جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئۆيلىرىنى پەرزەنتلىرىمدىن ئېھتىياجلىق بولغانلار مەنپەئەتلەنسۇن دەپ ۋەقپە قىلغان بولۇپ، ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆي ئۆرۈلۈپ كېتىش ھالىتىدە بولسا قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   بىركىشى  ئۆز ئۆيىنى ئوغۇل-قىز ئەۋلادلىرىدىن ئېھتىياجلىق بولغانلار پايدىلانسۇن دەپ ۋەقپە قىلغان بولۇپ، ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئۆي ئۆرۈلۈپ كېتىش گىرداۋىغا يىتىپ قالغان، پەرزەنتلىرى بۇ ئۆينى سېتىۋېتەمدۇ ياكى قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بالىلىرىغا ۋە ئەۋلادلىرىغا بىر نەرسىنى ۋەقپە قىلىش توغرا بولىدۇ، بۇ نەرسە ۋەقپە قىلغۇچى بېكىتكەن شەرت بويىچە ئىجرا قىلىنىشى كېرەك، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت ئېھتىياجلىق كىشىلەر پايدىلانسۇن دېگەن بولسا، شۇلار پايدىلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ھەققى بولمايدۇ.

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "زۇبەير ئۆيىنى سەدىقە قىلىپ-ۋەقپە قىلىپ، قىز پەرزەنتلىرىگە مۇنداق دېگەن: ئەگەر تۇرساڭلار، ئۆزۈڭلەرگىمۇ ۋە ئۆيگىمۇ زەرەر يەتكۈزمەي تۇرۇڭلار، توي قىلىش بىلەن بۇنىڭدىن بىھاجەت بولساڭلار، بۇنىڭدا سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بولمايدۇ".

    "زادىل مۇستەقنىئ"تە مۇنداق بايان قىلىنغان: "بىر نەرسىنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بالىسى ياكى باشقىلارنىڭ بالىسىغا ئاندىن پىقىر-مىسكىنلەرگە دەپ ۋەقپە قىلغان بولسا، بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئوغۇل-قىز بالىلىرى ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قىزىنىڭ بالىلىرى ئەمەس بەلكى ئوغۇلنىڭ بالىلىرى مەنپەئەتلىنىدۇ، بۇ خۇددى ئوغۇلنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئەۋلادلار پايدىلانسۇن دېگەنگە ئوخشاشتۇر.

     ئىككىنچى: ۋەقپە قىلىنغان نەرسە بۇزۇلسا، ئۇنى رىمىنۇت قىلىش ۋە ئوڭشاشقا ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇنىڭ بەزىسىنى سېتىپ قالغىنىنى ئوڭشىسا بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىسا، ھەممىسىنى سېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىغا باشقا بىر ئۆي سېتىۋېلىپ ۋەقپە قىلسا بولىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئومۇمەن: ئەگەر ۋەقپە ۋەيران بولسا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مۇمكىن بولمىسا، خۇددى ئۆي ئۆرۈلۈپ، يەر خاراپ بولغاندەك، ئۇ يەرگە قايتىدىن ئۆي سالغىلى بولمىسا، ياكى مەسچىت بولۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەر بۇ يەردىن يۆتكۈلۈپ كېتىپ ئۇ مەسچىت ناماز ئوقۇيدىغان ئادەم يوق تاشلىنىپ قالغان بولسا، ياكى مەسچىت كېچىك بولۇپ مەھەللىدىكەر ئۇنىڭغا سىغمىسا شۇنداقلا ئۇ مەسچىتنى شۇ ئورۇندا تولۇق ياكى بەزى تەرىپىنى كېڭەيتىپ ياساش مۇمكىن بولمىسا، ياكى ۋەقپە قىلىنغان نەرسىنىڭ بەزىسىنى ساتمىسا بەزىسىنى رىمىنۇت قىلغىلى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بەزىسىنى سېتىپ قالغان قىسمىنى ئوڭشاش توغرا بولىدۇ.

    ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ قانداق تەرىپىدىن پايدىلانغىلى بولمىسا ئۇۋاقىتتا ھەممىسىنى سېتىۋېتىش كېرەك بولىدۇ.

    ئىمام ئەھمەد ئەبۇ داۋۇدتىن قىلغان بىر رىۋايەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مەسچىتتە قىممەتلىك ئىككى تال ياغاچ بولسا، ئۇ ئىككى تال ياغاچنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىنى مەسچىتكە ئېشلىتىش توغرا بولىدۇ.

    سالىھتىن قىلىنغان بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېگەن: "مەسچىتننىڭ نەرسىلىرىنىڭ تولا ئوغۇرلاپ كېتىلىشىدىن ئەنسىرسە، مەسچىتنىڭ ئورنى پاسكىنا يەردە بولسا، ئۇ يەردە ناماز ئوقۇش مۇمكىن بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا مەسچىتنى باشقا جايغا يۆتكەيدۇ، قازى ئىيازمۇ شۇنداق دېگەن". ["ئەل مۇغنى"5-توم 368-بەت].

   دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز ئىبنى سەئەد ئەددۇئەيسىردىن: مېنىڭ قولۇمدا ۋەقپە قىلىنغان ئورۇن بولۇپ، ھازىر رىمىنۇت قىلىشقا ئېھتىياجلىق، ئىجارە ئالغۇچىلارمۇ چېقىپ كەتتى، بۇ ۋەقپىنى رىمىنۇت قىلىش ئۈچۈن شەرىئەتتە قانداق كۆرسەتمە بار؟ دەپ سورالغاندا، دوكتۇر جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇنىڭغا رىمىنۇت قىلىش ئۈچۈن كىتىدىغان خىراجەتنى ۋەقپىنىڭ كىرىمىدىن ئىشلىتىش كېرەك، ئەگەر ۋەقپىنىڭ بۇنىڭغا يەتكۈدەك كىرىمى بولمىسا، ۋەقپىگە قارىغۇچى  ۋەقپىنى رىمىنۇت قىلىپ بۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ دەپ قارىسا، قازىنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىپ، ۋەقپىنىڭ ھەممىسىنى ئىجارىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئىجارىسىنى ئىشلەتمەستىن، بەلكى باشقىلاردىن ۋەقپىنى رىمىنۇت قىلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىشى، كېيىن ئوڭشاپ بولغاندىن كېيىن كىرگەن كىرىمدىن قەرزنى قايتۇرىشى كېرەك، ھەنبەلى مەزھىبىدىكى ئۆلىمالار قازىنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىشنى شەرت قىلمايدۇ، بەھۇتىي مۇنداق دەيدۇ: ۋەقپىگە قارىغۇچى ئۇنى رىمىنۇت قىلىش پايدىلىق بولسا قازىدىن رۇخسەت ئالماستىن، ۋەقپىگە نەخ ۋە نېسى بىر نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندەك، باشقىلاردىن قەرىز ئىلىپ رىمىنۇت قىلسا بولىدۇ. ئەگەر رىمىنۇت قىلسىمۇ پايدىلىنىش مۇمكىن بولمىسا ياكى باشقىلاردىن قەرز ئېلىش قېيىن بولسا، ۋەقپىگە قارىغۇچى ۋەقپىنىڭ بەزى قىسمىنى سېتىپ قالغان قىسمىنى رىمىنۇت قىلدۇرسا بولىدۇ، ھەنبەلى مەزھەب ئۆلىمالىرىمۇ، ۋەقپىنىڭ بەزى تەرىپىنى رىمىنۇت قىلىش ئۈچۈن بىر قىسمىنى ساتسا توغرا بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ۋەقپە قىلغۇچى ۋە ۋەقپە قىلىنغان نەرسە بىر بولۇش كېرەك دەيدۇ، مەسىلەن: بىر كىشى ئىككى ئۆينى ۋەقپە قىلغان بولسا، بۇ ۋەيران بولغان بولسا، ئىككى ئۆينىڭ بىرىنى سېتىپ يەنە بىرىنى رىمىنۇت قىلىش كېرەك، ئۇنىڭ پۇلىنى باشقىلار قىلغان ۋەقپىنى رىمىنۇت قىلىشقا ئىشلەتمەيدۇ.

    ئۈچىنچى: ئەگەر ۋەقپە قىلغۇچى ئوغۇل-قىزلىرىدىن كېيىن باشقىلارنىڭ ۋەقپىدىن پايدىلىنىشنى بىكىتمىگەن بولسا، يەنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ياكى ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ياكى ئۇلاردىن كېيىن پىقىر-مىسكىنلەر دېمىگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئەۋلادلىرى ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ياكى ئەۋلادلىرى ئارىسىدا ئېھتىياجلىق بىرى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ۋەقپە بىر تەرەپتىن ئۈزۈلگەن بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ ھۆكمى: بۇ ۋەقپە، ۋەقپە قىلغۇچى ئۇنى باشقا تەرەپلەرگە تەۋسىيە  قىلمىغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ۋارىسلىرىغا ئۇلارنىڭ مىراستىن ئالىدىغان نېسىۋىسى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ". ["پىقھى توپلاملىرى" 44-توم 147-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى