پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تۇتالمىغان رامزاننىڭ كەپپارىتى ئۈچۈن مىسكىنلەرگە شورپا تارقىتىش توغرىسىدا

سۇئال

ئايالىمنىڭ ئۆتكەن يىلى رامىزاندا تۇتالمىغان روزىسىغا پىديە بېرىشنى مەقسەت قىلىپ بىز تۇرىۋاتقان جايدا ئېتىكاپ جەريانىدا روزا تۇتۇۋاتقان كىشىلەرگە ئىپتارلىق تەييارلاش ئىشىنى تەرتىپلەۋاتقان بىر قېرىندىشىمغا پۇل بەردىم، بۇ پۇل ئوتتۇز كىشىگە تاماق قىلىپ بېرىشكە يېتەتتى، لېكىن ئۇلارغا بېرىلىدىغان يېمەكلىك يېتەرلىك بار بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن كەپپارەت ئۈچۈن تەييارلىغان پۇلغا روزىدارلار ئۈچۈن گۆش سىلىپ ئاچچىق-چۈچۈك شورپا تەييارلاپ بېرىشنى قارار قىلدىم، باشقا يېمەكلىك بېرىشنىڭ ئورنىغا مۇشۇنداق قىلسام  كەپپارەت ئادا بولامدۇ؟، چۈنكى ھىلىقى قېرىندىشىم: بۇ شورپا يېمەكنىڭ ئورنىدا بولمايدۇ دەيدۇ، ئەگەر بۇ،  كەپپارەت ئېتىبارغا ئېلىنمىسا، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئايالىڭىز كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتالمىغان بولسا، ئۇنىڭ ساقايغاندىن كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش ئىمكانىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، كەپپارەت دەپ يېمەكلىك بېرىش كېرەك بولمايدۇ، ھەم يېمەك بېرىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئايالىڭىزغا روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش كېرەك بولىدۇ.

   ئىككىنچى: ياشىنىپ قالغانلىقتىن ياكى شىپا تېپىشىدىن ئۈمىت ئۈزۈلگەن كېسەللىك بىلەن روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىغان كىشى، تۇتالمىغان ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ  تەرجىمىسى: «روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم.» [سۈرە بەقەرە 184-ئايەت].

   ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلغان 4505-ھەدىستە: «ياشىنىپ كەتكەنلىكتىن روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان بوۋاي-مومايلار، ھەركۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم» دېگەن ئايەتنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان دەيدۇ.

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا «بۇ پەرز قىلىنغان روزا ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم» دېگەن بۆلۈمدە مۇنداق دەيدۇ: "ياشانغان كىشى روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىسا، ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە نان ۋە گۆش بېرىپ روزا تۇتمىسۇن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ياشىنىپ قالغان ۋاقتىدا، بىر-ئىككى يىل يېمەك بېرىپ روژا تۇتمىغان.

    دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 10-توم 198-بەتتە مۇنداق دېگەن: "دوختۇر كېسەلنى تەكشۈرۈپ، بۇ كېسەلنىڭ شىپا تېپىشىدىن ئۈمىت يوق، روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدۇ دەپ بېكىتسە، كېسەل كىشى ئۆتكەنكى ۋە كېلىدىغان رامزاننىڭ ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن كەمبەغەلگە ئۆزى ياشاۋاتقان شەھەر خەلقى يېمەكلىك قىلىدىغان نەرسىدىن بىر يېرىم كىلو ئەتراپىدا يېمەك بەرسە بولىدۇ، ياكى بىر كەمبەغەلگە ئۆزى روزا تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ سانى بويىچە ھەر كۈنگە چۈشلۈك ياكى كەچلىك يېمەك ئىلىپ بەرسە كۇپايە قىلىدۇ، ئەمما نەخ پۇل بېرىش ھەنبەلى مەزھەپكە كۆرە دۇرۇس بولمايدۇ".

ئۈچىنچى: پىديە بېرىش ۋاجىپ بولغان يېمەكلىكنىڭ مىقدارى توغرىسىدىكى قاراشلار ئوخشىمايدۇ، كۆپچىلىك ئۆلىمالار سەككىز يۈز گىرام ئەتراپىدا يېمەكلىك بەرسە بولىدۇ، دەيدۇ.

    ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى: بۇغداي بەرسە سەككىز يۈز گىرام، باشقا نەرسە بەرسە بىر يېرىم كىلۇ ئەتراپىدا بەرسە بولىدۇ، دەيدۇ.

    "پىقھى توپلاملىرى"32-توم 67-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "مالىكى ۋە شاپىئىي مەزھەپ ئالىملىرى، بىر كۈنلۈك ئۈچۈن سەككىز يۈز گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ دېگەن، تاۋۇس، سەئىيد ئىبنى جۈبەير، سۇپيان سۆۋرىي ۋە ئەۋزائىي قاتارلىق ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن.

    ھەنەپىي مەزھەپ ئالىملىرى، پىديەدىكى ۋاجىپنىڭ مىقدارى: خورما ياكى ئارپىدىن ئۈچ كىلۇ ئەتراپىدا، بۇغدايدىن سەككىز يۈز گىرام ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنى روزا تۇتمىغان ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن بېرىدۇ، دېگەن.

   ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: پىديىنىڭ ۋاجىپ بولغان مىقدارى، بۇغدايدا سەككىز يۈز گىرام، خورما ياكى ئارپىدا بىر يېرىم كىلۇ بولىدۇ، دېيىلگەن.

   سوئال سورىغان قېرىندىشىمىزغا: سىزنىڭ تەييار قىلغان شورپىڭىز چۈشلۈك ياكى كەچلىك تاماققا كۇپايە قىلمايدىغان، پەقەت ئاساسلىق يېمەكلىكتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن تەقدىم قىلىنىغان بولسا، سىزنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئادا قىلغان پىديىڭىز توغرا بولمايدۇ، سىز پىديىنى قايتىدىن چېقىرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

   كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن ھەر بىر مىسكىنگە يەتتە يۈز ئەللىك گىرام ئەتراپىدا گۈرۈچ بەرسىڭىز بولىدۇ، بۇنى ھەر كۈنلۈكى بىردىن مىسكىنگە بەرسىڭىزمۇ ياكى روزا تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ سانى بويىچە مىسكىنلەرنى توپلاپ بىرلا قېتىمدا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

شۇنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەككى، بۇ پىديىنى ئىئتىكاپ قىلىۋاتقان ياكى روزا تۇتقانلارغا ئىپتارلىق بەرسە توغرا بولمايدۇ، پەقەت شۇلارنىڭ ئارىسىدا مىسكىنلەر بولسا، شۇنىڭغا بەرسە توغرا بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا پىديىنى مىسكىنگە بېرىڭلار دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئۆزلىرىگە كۇپايە قىلغۇدەك يېمەك بولىدىكەن، ئۇلارغا پىديەنى بېرىش توغرا بولمايدۇ. توغرا بولغىنى پىديىنى پەقەت مىسكىنلەرگە بېرىش كېرەك، ئۇلاردىن باشقىلارغا بېرىشكە بولمايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى