پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

كەمبەغەل ئۆزىگە بېرىلگەن زاكاتنى ۋاكالىتەن باشقا بىر كىشىنىڭ ئېلىپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلىشى توغرىسىدا

سۇئال

كەمبەغەل كىشىنىڭ كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن سىرتقا چىقالمايدىغانلىقى ئېنىق بولسا، ئۆزىگە پىتىر سەدىقىسى بەرمەكچى بولغان كىشىگە: ماڭا بېرىلىدىغان پىتىر سەدىقىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا سىزنى ۋەكىل قىلدىم سىزدىن كېيىن ئېلىۋالاي دېيىشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    كەمبەغەل كىشىنىڭ ئۆزىگە بېرىلىدىغان سەدىقە ياكى زاكاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن باي كىشىنى ۋەكىل قىلىشى توغرا بولىدۇ، تاپشۇرۇپ ئالغان زاكات ياكى سەدىقە باينىڭ يېنىدا تۇرىدۇ، ئۇنى كەمبەغەل كىشى خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ ئىلىپ كەتسە بولىدۇ.

    ئەللامە ئىبنى ئابدۇرەھمان ئىبنى قاسىم رەھىمەھۇللاھ "ھاشىيەتۇر رەۋزە" ناملىق ئەسىرىنىڭ 3-توم 293-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ دۇرۇس بولىشى ۋە كەمبەغەلنىڭ مۈلكى بولىشى ئۈچۈن ۋەكىل قېلىنغان كىشىنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىشى شەرت قىلىنىدۇ، تاپشۇرۇپ ئىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ.

     ئەگەر كەمبەغەل ئۆزىگە بېرىلگەن نەرسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشنى مال ئىگىسىگە ۋاكالەت قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر كىيىم ياكى باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا، توغرا بولىدۇ".

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشىنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان زاكات پۇلىغا باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ پۇلنىڭ ئورنىغا ئۇ نەرسىلەرنى بېرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پۇل دېگەن كەمبەغەلگە باشقا نەرسىلەردىن بەكرەك مەنپەئەتلىك بولىدۇ، ئۇنى قانداق خالىسا شۇنداق ئىشلىتەلەيدۇ، ئەمما پۇلنىڭ ئورنىغا بېرىلگەن مالنى ئۇنداق خالىغانچە ئىشلىتەلمەيدۇ، بەزى ۋاقىتتا ھاجەت بولۇپ قىلىپ ئۇ نەرسىدىن ئەسلىدىكى قىممىتىدىن نەچچە ھەسسە ئەرزان سېتىۋېتىشى مۇمكىن.

    بۇنىڭ يەنە بىر يولى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئەگەر زاكات بەرگۈچى بۇ ئائىلىگە زاكات پۇلىنى بەرسە ئۇلارنىڭ بۇ پۇلغا زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ تۈگىتىۋېتىشىدىن ئەنسىرىسە، بۇ ئائىلىنىڭ باشلىقىغا يەنى دادىسى، ئانىسى، قېرىندىشى ياكى تاغىسى دېگەندەك: مەن مەلۇم مىقداردا زاكات بار، سىلەر قانداق نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق بولساڭلار، سىلەرنى ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئەۋەتىپ بېرەي دەپ ئۇلاردىن سوراپ ئەۋەتىپ بەرسە، بۇنداق قىلىش توغرا بولىدۇ ۋە زاكات ئۆز ئورنىغا تەككەن بولىدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"18-توم 481-بەت].

    مانا بۇ كەمبەغەلنىڭ ئۆزىگە زاكات بېرىدىغان كىشىنى زاكات پۇلىغا ئائىلىسى ياكى ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا ۋەكىل قىلىشىدۇر، بۇ كەمبەغەلگە بېرىلىدىغان زاكاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشلا ئەمەس بەلكى تاپشۇرۇپ ئىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشتۇر، گەرچە بۇنى كەمبەغەل ياكى زاكات بەرگۈچى ئاشكارا ئېلان قىلمىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى