جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى ۋە بىدئەت بولغان بايراملاردا باشقىلار ھەدىيە قىلغان سوغاتلاردىن پايدىلانسا بولامدۇ؟

344068

تارقاتقان ۋاقىت : 18-03-2023

كۆرگۈچىلەر : 657

سۇئال

    ئىلگىرى تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلىگەنگە ئوخشاش شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بايراملاردا باشقىلار تەقدىم قىلغان سوغاتلارنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟، ساۋاقدىشىمنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ ھەدىيە قىلغان ماشىنىسىغا مىنسەم بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: تۇغۇلغان كۈن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر ئىجات قىلىپ يولغا قويغان بايراملار مەيلى دىنى بولسۇن ياكى دۇنيالىق بولسۇن ئۇنى تەبرىكلەش يولغا قويۇلمىغان، چۈنكى بۇنىڭدا يوق ئىش پەيدا قىلغانلىق ۋە كاپىرلارغا ئوخشاپ قالغانلىق بار. بۇ توغرىدا  26804- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: ئەسلىدە ئىنسان مۇشۇنداق مۇناسىۋەتلەردە تەقدىم قىلىنغان سوغاتلارنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك، چۈنكى سوۋغاتنى قوبۇل قىلىش بولسا، بۇ بايرامنى ئېتىراپ قىلغانلىق ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىك، لېكىن سوغات بەرگۈچى چېڭ تۇرۇۋالسا، ئەگەر قوبۇل قىلمىسا ئارىسىدا كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولۇشتىن ئەنسىرىسە، سوۋغاتنى قوبۇل قىلىدۇ، ۋە ئۇ دوستىغا سوۋغاتنى ئارىسىدىكى دوستلۇق ئۈچۈن قوبۇل قىلغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ يېڭىدىن پەيدا بولغان بايرامنى ئۈچۈن قوبۇل  قىلمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەك بولىدۇ. 146449-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئۈچىنچى: مۇشۇنداق مۇناسىۋەتلەردە تەقدىم قىلىنغان سوغاتلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ، بۇ پائالىيەتلەرنى توغرا دەپ، سوغات بەرسە بولىدۇ دەپ قارىسۇن ياكى بىلمەي قوبۇل قىلسۇن، ياكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن قوبۇل قىلسا گۇناھ بولمايدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ، تەۋبە قىلسا تەۋبە قىلىشتىن بۇرۇنقى گۇناھلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ئۈزۈرلۈك كىشىنىڭ تەۋبىسى يەنى دەسلەپتە دەلىللەرنى چۈشىنەلمەي ياكى بىلمەي كېيىن دەلىللەرنى بىلىپ ۋە چۈشىنىپ قىلغان كىشىنىڭ خاتالىقلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ. بۇ بەك ئوچۇق مەسىلىدۇر.

   شۇنىڭدەك كىشىلەر قىلىۋاتقان ئەقدە كېلىشىملەردىن ھارام بولغانلىقىنى ئاڭلىمىغان ياكى بىلمىگەن ياكى باشقىچە چۈشەنگەن ياكى ئىككى قاراش بولسا بىرىنى تۇتقان بولسا، ئۇنىڭ ھۆكمىمۇ ئوخشاش بولۇپ، بىلمەي قىلغانلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ.

    جازانە، قىمار، ھاراقنىڭ پۇلى، توغرا بولمىغان نىكاھ قاتارلىق ئىشلارنى خاتا چۈشەنچە بىلەن توغرا دەپ ئېتىقاد قىلغان بولسا، ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ياكى بىزدىن ھۆكۈم ياكى پەتىۋا سورىسا، ئۇ كىشىنىڭ مۇشۇ ئەقدىلەر بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغان نەرسىسى توغرا بولىدۇ.

    پاسىد نىكاھ بىلەن بولغان ئائىلە تۇرمىشىمۇ ئېتىراپ قىلىنىدۇ، مەسىلەن: قىزنى ۋەلىيسى ياكى گۇۋاھچىسى يوق نىكاھلاپ ئالسىمۇ بولىدۇ دېگەن قاراش بىلەن توي قىپتۇ، ياكى تۆتىنچى ئايالىنىڭ سۆزىنى بېرىپ ئۇنىڭ ئېددىتى توشماستا بەشىنچى بىر ئايال بىلەن توي قىلغان بولسا ياكى ئىختىلاپ بولغان ھالاللاپ بېرىش نىكاھسى بىلەن توي قىلغان بولسا، كېيىن بۇ شەكىلدىكى نىكاھنىڭ پاسىد بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولسا، ئۇ كىشى شۇ نىكاھسى بويىچە تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

بۇ يەردىكى مەقسەت: ئەگەر كەسكىن دەلىل بىلەن ھاراملىققا ئىشەنچ قىلسا، ئىلگىرى كاپىر بولۇپ كېيىن ئىسلامنىڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى نىكاھ ئەقىدىسىنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئەگەر بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولسا ئىلگىرىكى پاسىد ئەقدىلەر  بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغان نەرسىسىنى ئېتىراپ قىلىمىز.

    لېكىن بۇ مەسىلىدە ھەنبەلى مەزھەپ ئىچىدە ۋە باشقا مەزھەپلەردىمۇ ئىختىلاپ بار.

    خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ شۈبھىسى: ئۇ كىشى بۇ مەسىلىگە چەكلەنگەن ئىش، چەكلىمە؛ پاسادنى ۋە   بۇزۇلۇشنى تەقەززا قىلىدۇ دەپ قاراپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تۈر قىلدى، خاتا چۈشەنگۈچى بىلەن باشقىلار ئارىسىنى ئايرىمىدى". [ پەتىۋالار مەجمۇئەسى' 22-توم 12-بەت].

    يەنە مۇنداق دېگەن: "شۇنىڭدەك، مۇسۇلمان خاتا چۈشەنچە بىلەن توغرا دەپ قىلدىم دەپ قىلغان كېلىشىملەرنىڭ ھەممىسى، ئىجتىھاد تەرەپتىن ياكى ئەگىشىش تەرەپتىن بولسۇن توغرا بولىدۇ، خۇددى ھىيلە قىلىشنى توغرا دەپ قاراپ جازانە مۇئامىلىسى قىلغانغا ئوخشاش". [29 -توم 412- بەت].

 شۇنىڭغا ئاساسەن: سىزنىڭ دوستىڭىزنىڭ دادىسى ئىلىپ بەرگەن ماشىنىنى ئىشلىتىشىڭىز ۋە بىرگە مېنىشىڭىز توغرا بولىدۇ. 

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى