پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ساتقۇچىلار كۆپ سانلىق كىشىلەر بولسا، سېتىۋالغۇچى سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن ئىلگىرى بەرگەن زاكالەت پۇلىنى ئۇلار قانداق ئۈلىشىدۇ؟

سۇئال

    بىر قانچە كىشى بىر زېمىنغا ئىگە بولغان بولۇپ، ئۇلار زېمىننى ساتتى، كېيىن سېتىۋالغۇچى زاكالەت پۇلى بېرىپ بولغاندىن كېيىن سودىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، سېتىۋالغۇچىدىن ئېلىنغان زاكالەت پۇلى زېمىن ئىگىلىرى ئارىسىدا قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سودا پۈتكەن ۋاقتىدا سېتىۋالغۇچى ئالدىدىن زاكالەت پۇلى بەرگەن بولسا، كېيىن سودىدىن يېنىۋالغان بولسا، بېرىلگەن زاكالەت پۇلى ساتقۇچىغا قالىدۇ، بۇ سودىدىكى زاكالەت پۇلى دېيىلىدۇ.

   "ئەلمەبدەئ"4-توم 58-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "زاكالەت پۇلى بولسا بىر نەرسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ساتقۇچىغا ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن سودا پۈتكەندىن كېيىن ئالدىن بېرىلىدىغان پۇل بولۇپ، سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىغا: بۇ پۇلنى ئالدىدىن بېرىمەن ئەگەر سودىدىن يېنىۋالسام بۇ پۇل ساڭا قالىدۇ دەيدۇ، بۇنى ئىمام ئەھمەد دۇرۇس بولىدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق قىلغان دەيدۇ.

    ناپىئ ئىبنى ئابدۇلۋارىس مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋاكالەتەن تۈرمە ياساش ئۈچۈن سەپۋاننىڭ ھويلىسىنى سېتىۋېلىپ: ئەگەر ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رازى بولسا مەيلى، بولمىسا ساڭا بەرگەن زاكالەت پۇل قالىدۇ دېدىم.

    ئىككىنچى: سودا پۈتۈپ سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىغا زاكالەت پۇلنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن سودىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولسا، مال ئىگىلىرى بىر قانچە كىشى بولسا، ئۇلار بېرىلگەن زاكالەت پۇلىنى ئۆزلىرىنىڭ مالدىكى ھوقۇقىنىڭ ئاز-كۆپلىكى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ، ئەگەر ھەممىسىنىڭ ھەققى بىر خىل بولسا ھەممىسىگە ئوخشاش تەقسىم قىلىنىدۇ، ئەگەر بىرسىنىڭ يىرىم بولسا ئۇ يېرىمىنى ئالىدۇ، قالغانلىرىغىمۇ شۇ بويىنچە تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

    پىقھى ئۆلىمالىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەردە مۇشۇنداق بىكىتكەن، ئەگەر زېمىننىڭ كېرىمى بولسا ئۇمۇ زېمىن ئىگىلىرى ئارىسىدا زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ ھەققىنى ساتسا ئۇنى باشقا شېرىكلىرى ئۆزلىرىنىڭ يېقىنلىق ھېسابى بويىچە سېتىۋالىدۇ، ئەگەر ئىجارىگە قويسا ئۇنىمۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

    "مەتالىب ئۇلىننۇھا" ناملىق ئەسەر 4-توم 120-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "شېرىكلەر ئارىسىدىكى يېقىنلىق-شۈپئە- ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ نىسبىتى بويىنچە بولىدۇ، چۈنكى يېقىنلىق دېگەن ئىگىدارچىلىق سەۋەبىدىن پايدىلىنىدىغان ھەقتۇر، بۇ ئىگىدارچلىق ھوقۇقى بويىچە بولىدۇ".

    "شەرھۇل مۇنتەھا"ناملىق ئەسەر 3-توم 550-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئېجارە ھەققىنى تەقسىم قىلىشتا شېرىكلەردىن بىرى يالغۇز ئىگە بولالمايدۇ، بەلكى ئىجارە ھەققى شېرىكلەر ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇق نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ".

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى