جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

خۇداگۇي بەندە بولۇشنى ئويلايمەن ...ئون كۆرسەتمە

34306

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 12423

سۇئال

مىنىڭ سۇئالىم قىسقا . ئۇ بولسا ، مەن جەننەتكە كىرىشنى ئويلايمەن .نەپسىم بىلەن كۈرەش قىلىشنى ئويلايمەن ، ھەر كۈنى ئاپامنىڭ قولىنى سۆيۈشنى ئويلايمەن ، كۆڭۈل خاھىشى ۋە شەيتاندىن يىراقلىشىشنى ئويلايمەن ، ئاللاھ خالىسا ، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ مىنى خۇداگۇي بەندە دەپ ئاتىشىنى ئويلايمەن ، قېرىنداشلىرىمنى سۆيۈشنى ئويلايمەن ، ئىمانىمنىڭ داۋاملىق كۆتۈرلىشىنى ئويلايمەن . نىمە قىلىمەن ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئاللاھتىن سىزنى دائىم ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزىشىنى ، ئارزۇيىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بىرىشىنى ، ھەمدە سىزنى ھەقىقەتنى تونۇيدىغان ، ئۇنى قوغدايدىغان ئاللاھقا يۈزلەنگۈچىلەر ھەمدە دىنغا يىپىشقۇچىلاردىن قىلىشىنى سورايمىز .
سۇئالىڭىزدا تىلغا ئىلىنغان نەرسىلەر سىزدە ساغلام ساغلام ، ساپ تەبىئەتنىڭ بارلىقىنى ،ھەمدە كاتتا ئىشلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ھەر بىر كىشىگە ئۇنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى بىرىشكە چوڭ ئارزۇيىڭىزنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ . بۇلار بولسا ئىمان ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغان چوڭ ئارزۇلار ، خۇددى نەقىلدە دىيىلگەندەك ، سۇفيان سەۋرىي مۇنداق دىگەن : " ئىمان ئارزۇ-ئۈمۈد ئەمەس ، ياكى ياسالمىلىق ئەمەس . بەلكى ئۇ - قەلىپتە ئورۇن ئالغان ھەمدە ئىش-ھەركەتلەر بىلەن ئىسپاتلانغان نەرسە . " شۇڭا بىز ئىمان مەسىلىسىنى ۋە ئۇنىڭ بىر خۇداگۇي بەندە بولۇشتا ، ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىشتا ھەمدە جەننەت بىلەن ئۇتۇق قازىنىشتا قانچىلىك مۇھىملىقىنى بايان قىلىمىز .
چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا ئىلىپ چىقىشنى ئىزدەيدىغان كىشى كېچىدە ئىبادەتكە تۇرۇشى كىرەك .
شۇڭلاشقا فۇزەيىل مۇنداق دىگەن : " سىلەرنىڭ قەلبىڭلار تاكى دۇنيا راھەتلىرىدىن ساقلانمىغۇچە ، ئىماننىڭ تاتلىقلىقىنى تېتىيالمايدۇ . " ھەمدە ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن: " سەن كېچىدە ناماز ئوقۇيالمىساڭ ۋە كۈندۈزدە روزا تۇتالمىساڭ ،ئۇنداقتا بىلگىنكى ، سەن مەھرۇم بولدۇڭ . "
راستچىل مۇئىمىننىڭ چوغقا ئوخشاش يۈرىكى بار ، شۇڭا ھاكىم مۇستەدرەكىدە ، تەبەرانىي مۇئېجەمىدە سەھىيھ ئىسناد بىلەن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىكى ئىيمان خۇددى كىيىم كونىرىغاندەك كونىرايدۇ . شۇڭا ئاللاھتىن قەلبىڭلاردىكى ئىماننى يىڭىلىشىنى سوراڭلار .
مۇئىمىننىڭ قەلبى بەزىدە گۇناھ بۇلۇتلىرى بىلەن قاپلانغاندەك ھىس قىلىدۇ . بۇنى پەيغەمبەر بىزگە مۇنۇ سۆزىدە سۈرەتلەپ بەرگەن : ھەرقانداق قەلىپنىڭ ئاينىڭ بۇلۇتىغا ئوخشاش بۇلۇتى بولىدۇ . بۇلۇت ئۇنى قاپلىغاندا ئۇ قاراڭغۇلىشىدۇ . ھەمدە بۇلۇت ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا ، ئۇ پارقىرايدۇ . [ تەبەرانىي ئەۋسەتتە نەقىل قىلغان ، ھەمدە ئەلبانىي ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان . ] شۇنىڭغا ئوخشاش ، مۇئىمىننىڭ قەلبى بەزىدە بۇلۇت بىلەن قاپلىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ ،ھەمدە ئۇ قاراڭغۇ ، يىگانە قالىدۇ . بىراق ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىمان زاپىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېرىشسا ھەمدە ئاللاھنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلسا ، ئۇ بۇلۇت كىتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ قەلبىدىكى نۇر قايتىدىن يورۇشقا باشلايدۇ . شۇڭلاشقا سەلەفلەرنىڭ بىرى مۇنداق دىگەن : " كىشىنىڭ ئىمانىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى ھەمدە ئۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزىدىغان نەرسىدىن ھوشيار بولۇشى بولسا ئۇنىڭ زىرەكلىكىنىڭ بىرقىسمى ." يەنە " ئۇنىڭ شەيتانلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ۋەسۋەسە قىلىدىغىنىنى تونۇپ يىتىشىمۇ " كىشىنىڭ زىرەكلىكىنىڭ بىر قىسمى .
شۇڭا ئۇ ئىيمانغا قايتىپ كىلىشى كىرەك . ئەگەر سىز ئىيمانغا قايتىپ كەلسىڭىز ھەمدە ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى بويىچە قىلسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز ئويلىغىنىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز . شۇڭا بىز سىزگە ئىيماننىڭ بار ياكى يوقلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئاساسى پىرىنسىپنى ئېيتىپ بىرىمىز . ئىمام ئىبنۇ جەۋزىي مۇنداق دىگەن : " ھەي ! ھەيدەلگۈچى ، ھەي! ئۆزۈڭ سۆيگەن كىشى بىلەن كۆرۈشۈشتىن مەھرۇم بولغۇچى ، ئەگەر سەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا قانداق تۇرۇشنى بىلىشنى خالىساڭ ، ئۇنداقتا سەن ۋاقتىڭنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتقىنىڭغا ھەمدە نىمە ئىش بىلەن مەشغۇللىقىڭغا قارا ! . قانچىلىغان كىشىلەر پادىشاھنىڭ ئىشىكىدە تۇرىدۇ ، لىكىن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن كىشىدىن باشقا بىرى كىرمەيدۇ . ھەممە قەلىب يىقىنلىشىشقا يارىمايدۇ ، ھەممە قەلىپ مۇھەببەتكە تولمايدۇ ، ھەممە شامال سەھەردىكى مەيىن شامالغا ئوخشىمايدۇ . "
ئەگەر بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئالدىدا قانداق تۇرۇشنى ھەمدە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرىگە نىسبەتەن قانداق تۇرۇشنى بىلىشنى خالىسا ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ھەمدە نىمە بىلەن مەشغۇللىقىغا قارىسۇن . ئەگەر ئۇ دەۋەت ۋە كىشىلەرنى ئوتتىن قۇتقۇزۇش بىلەن ، جەننەتكە ئىرىشىشكە كۈرەش قىلىش ، ئاجىز ۋە ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىش ، ئاتا-ئانىنى ھۆرمەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىغا يىقىنلىشىۋاتقانلىقى بىلەن خۇش بولسۇن . چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىشنى پەقەت ئۆزى سۆيگەن كىشىگىلا مۇۋەپپەق قىلىدۇ .
بىراق ئۇ دەۋەتكە قىزىقمىسا ، دەۋەتچىلەرنى ياقتۇرمىسا ھەمدە ياخشى ئىشلارنى قىلمىسا ، ھەمدە بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ھوسۇللىرى بىلەن مەشغۇل بولسا ، ھەمدە مىش-مىش گەپلەر ، كۆپ سۇئال سوراش ۋە ئاز ئىش قىلىش بىلەن مەشغۇل بولسا ، ياكى كۆڭۈل خاھىشى ۋە نەپسىگە ئەگىشىش بىلەن مەشغۇل بولسا ، ئۇ بىلسۇنكى ، ئۇ ئاللاھتىن يىراقلاشتى ھەمدە ئۇنى جەننەتكە يىقىنلاشتۇرىدىغان نەرسىدىن مەھرۇم قىلىندى ، چۈنكى ئاللاھ مۇقەددەس كىتابىدا مۇنداق دىگەن : « بعز دذنيانع كأزلعضةنلةر ظعحعدعن خالعغان ظادةمضة ظذنعث خالعغعنعنع ظةمةس) بعزنعث خالعغعنعمعزنع بئرعمعز، ظاندعن ظذنع ظاخعرةتتة) جةهةننةم بعلةن جازالايمعز، جةهةننةمضة ظذ خارلانغان، اللةنعث رةهمعتعدعن) قوغلانغان هالدا كعرعدذ18. كعمكع ظاخعرةتنع كأزلةيدعكةن ؤة مأمعن بولذص ظاخعرةتكة لايعق ظةمةللةرنع قعلعدعكةن، مذنداق ظادةملةرنعث قعلغان ظةمةلع اللةنعث دةرضاهعدا) قوبذل بولعدذ .»
[ ئىسرا( كېچىدە سەپەر قىلىش) : 17-18 ]
قېرىندىشىم . . .
ئەگەر سىز ياخشى ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە يۇقۇرى ئورۇنغا ئىگە بولاي ، ئاللاھنىڭ خۇداگۇي بەندىسى بولاي ، ئاتا-ئانامنى ھۆرمەت قىلاي ، جەننەتنى ئىزدىگۈچى بولاي دىسىڭىز ، ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرنى قىلىسىز :
1- سىز قەلبىڭىزدىكى ئىيماننى تىرىلدۈرىشىڭىز كىرەك . ئىيمان مۇسۇلمانغا بۇدۇنيا ۋە ئۇدۇنيادا ئىزدەيدىغان بارلىق نەرسىنى ئىلىپ كىلىدىغان نەرسە . ئىمان بارلىق ياخشى ئىشلارنىڭ ئاچقۇچى ھەمدە بارلىق يامان ئىشلارنىڭ ئىشىكىگە قۇلۇپ . قەلىبتىكى ئىيماننى تىرىلدۈرۈش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرى كۆپ ۋە ھەرخىل ، ئۇ ئىبادەتلەرنى ۋە يارام قىلىقلارنى كۆپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
2- سىز پەرۋەردىگارىڭىزغا سەمىمىيلىك بىلەن ئالدىڭىزنى قىلىشىڭىز كىرەك . خۇددى نەقىلدە كەلگەندەك : " ئەگەر بەندەم ماڭا ئىچى ۋە تېشى بىلەن ماڭا ئالدىنى قىلسا ، مەن ئۇنىڭغا مىھرى-مۇھەببەتلىك بەندىلىرىمنىڭ قەلبى بىلەن ئۇنىڭغا ئالدىمنى قىلىمەن . "
ئاللاھ ئىبادەتنى كىشىنىڭ ئاخىرقى نىشانى ۋە يۈكسەك مەقسىتى قىلدى :
جعنلارنع، ظعنسانلارنع صةقةت ماثا ظعبادةت قعلعش ظىحىنلا ياراتتعم .
[ زارىيات( سورىغۇچى شاماللار) : 56 ]
3- سىز نەزىرىڭىزنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە قارىتىشىڭىز ، ھاياتتىكى نىشانىڭىزنى بولسا ئاللاھنى رازى قىلىش ، جەننەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن ، ياكى ئەڭ ئالى فىردەۋىسكە ئىرىشىش ئۈچۈن ئىشلەش قىلىشىڭىز ، ھەمدە بۇ يۈكسەك نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچىڭىزنىڭ يىتىشىچە ئىشلىشىڭىز كىرەك .
4- سىز ساھابىلەر ، تابىئېيىنلار ھەمدەتوغرا يوللۇق پىشقەدەملەر(سەلەفلەر) گە ئوخشاش تارىخى مۇسۇلمان ئەربابلارنىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىشىڭىز كىرەك .
5- سىز ھەر بىر مىنۇت ، ھەربىر سىكۇنت ۋە ھەر بىر يۈرەك سوقۇشىڭىزنى ئىمانىڭىزنى ئۆستۈرۈشكە ئوخشاش ئىشلارغا ئىشلىتىشىڭىز كىرەك .
6- ياخشى ھەمراھلار . ئاللاھ ئەلچىسى مۇنداق دىگەن : كىشى دوستىنىڭ دىنىدا بولىدۇ ، شۇڭا كىم بىلەن دوستلاشقىنىغا قارىسۇن . [ ئەبۇ داۋۇد ، تىرمىزىي ياخشى ئىسناد بىلەن نەقىل قىلغان .] بەلەن دوستلار بولسا سىزنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشىڭىزغا ۋە گۇناھ ، خاتالىقتىن ساقلىنىشىڭىزغا ياردەم قىلىدىغان ئەڭ ياخشى يوللارنىڭ بىرى .
7- سىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىت ئىلىپ كىلىدىغان يارام ئىشلارنى كۆپ قىلىڭ .
8- كېچە نامىزى ئوقۇڭ ، تاڭ ئىتىشتىن بۇرۇن دۇئا قىلىڭ . ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىككى پۇتى ئۇنىڭ تەشەككۇرچان بەندە بولۇش ئىشتىياقى سەۋەپلىك ئىششىپ كەتكەنىدى ، گەرچە ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلگىركى ۋە كەلگۈسىدىكى گۇناھلىرىنى كەچۈرۋەتكەن بولسىمۇ .
9- كۈندىلىك قۇرئاندىن ئوقۇش ، ھەمدە باشقا زىكرىلەرنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش سىزنىڭ قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىڭىز ۋە مۇلاھىزە قىلىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ .
10- ئاللاھ يولىدىكى دەۋەتنى تارقىتىشقا كۈچ چىقىرىش ، ھەمدە كۈچىنىڭ يىتىشىچە دىنغا خىزمەت قىلىش .
ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان خۇداگۇي بەندە ماقامىغا يەتمەكچى بولسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز ئاللاھ پەيغەمبىرىگە(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بۇيرىغاندەك بولۇڭ : « (ظع مذهةممةد!)ظئيتقعنكع، مئنعث نامعزعم ،قذربانلعقعم،هاياتعم ؤة ماماتعم(دذنيادا قعلغان ياخشعلعقلعرعم ؤة تاظةت ظعبادةتلعرعم)ظالةملةرنعث صةرؤةردعضارع الله ظىحىندذر. [ ئەنئام(چاھارپايلار) : 162 ]
ئاللاھنىڭ خۇداگۇي بەندىسى بولۇش دىگەنلىك بىر كىشىنىڭ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ قىلىش بولۇپ ، ئۇ پەقەت بۇ ئايەتكە تەتبىقلانغاندىلا ئىشقا ئاشىدۇ ، يەنى بىز بارلىق ئىشلىرىمىزدا دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈن بولۇشىمىز .
ئاللاھنىڭ خۇداگۇي بەندىسى بولۇش پەقەت مۇشۇ رەۋىشتىلا تولۇق ئىشقا ئاشىدۇ ؛ ئۇ پەقەت ئىبادەت قىلىشنى تولۇق چۈشىنىش بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ ؛ يەنى ھاياتىمىزنى ۋە ئۆلۈمىمىزنى ، ھەمدە بارلىق ھەركەتلىرىمىزنى يالغۇز ئۇنىڭغىلا قىلىش . شۇڭا بىز پەقەت ئاللاھ خۇرسەن بولىدىغاننىلا سۆزلەيمىز ؛ ئۇ سۆز ۋە ئىش-ھەركەتلەردىكى نىيەتلىرىمىزنى پەقەت ئاللاھقىلا قارىتىمىز . ئىبادەت پەقەت بىشىمىزنى مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆتۈرۈپ ، چۈشۈرۈپ قىلىش بىلەن ، ياكى مەلۇم پەيىتتە ئازغىنا پۇللىرىمىزنى بىرىش بىلەن ، ياكى ھەريىلى ساناقلىق كۈن روزا تۇتۇپ قويۇش بىلەن ، ياكى بەزى سۆز ۋە زىكرىلەر بىلەن كالپۇكىمىزنى مىدىرتىپ قويۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ .
شۇڭلاشقا بۇ ماقامغا يەنى ، خۇداگۇيلۇققا ئىلىپ بارىدىغان ئىش-ئەمەللەر سانسىز ، ھەمدە ئۇ بىز ياشايدىغان جايلار ۋە تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە نۇرغۇن شەكىللەردە كىلىدۇ . بۇ بولسا ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە بارلىق كىشىلەرگە قىلغان سېخىيلىقىنڭ بىر قىسمى .
سىز پەقەت ئۆزۈڭىزنى بايقىغان ھەربىر جايدىن ھەمدە سىزگە كەلگەن ھەر بىر مىنۇتتىن ئاللاھنى خۇرسەن قىلىدىغان ، ھەمدە ئۇ قىلىشىڭىزنى كۆرۈشنى خالايدۇ دەپ قارىغان نەرسىدىن ئىزدەڭ ھەمدە ئۇنى قىلىڭ . ئاندىن سىز بىر خۇداگۇي بەندە بولىسىز .
ئاخىرىدا ،بىز ئاللاھتىن بىزدىن ۋە سىزدىن يارام ئىش-ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى ، بىزنى ۋە سىزنى پەيغەمبەرلەر ، سىددىيقلار ، شەھىدلەر ۋە توغرا يوللۇق كىشىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتى دائىرسىگە يىغىشىنى سورايمىز . ھەمدە ئۇلار ئەڭ ياخشى ھەمراھلار .
ئىسلام ئونلايىن تور بىتىگە قاراڭ .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى