جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قۇرئان تىلاۋېتىدىن كېيىن دۇئا قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

    قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن: «سۇبھانە كەللاھۇممە ۋە بى ھەمدىكە، لائىلاھە ئىللائەنتە ئەستەغپىرۇكە ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيكە» دەپ دۇئا قىلىش توغرىمۇ؟ قۇرئان تىلاۋېتىدىن كېيىن ئايرىم ئوقۇلىدىغان دۇئا بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرەر سورۇندا ئولتۇرسا، قۇرئان تىلاۋەت قىلسا، ناماز ئوقۇسا ئاخىرىنى يۇقىرىدا بايان قىلىغان سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇراتتى، مەن: ئې ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سىلى ھەر قانداق سورۇندا ئولتۇرسىلا، قۇرئان تىلاۋەت قىلسىلا ۋە ناماز ئوقۇسىلا ئاخىرىدا «سۇبھانە كەللاھۇممە ۋە بى ھەمدىكە، لائىلاھە ئىللائەنتە ئەستەغپىرۇكە ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيكە» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلىقلىرىنى كۆرىمەنغۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «شۇنداق! بىر كىشى ياخشى سۆزنى دەپ، ئاشۇ ياخشىلىققا ئەگەشتۈرۈپ بۇ سۆزنى دېسە، ياخشىلىققا مۆھۈر بولىدۇ، يامان سۆزگە ئەگەشتۈرۈپ دېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن كاپارەت بولىدۇ. [نىسائىي"سۈنەنۇل كۇبرادا" 10067-ھەدىس. "ئەمەلۇل يوم ۋەللەيلە" 308-ھەدىس. تەبرانى"دۇئا" 1912-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ"ئەسسەھىھە"دە  3164-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشۇ ھەدىستە، ئىنسان ئولتۇرغان سورۇننىڭ مەيلى ئۇ زىكىر سورۇنى بولسۇن ياكى يامان ئىشلار ئارىلاشقان سورۇن بولسۇن، ئاخىرىدا سورۇنغا كاپارەت بولىدىغان سۆزنى بايان قىلدى.

    سىندىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ياخشىلىقنى بېكىتىپ، قوبۇل قىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش، رەت قىلىنىشتىن خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇنىڭدىن باشقا ئىش ئۈچۈن بولسا، ئۇنىڭغا كاپارەت بولىدۇ" ["مۇرائاتىل مەپاتىھ"8-توم 204-بەت].

    شۇنىڭغا ئاساسەن: مۇسۇلمانغا ئۆزىنىڭ سورۇنىنى ئۇ : قۇرئان تىلاۋەت ياكى ناماز ياكى دوستلار ياكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بولغان ياكى سۈلھى-كېلىشىم سورۇنى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق سورۇن بولسۇن، سورۇندىن تۇرۇپ كېتىشتىن ئىلگىرى مۇشۇ زىكىرنى دەپ ئورنىدىن تۇرۇشى ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى 223561 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    ئىككىنچى: قۇرئان تامام بولغاندا بۇ دۇئا بولسۇن ياكى باشقا دۇئا بولسۇن ئايرىم بىر دۇئا بېكىتىلمىگەن، ئىلگىرى بايان قىلىنغاندەك، بۇ زىكىر-دۇئا بىلەن بولغان مەقسەت قۇرئان خەتمىسى ياكى باشقا ئىش ئەمەس بەلكى ھەر قانداق مەجلىسنىڭ كاپارىتى ئۈچۈندۇر. لېكىن بەزى ئالىملار قۇرئان كىرىم تامام بولۇش سورۇنىغا ھازىر بولۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلغان. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: قۇرئان تامام بولۇش سورۇنىغا ھازىر بولۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ياخشى ئىشتۇر، دېگەن. ["تىبيان پى ئادابى ھەمەلەتۇل قۇرئان" 159-بەت].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان تامام بولغاندا، ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە باشقىلارنى دۇئاغا ھازىر قىلىش ئۈچۈن توپلاش ياخشى بولىدۇ. ["ئەل مۇغنى" 2-توم 126-بەت].

    ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: "ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئان كەرىم تامام بولغاندا ئائىلىسىدىكى ھەممەيلەننى دۇئاغا ھازىر بولۇش ئۈچۈن توپلايتتى". ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇ ۋە باشقىلاردىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلات مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 65581 -37683 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى