جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىغان كىشىگە تەۋبە بارمۇ؟ قانداق تەۋبە قىلىدۇ؟

سۇئال

مەن يەتتە يىل ئىلگىرى ۋەسۋەسە كېسىلىگە گىرىپتار  بولۇپ قىلىپ پالچىنىڭ ئاندىن رەمبالنىڭ يېنىغا بارغانتىم، مەن ئۇنداق كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىشنىڭ شېرىك  ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، شېرىكنىڭ مەنىسىنىڭ ئىسلامدىن چېقىرۋېتىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، يەتتە يىلدىن كېيىن بارلىق گۇناھلىرىم ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلدىم، تەۋھىد كىتاپلىرىنى ئوقۇشنى باشلاپ ئاخىرىدا ئەقىدەمنى توغىرلىدىم، مەن ئەينى زاماندا ئۆزۈمنىڭ چوڭ شېرىككە چۈشۈپ قالغانلىقىمنى بىلدىم، ماڭا تەۋبە قىلىشقا يول بارمۇ؟ قايتىدىن شاھادەت ئېيتىشىم كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سىزنى تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىمىز، ئاللاھ تائالادىن سىزگە ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشنى رىزىق قىلىپ بېرىشنى سورايمىز.

    ئىككىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پالچى، رەمباللارنىڭ يېنىغا بېرىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى، 8291- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    لېكىن رەمبال، پالچىنىڭ يېنىغا كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدىغان مۇشرىك بولمايدۇ، بەلكى بۇنىڭ تەپسىلاتى بار، بەزى ھالەتتە چوڭ شېرىك بولىدۇ بەزى ھالەتتە كېچىك شېرىك بولىدۇ، بەزى ھالەتتە توغرا بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: رەمبال –پالچىنىڭ يېنىغا كەتكەن كىشىلەر ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى تۈر: كاھىنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر نەرسە سورايدۇ لېكىن سۆزىگە ئىشەنمەيدۇ، بۇنداق قىلىش چەكلەنگەن بولۇپ، بۇنداق قىلغان كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزىنىڭ قوبۇل بولماسلىقىغان سەۋەپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رەمبالنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر نەرسە سورىغان كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى2230-ھەدىس].

    ئىككىنچى تۈر: كاھىننىڭ يېنىغا بېرىپ بىر نەرسە سوراپ، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغانلىقتۇر، چۈنكى ئۇ كىشى كاھىننىڭ غەيىپنى بىلىمەن دېگەن سۆزىگە ئىشەندى، غەيىپنى بىلىمەن دېگەن ئادەمنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىك دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر:  قُلْ لَا يَعْلَمُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الْغَيْبَ إِلَّا اللَّهُ  تەرجىمىسى: «ئاللاھدىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ،» [سۈرە نەمل 65-ئايەت.

    بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «رەمبالدىن بىر نەرسە سوراپ سۆزىگە ئىشەنگەن ئادەمنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېيىلگەن.

    ئۈچىنچى تۈر: كاھىنلار كىشىلەرنى ئالداپ، ئازدۇرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرۈش ۋە ئەپتى-بەشىرىسىنى ئىچىپ تاشلاش ئۈچۈن بارسا گۇناھ بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىبنى سەييادنىڭ يېنىغا بېرىپ، كۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكۈپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈككەن نەرسىنى سورىغاندا، ئىبنى سەيياد: دۇخان-تۈتۈن دېگەن". ["ئىبنى ئۇسەيمىن رىسالە ۋە پەتىۋالىرى مەجمۇئەسى"2-توم 184-بەت].

    شۇنىڭغا ئاساسەن: پالچى-كاھىننىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ سۆزىگە ئېشىنىپ، ئۇلارنى غەيىپنى بىلىدىكەن دەپ قارىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدىغان كاپىر بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىسە كاپىر بولمايدۇ.

    ھەر قانداق ئەھۋالدا تەۋبىنىڭ ئېشىكى ئوچۇقتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندە سەكراتقا چۈشۈپ قىلىشتىن يەنى جان ھەلقۇمغا كىلىشتىن بۇرۇن ئاللاھغا تەۋبە قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى3537-ھەدىس].

    ئىنسان ھەرقانداق گۇناھتىن تەۋبە قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعاً إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ تەرجىمىسى:« (ئې مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ)ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت].

    ئىنسان ھەر قانداق بىر گۇناھ سادىر قىلىپ قالسا، ھەتتا شېرىك كەلتۈرۈپ قالسىمۇ، ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلىدىكەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 9393- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئەسلىدە، كاپىر ياكى مۇرتەدتىن قايتىدىن ئىسلامغا كېرىشى ئۈچۈن شاھادەت كەلىمىسى ئېيتىش تەلەپ قىلىنىدۇ، سىزنىڭ كاھىننىڭ يېنىغا بېرىشىڭىز بىز ئىلگىرى زىكىر قىلغان ئىككىنچى تۈرگە كىرىدۇ، قايتىدىن شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، سىز تەۋبە قىلىپسىز، توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇپسىز بەلكى نۇرغۇن قېتىم شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقان بولىشىڭىز مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە ھازىر بىر نەرسە كېرەك بولمايدۇ، بەلكى بۇنداق ئىشقا ئىككىنچى قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىشىڭىز كېرەك.

    ئاللاھ تائالاغا توغرا شەكىلدە ئىبادەت قىلىشىڭىز ئۈچۈن بىلىم ئېلىشقا تېرىشىڭ، ئاللاھ تائالادىن سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى