ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
63223/شعبان/1445 , 04/مارت/2024

بالاغەتكە يەتكەن رامزاندا روزا تۇتتىمۇ ياكى تۇتمىدىمۇ بۇنىڭدا شەك قىلغان ئايال نېمە قىلىشى كېرەك؟

سوئال: 337886

   ھازىر مەن 9 ياكى 10 ياشقا كىردىم، بالاغەتكە يەتكەن دەسلەپكى يىلدا روزا تۇتتۇممۇ ياكى تۇتمىدىممۇ بۇنى بىلمەيمەن، نېمە قىلىش توغرىسىدا شەكتە بولۇپ قالدىم، شۇ كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىم كېرەكمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: كېچىك ۋاقتىڭىزدىن باشلاپ روزا تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز، ئەسلىدە سىز روزا تۇتقان بولىسىز، شەككە قارىماڭ.

   ئەمما سىز روزا تۇتۇپ ئادەتلەنمىگەن بولسىڭىز، باشقىلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئەمەل قىلسىڭىز بولىدۇ، ئائىلىدىكىلەردىن سوراپ بىقىڭ، ئەگەر ئۇلار:  سىزنى روزا تۇتقان دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، سىزگە ھېچ نەرسە كېرەك بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى كۈچلۈك گۇماننى ئىپادىلەيدۇ، ئەھكاملار ئىشەنچكە قۇرۇلغاندەك، كۈچلۈك گۇمانغىمۇ قۇرۇلىدۇ.

    پىقھى قائىدىلەردىن: كۆز قاراشنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەل قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

    دوكتۇر مۇھەممەد سەدقىل بەرنۇ:"قائىدىلەر توپلىمى"  7 -توم 456 -بەتتە مۇنداق دېگەن: "كۆز قاراشنىڭ كۆپلۈكىدىن بولغان مەقسەت، كۈچلۈك تەرەپنى تېپىش بىلەن كۈچلۈك گۇماندىن ئىبارەتتۇر.

   قائىدىدىن ئېلىنىدىغان پايدىلار: ئىشەنچ بولمىغاندا، ھۆكۈمنى بېكىتىشتە كۈچلۈك گۇمان كۇپايە قىلىدۇ، چۈنكى كۆپ ھۆكۈملەردە كەسكىن دەلىلنىڭ تېپىلىشى قىيىندۇر".

   ئىككىنچى:  سىزنىڭ روزا تۇتقانلىقىڭىزغا كۈچلۈك گۇمان تېپىلمىسا، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئەسلى قىلمىغان دەپ قىياس قىلىنىدۇ.

   قۇراپى  "ئەلپۇرۇق" 1-توم 227 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالسا، روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ".

    مۇشۇنىڭ ھەممىسى ۋەسۋەسىگە سالىدىغان سۇيۇقلۇق بولمىغان ئەھۋالدا بولىدۇ، ئەگەر ۋەسۋەسىگە سالىدىغان سۇيۇقلۇق بولسا ۋەسۋەسىگە قارالمايدۇ،    ئۇ قىزچاققا ھېچ نەرسە بولمايدۇ.   

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android