شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

يولدىن ئۆتكۈچىلەردىن ناخشا-مۇزىكا، دىن ۋە قۇرئان ئايەتلىرىدىن سوراشقا ئوخشىغان ۋىدىيۇلارنى تارقىتىش توغرىمۇ؟

307929

تارقاتقان ۋاقىت : 07-06-2021

كۆرگۈچىلەر : 1355

سۇئال

ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقىلىۋاتقان بىر ۋىدىيۇدا: بىر ياش يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلاردىن ئايرىم-ئايرىم بەزى ناخشىلارنى سورايدۇ، ئۇنىڭغا توغرا جاۋاپ بەرگەن قىز-ئوغۇللاردىن قۇرئاندىن بىرەر سۈرىنى ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ تۇيۇقسىز سورالغان سوئالدىن ھەيران قالغان قىز-يىگىتلەر ھېچ نەرسە دېيەلمەيدۇ، مۇشۇنداق كۆرۈنۈش بولغان ۋىدىيۇلارنى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىتىش توغرا بولامدۇ؟ ياكى بۇ كىشىلەرنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى تۆككەنلىك ۋە غەيۋېتىنى قىلغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مۇمىنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈش، ئابرۇيىنى تۆكۈش ۋە ئەيىپلىرىنى ئاشكارا قىلىشقا ئوخشىغان قىلمىشلار دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا  تەرجىمىسى: «مۇمىنلەر ۋە مۇمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 58-ئايەت].

    يۇقىرىدىكى سوئالدا بايان قىلىنغىنى مۇمىنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن يۈز ئابرۇيىنى تۆكۈشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك چەكلەنگەن ئىشنى بىرگە سادىر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر:

   ئۇنىڭ بىرى: ئىنساننى ئاسىيلىقنى ئاشكارا قىلىشقا زورلاش يەنى بىلگەن ياكى ئاڭلىغان ناخشىلارنى كوچىدا ئوقۇتۇش قاتارلىقلار.

   ئىككىنچىسى: دىننى بىلمەيدىغانلىقى ياكى قۇرئان، ھەدىسلەرنى بىلمەيدىغان ئاجىزلىقلىرىنى بىلدۈرۈش بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قويۇش ۋە بۇ ۋىدىيۇنى كۆرگۈچىلەرنى شۇنىڭغا ئىلىپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئىككىنچى: بىر كىشىنىڭ باشقىلارنى ئۇلارنى ئاسىيلىققا ئاشكارا ئىلىپ بارىدىغان سوئاللارنى سورىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتالىقى ئەپۇ قىلىنىدۇ پەقەت گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغۇچىلارنىڭ خاتالىقى ئەپۇ قىلىنمايدۇ، ئۇ دېگەن: بىر كىشى ئۆزىنىڭ كېچىدە قىلغان ناچار ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالا يوشۇرسىمۇ ئۆزى باشقىلار ئالدىدا: مەن كېچىدىن مۇنداق-مۇنداق ئىش قىلدىم دەپ ئاللاھ كېچىدە يوشۇرغان  قىلمىشىنى كۈندۈزدە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئاشكارا قىلىشىدۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 6069-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2990-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر مۇمىننىڭ ئەيىبىنى ياپسا ئاللاھ  دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇ كىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2699-ھەدىس].

    سۈرەتكە ئېلىنغان ۋىدىيۇنى ۋە ئۇنى تارقىتىشنى شۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان كىشىنىڭ خەۋىرى بار قىلغان بولسا  يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك بولىدۇ. 

    ئەمما بۇنى مەسئۇل كىشىنىڭ خەۋىرى يوق قىلغان بولسا، ياكى مەسئۇلنىڭ خەۋىرى بار سۈرەتكە ئېلىپ ئاندىن ئۇنى تارقاتقان بولسا خۇددى بەزى ناچار ئېتىبارسىز پىروگراممىلاردەك، بۇنىڭ ئەڭ چەكلەنگەن بەك خاتا ئىش ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوق، بۇ كىشىلەرگە قىلىنغان بۆھتان، ھەددىدىن ئېشىش، ئۇلارنىڭ يۈز ئابرۇيىنى تۆكۈش ۋە شەخسىيىتىنى ئاياغ-ئاستى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    سۆزىنىڭ خۇلاسىسى: بۇ چەكلەنگەن ئىشقا تەرغىب قىلىدىغان ۋىدىيۇ بولۇپ، بۇنىڭغا مەسئۇل بولغان كىشىمۇ ۋە بۇنى كۆرگەن كىشىلەرمۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇنداق ئىشلاردىن يېراق تۇرۇشى ۋە ئۇ تۈردىكى كىشىلەرگە تەربىيە بېرىشى كېرەك بولىدۇ.

  ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى