتمەسلىكى مۇمكىن. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى چۈشىنىش كېرەككى، ئەزىيەت دېگەن سۆز لۇغەتتە يوشۇرۇن بولغان، يامانلىقتىن بولغان تەسىرى ئاجىز بولغان نەرسىنى بىلدۈرىدۇ. ئىمام خەتتابى ۋە باشقىلارمۇ شۇنداق دەپ قارىغان، بېكىتىلگەن لۇغەت قائىدىلىرىدىمۇ شۇنداق بايان قىلىنغان. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئوخشايدۇ:  لَنْ يَضُرُّوكُمْ إِلَّا أَذًى  تەرجىمىسى: «ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ.» [سۈرە ئال ئىمران 111-ئايەت].

   يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّ الَّذِينَ يُؤْذُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەزىيەت يەتكۈزگەنلەر دۇنيا-ئاخىرەتتە لەنەتگەردى بولىدۇ».

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا :«ئادەم ئەۋلادى زاماننى تىللاپ ماڭا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ» دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم كەئەب ئىبنى ئەشرەپنى يوق قىلىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كۆپ ئەزىيەت يەتكۈزدى» دېگەن.   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھدىنمۇ بەكرەك ئەزىيەتنى ئاڭلاپ تۇرۇپ سەۋىر قىلغۇچى كىمسە يوق، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا شېرىك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇلارغا رىزىق بېرىدۇ».

    يەنە ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئې بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، ھەرگىزمۇ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر».

   ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  وَلَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ إِنَّهُمْ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا  تەرجىمىسى: «(ئې مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.» [سۈرە ئال ئىمران 176-ئايەت].

    يۇقىرىدىكى دەلىللەردىن شۇ روشەن بولدىكى، ئىنسانلارنىڭ كاپىر بولىشى ئاللاھ تائالاغا ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، لېكىن ئۇلار ئىشلارنى تەرتىپلىگۈچى زاتنى تىللاش، ئۇنىڭغا بالا نىسبەت بېرىش ياكى شېرىك كەلتۈرۈش، ياكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە مۆمىن بەندىلىرىگە ئازار بېرىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ". "سارىمۇل مەسلۇل" 2-توم 118-119-بەت.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن زىيان يېتىش كېرەك بولمايدۇ، ئىنسان يامان سۆز ئاڭلاش ۋە ناچار ئىشلارنى كۆرۈش بىلەن ئەزىيەت تارتسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ بىلەن زىيان ھاسىل بولمايدۇ، پىياز ۋە سامساققا ئوخشاش بەزى نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىدىن ئەزىيەت تارتسىمۇ بۇنىڭ بىلەن زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئەزىيەتنى قۇرئان كەرىمدە ئىسپاتلاپ مۇنداق دېدى:  إِنَّ الَّذِينَ يُؤْذُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَأَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا مُهِينًا  تەرجىمىسى: «ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 57-ئايەت]. 

    ھەدىس قۇدسىيدا: «ئادەم ئەۋلادلىرى ماڭا ئازار بېرىدۇ، زاماننى تىللايدۇ» دېگەن، ۋە ئۆزىگە بىر نەرسىدىن زىيان يېتىشنى چەكلىگەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ». يەنە ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دېگەن: «ئې بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، ھەرگىزمۇ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر». "قوۋلىل مۇپىيد"2-توم 241-بەت.

    شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەقىيل رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇنكى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە كۆرە، ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ ۋە زىتلىق يوق، ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا بولىدۇ، چۈنكى ئەزىيەت دېگەن زىياندىن يەڭگىل بولىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا باغلىنىش يوق، ئاللاھ تائالا ئەزىيەتنى ئىسپاتلاپ قۇرئان كەرىمدە ئايەت بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ِانَّ الَّذِينَ يُؤْذُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالآخِرَةِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ».

     ھەدىستە بايان قىلىنغان بويىچە بەندىلەردىن ئاللاھ تائالاغا زىيان يەتمىسىمۇ لېكىن ئاللاھغا ئەزىيەت يېتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «(ئې مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ». ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يَنقَلِبْ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ فَلَن يَضُرَّ اللَّهَ شَيْئًا﴾‏ تەرجىمىسى: «كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.» [سۈرە ئال ئىمران 144-ئايەت].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇ كىشى پەقەت ئۆزىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ». ["ئىبنى ئەقىل پەتىۋالىرىدىن"2-توم 273-بەت].  

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى