پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

قەرزدار بولۇپ تۈرمىگە كېرىپ قالغانلارغا زاكات بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەيدانغا كەلگەن يېڭى سېستىم بولۇپ، ئۇنىڭدا قىيىنچىلىقتا قالغان، قەرزدارلىق سەۋەبىدىن تۈرمىگە كېرىپ قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىقتىساد توپلايدىغان بىر پروگرامما بار، بىز  زاكات ماللىرىنى توپلاپ مۇشۇ سېستىم ئارقىلىق ئېھتىياج ئىگىلىرىگە ياردەم قىلساق توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    زاكات ماللىرىنى قىيىنچىلىقتا قالغان، قەرزدار كىشىلەردىن تۈرمىگە كېرىپ قالغان ياكى ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەرگە بەرسەك توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَاِبْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِنْ اللَّهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ  تەرجىمىسى: زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى)ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە تەۋبە 60-ئايەت].

     قەرزدار كىشى قەرزىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلسە يەنى قەرىزنى ئادا قىلىدىغان نەرسە تاپالمىسا، ئەگەر ئۇ كىشى قەرىزنى ھارام بىر ئىش ئۈچۈن ئالغان بولسا، ئۇ كىشىگە ھارام ئىشنى قىلىشتىن قايتىش، تەۋبە قىلىشنى شەرت قىلىپ تۇرۇپ قەرزىنى ئادا قىلىشقا يەتكۈدەك مىقداردا زاكات مالدىن بىر نەرسە بېرىلسە بولىدۇ.

   "مۇنتەھىل ئىرادات"1-توم 457-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئاللاھ تائالا زاكاتنى قەرىزدارلارغا بېرىڭلار دېگەنلىك ئۈچۈن ئۆزى  ھالال بىر ئىش ئۈچۈن بولسۇن ياكى چەكلەنگەن بىر ئىشنى قېلىش ئۈچۈن قەرىز ئالغان بولسا، چەكلەنگەن ئىشنى قىلىشتىن قول ئۈزۈپ تەۋبە قىلغاندىن كېيىن، قەرىزنى ئادا قىلالمىسا، ئۇ كىشىگە زاكات ماللىرىدىن بېرىلىدۇ".

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: "زاكات ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان جەمئىيەت-ئورگانلارغا، ياخشىلىق قىلىش جەمئىيىتى، خۇسۇسى ھەق-ھوقۇقلار سەۋەبىدىن تۈرمىگە كېرىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرىغا بەرسەك توغرا بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:" ياخشى ئىشلارغا پۇل توپلاش ساندۇقىغا كەلسەك، بۇ ساندۇققا مەسئۇل بولغان كىشىلەر ئامانەتدار، ئىشەنچىلىك، دىيانەتلىك، ئىسلاھاتچى، توپلانغان زاكات ماللىرىنى شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن پىقىر-مىسكىن قاتارلىقلارغا ياكى شۇنىڭدەك بەزى ھەقلىق بولغان ئورۇنلارغا بېرىدىغان كىشىلەر بولسا، ئۇلارنىڭ زاكات ماللىرىنى ئۆز ئورنىغا سەرپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلساق، زاكات ماللىرىنى شۇلارنىڭ ئىگە بولۇپ سەرپ قىلىشىغا تاپشۇرساق بولىدۇ.

    ئەمما خۇسۇسى ھەق-ھوقۇقلار سەۋەبىدىن تۈرمىگە كېرىپ قالغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ دەپ، قەرىزدارلارنىمۇ زاكات ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ تۈرىدىن ھېسابلىدى.

    قەرىزدار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىر قىسمى: كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش، كۆپچىلىك ئارىسىدا يۈز بەرگەن پىتنە-پاساتلارنى يوق قىلىش يولىدا باشقىلاردىن قايتۇرۇش مەقسىتىدە قەرىز ئېلىپ ئادا قىلالماي، قەرزدار بولۇپ قالغان بولسا، گەرچە ئۇلار ئەسلىدە باي بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ قەرىزنى ئادا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە زاكات ماللىرىدىن بېرىلىدۇ.

    ئىككىنچى بىر قىسمى: توغرا ئىشلاردا ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ياكى ئۆزى نەپىقە بېرىدىغان كىشىلەرگە ياردەم قىلىش سەۋەبىدىن قەرزدار بولۇپ قالغان ياكى باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە دۈشمەنلىك سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى باشقا سەۋەبلەردىن مەلۇم مىقداردا ئىقتىسادى جازاغا ئۇچراپ قالغان كىشىلەرگە قەرىزىنى ئادا قىلىشقا يەتكۈدەك مىقداردا زاكات ماللىرىدىن بەرسە توغرا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا كومىتېتى رەئىسى ۋە ئەزالىرىدىن: ئابدۇللاھ بىن مۇنىي، ئابدۇللاھ بىن غۇدەييان، ئابدۇرەززاق ئەپىيپى، ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئال -شەيخ قاتارلىقلار.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى