سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بىلمەسلىكتىن تاڭ يورۇغاندىن كېيىنمۇ سوھۇرلۇق يېگەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

مەن تۈركىيىگە يېڭى كەلدىم، ئۈچ ئايدىن بىرى بۇ يەردە تۇرىۋاتىسەن، ئۆتكەن يىلى شەبان ئېيىنىڭ ئاۋۋىلىدە رامزاندا تۇتالمىغان روزامنىڭ قازاسىنى تۇتتۇم، تۈركىيىدە ئەزان بىلەن ئىمساك ۋاقتىنىڭ ئوخشاش ئەمەس ئىكەنلىكىنى، شەئبان ئېيىدىن ئاخىرىقى بىر كۈن قالغاندا بىلدىم، مەن تۇتقان قازا روزامنى قايتىدىن تۇتىمەنمۇ ياكى كاپارەتكە يېمەك بېرىمەنمۇ ياكى ئىككىسىنى قىلىمەنمۇ؟ ياكى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ماڭا بىر نەرسە كەلمەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

     ئەگەر سىز سەپەر قىلىپ تۇرىۋاتقان شەھەردە تاڭ يورىغانلىقىنىڭ توغرا ۋاقتىنى بىلەلمەي، تاڭ يورۇغاندىن كېيىن بىر نەرسە يەپ-ئىچكەن بولسىڭىز، يەنى بىر كىشى تاڭ يورىمىدى، كېچە داۋاملىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، يەپ-ئىچكەن بولسا، شۇنىڭدەك، كۈن پاتمىدى دەپ ئويلاپ يەپ-ئىچكەن بولسا، كېيىن بۇنىڭ خاتالىقى ئاشكارا بولسا، بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس.

   كۆپچىلىك ئالىملار: بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر كۈن قازاسىنى قىلىدۇ.

   يەنە بەزى ئالىملار: ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، روزىسىنى تاماملايدۇ، ئۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ. مانا بۇ  تابىئىنلاردىن مۇجاھىد، ھەسەن بەسەرىنىڭ سۆزى، ئىمام ئەھمەدتىن بىر رىۋايەت، شاپىئىي مەزھەپتىن مۇزەنىي  ۋە ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە بۇ قاراشنى تاللىغان، شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىنمۇ بۇ قاراشنى كۈچلاندۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

   سەھەل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ:  وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الخَيْطُ الأَبْيَضُ، مِنَ الخَيْطِ الأَسْوَدِ   تەرجىمىسى: «ئاق يىپ قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، ساھابىلاردىن بەزى كىشىلەر روزا تۇتماقچى بولسا، پۇتىغا ئاق يىپ بىلەن قارا يىپنى چېگىپ قويۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇچىلىك يورۇق بولغۇچە يەپ-ئېچىتتى، ئاندىن ئاللاھ تائالا «تاڭ يورۇپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن تاڭنىڭ يورىغانلىقى ئاشكارا بولغۇچە» دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، بۇنىڭدىن كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن تاڭ يورىغانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 1917-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1091-ھەدىسى].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ۋاجىپ بولغان ئىشلاردىن بىرىنى بىلمەسلىكتىن تەرك قىلغان بولسا، خۇددى نامازنى ئالدىرىماي ئوقۇشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلمەي ئوقۇغانغا ئوخشاش، ئۇلار بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشقان: نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇ نامازنى قايتىدىن ئوقۇش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش بار، بۇ ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلاردىن بولغان ئىككى خىل قاراشتۇر.

توغرسى: بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىدە، ئۇ كىشىگە نامازنى قايتا ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، نامازنى توغرا ئوقۇيالمىغان سەھرالىق كىشىگە مۇنداق دېگەن: «بېرىپ ناماز ئوقۇغىن، ھەقىقەتەن سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ دەپ ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم دېگەندە، ئۇ كىشى: سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەم! مەن بۇنىڭدىن توغرا ئوقۇيالمايمەن، ماڭا نامازنى توغرا ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قويسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا نامازنى ئالدىرىماي ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قويدى، ئاشۇ ۋاقىتتىن بۇرۇن ئوقۇغان  نامازلىرىنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرۇمىدى». ئەمما ئۇ كىشىنىڭ «سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى! مەن بۇنىڭدىن باشقا توغرا قىلالمايمەن» دېگەن سۆزى بولسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ئاشۇ ۋاقتى بولغان نامازنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرىدى، ئەمما ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ۋە بەزى ۋاجىپلىرى تولۇق بولمىغان، ئىلگىرى بەزى ئىشلارنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلمەي ئوقۇغان نامازلىرىنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرىمىغان.

    شۇنىڭغا ئوخشاش، رامىزاندىمۇ تاڭ يورىمىدى دەپ قاراڭغۇدا ئاق يىپ قارا يىپتىن ئايرىلغۇچە بىر نەرسە يېگەن كىشىلەرنى ئاشۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىغان چۈنكى ئۇلار بىلمەسلىكتىن شۇنداق قىلغان، شۇنىڭدەك كاپىرمۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن جاھىلىيەتتە، كۇپىرلىق دەۋرىدە تەرك ئەتكەن ئەمەللەرنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21-توم 429-431-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، جاھىللىق دېگەن ئىلىمسىزلىكتۇر، لېكىن بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرىدىكى بەزى خاتالىقلارنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۈزۈرلۈك بولىدۇ، بۇنىڭ مىسالى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر كىشى كېرىپ ئالدىراپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن  كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سالام قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: قايتىپ ناماز ئوقۇغىن، سەن توغرا ناماز ئوقۇمىدىڭ دېدى، بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى، ئۇ كىشى: سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى! مەن بۇنىڭدىن توغرا قىلالمايمەن، ماڭا توغرا ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قويغىن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە توغرا ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قويدى، لېكىن ئۇ كىشىنى ئىلگىرى بىلمەي ئوقۇغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇمىدى، ھەقىقەتەن ۋاقتى بولغان نامازنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرىدى". "ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت" 19/32 نومۇر.

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 38543- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى:  سىز يېڭى كەلگەن شەھەردىكى ۋاقىت ئوخشىماسلىقىنى بىلمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىسىز، تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ، بۇنداق ئىشلار بەزى ساھابىلاردىمۇ بولغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل كەلمىگەن. شۇنداق بولسىمۇ، دىنى ئىشلاردا ئېھتىيات قىلىپ، شەك-شۈبھىدىن يىراق بولۇپ، قايتا تۇتۇش كېرەك دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشىنى تۇتۇپ، ئىختىلاپتىن چىقىپ، ئاشۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىۋەتسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى