پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا قانداق قېلىش كېرەك؟

33582

تارقاتقان ۋاقىت : 26-05-2013

كۆرگۈچىلەر : 4302

سۇئال

ئەگەر مەن سۈننەت ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا، مەن نامازنى داۋاملاشتۇرامدىم ياكى سالام بېرىپ جامائەتكە قېتىلىپ پەرز ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا، تەكبىر ئېيتىلغان شۇ نامازدىن باشقا ناماز ئوقۇلمايدۇ. [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 710-ھەدىس]. بۇ ھەدىستىن: پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا ھېچ بىر كىشىنىڭ نەپلە ناماز باشلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن باشقا نامازنى ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەۋۋەلقى رەكئەتنى تاپالىسۇن ياكى تاپالمىسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق" بۇ ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئۆمەر، ئۇرۋە، ئىبنى سىيرىيىن، سەئىد ئىبنى جۇبەير، شاپىئىي، ئىسھاق ۋە ئەبۇ سۇر قاتارلىق ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىدۇر. [ئەلمۇغنىي 1-توم 272-بەت].

بەزى ئالىملار يۇقىرىدىكى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا، نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى دەرھال نامىزىنى بۇزۇپ پەرز نامازغا قېتىلىشى كېرەك دېگەننى ئىسپاتلايدۇ.

ھاپىز ئەل ئىراقىي مۇنداق دەيدۇ: "پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا ئۇنىڭدىن باشقا ناماز يوق دېگەن سۆزدىن، پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا باشقا نامازنى باشلاشقا بولمايدۇ ياكى تەكبىردىن بۇرۇن باشلىغان ناماز بولسىمۇ پەرزگە تەكبىر ئېيتىلغاندىن كېيىن نامازغا دەسلەپتە كىرىشنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان نەپلە نامىزىنى بۇزۇش كېرەك دېگەنلىكمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا نەپلە نامازنى ناماز ئوقۇۋاتقۇچى بۇزمىسا، پەرزگە تەكبىر ئېيتىلغاندىن كىيىن ئۆزلىگىدىن بۇزۇلىدۇ دېگەنلىكنىڭمۇ ئېھتىماللىقى بار.يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئېھتىماللىققا يېقىن.

شاپىئىي مەزھىپىدىكى ئالىم ئەبۇ ھامىد غەزالىدىن: "نەپلە نامازنى تاماملاش، نامازغا دەسلەپتە كىرىشنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشتىن چەكلەپ قويسا، ئۇ ۋاقىتتا دەرھال نەپلە نامازنى بۇزۇپ، پەرز نامازغا قېتىلىش لازىم" دېگەن قاراش نەقىل قىلىنىدۇ. ئىراقىينىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىنى شەۋكانىي نەيلۇل ئەۋتار ناملىق ئەسىرى 3- توم 91-بەتتە بايان قىلغان].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرىمۇ مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن. ئۇلاردىن: پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا نەپلە نامازنى بۇزۇپ ئىمام بىلەن پەرز نامازنى باشلايمەنمۇ ياكى نەپلە نامازنى تولۇق ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن پەرز نامازنى باشلايمەنمۇ؟ دەپ سۇئال سورالغاندا، ئۇلار بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا، ئىمام بىلەن بىرلىكتە نامازغا دەسلەپتە كىرىشنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن نەپلە نامازنى بۇزۇش كېرەك. پەيغەمبەرئەليھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستىمۇ: پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا تەكبىر ئېيتىلغان شۇ نامازدىن باشقا ناماز ئوقۇلمايدۇ دېيىلگەن. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 7312].

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ ئۆز قارىشىنى كۈچلاندۇرۇپ، پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغان ۋاقىتتا نەپلە نامازنىڭ ئاۋۋالقى رەكئىتىدە بولسا، ئۇنى بۇزىدۇ، ئەمما ئىككىنچى رەكئەتتە بولسا نامازنى قىسقا ئوقۇپ تاماملاپ ئاندىن پەرز نامازنى باشلايدۇ دەيدۇ. بۇ قاراشقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىنى دەلىل قىلىدۇ: پەرز نامازدىن بىر رەكئەتنىئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇشقا يېتىشكەن كىشى نامازغا ئۈلگۈرگەن بولىدۇ. [بۇخارىي رىۋايىتى580- ھەدىس، مۇسلىم رىۋايىتى 607-ھەدىس]. پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلىشتىن بۇرۇن بىر رەكەت نەپلە نامازنى تولۇق ئادا قىلىپبولغان كىشى، نەپلە ناماز ئوقۇشتىن چەكلىنىشتىن بۇرۇن نامازنى تاپقان بولدى، ئۇ كىشى ئىككىنچى رەكئەتنى قىسقا ئوقۇپ نامىزىنى تاماملايدۇ، مانا بۇ دەلىللەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. [شەرھى ئەلمۇمتىئ4- توم 238-بەت].

نەپلە نامازنى بۇزغاندا ئىككى تەرەپكە سالام بېرىش كەتمەيدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرىدىن: پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى ياكى مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ئوقۇۋاتقان كىشى جامائەت بىلەن بىرگە پەرز ناماز ئوقۇش ئۈچۈن نەپلە نامازنى بۇزامدۇ؟ ئەگەر بۇزىدىغان بولسا، نامازنى ئىككى تەرەپكە سالام بېرىپ بۇزامدۇ ياكى شۇنداقلا بۇزامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇ سوئالغا: ئالىملارنىڭ توغرا قارىشى بويىچە ئوقۇۋاتقان نەپلە نامىزىنى بۇزىدۇ، ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ناماز بۇزغاندا ئىككى تەرەپكە سالام بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى