چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

بۇت پەرەسلىك، ھەيكەل تاراشلىقتىن نېمە مەقسەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

بۇت پەرەسلىك دېگەن ئاتالغۇدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟ بۇنىڭ زىكرى قۇرئان ۋە ھەدىستە كەلگەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇت پەرەسلىكتىن: بۇتلارغا چوقۇنۇش، ئۇلارغا تېۋىنىش مەقسەت قىلىنىدۇ، مۇشۇ ئاتالغۇ بىلەن ئەرەب مۇشرىكلىرى، ھىندىلار، ياپۇنلار ۋە باشقا دىنسىزلارغا ئوخشاش زېمىندا بۇتقا چوقۇنىۋاتقانلار ئىپادىلىنىدۇ. يەھۇدى، ناسارادىن ئىبارەت بولغان ئەھلى كىتابلار بۇنىڭ ئەكسىدۇر.

     قۇرئان، ھەدىستە يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇپ، بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلىگەن. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:   فَاجْتَنِبُوا الرِّجْسَ مِنَ الْأَوْثَانِ وَاجْتَنِبُوا قَوْلَ الزُّورِ  تەرجىمىسى: سىلەر بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن ساقلىنىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار. [سۈرە ھەج 30-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  وَالرُّجْزَ فَاهْجُرْ  تەرجىمىسى: ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول. [سۈرە مۇددەسسىر 5-ئايەت].

    ئەبۇ سەلەمە رەھىمەھۇللاھ رىجزە يەنى ئازابقا قالىدىغان ئىش بۇتقا چوقۇنۇشتۇر دەپ چۈشەندۈرگەن.

    ئىمام بۇخارى بۇنىڭغا ئالاقىدار قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىنىڭ تەپسىر قىسمىدا "ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول"دېگەن بۆلۈمنى كەلتۈرگەن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِبْرَاهِيمَ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ. إِنَّمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا وَتَخْلُقُونَ إِفْكًا إِنَّ الَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَا يَمْلِكُونَ لَكُمْ رِزْقًا فَابْتَغُوا عِنْدَ اللَّهِ الرِّزْقَ وَاعْبُدُوهُ وَاشْكُرُوا لَهُ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ  تەرجىمىسى: «ئىبراھىمنىمۇ (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىسىلەر (بۇتلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغانسىلەر، بۇتلارنىڭ قولىدىن پايدا ـ زىيان كەلمەيدۇ) ۋە يالغاننىلا ئويدۇرىسىلەر، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار(يەنى بۇتلار)سىلەرگە رىزىق بېرىشكە قادىر ئەمەس، رىزىقنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن تەلەپ قىلىڭلار(رىزىق بېرىشكە پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزى قادىردۇر)، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر. [سۈرە ئەنكەبۇت 16-17-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَقَالَ إِنَّمَا اتَّخَذْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا مَوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُمْ بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُمْ بَعْضًا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَاصِرِينَ  تەرجىمىسى: «ئىبراھىم ئېيتتى: بۇ دۇنيادا (بۇتلارغا چوقۇنۇش مەقسىتىدە يىغىلىشىڭلارنىڭ)ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلارغا بەزىڭلار لەنەت ئوقۇيسىلەر (يەنى قىيامەت كۈنى مەزكۇر دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ، ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا ـ جۇدا بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى دوستلۇقى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ئەمەس)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرنى (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ. [سۈرە ئەنكەبۇت 25-ئايەت].

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ھىرەقلىنىڭ ئەبۇ سۇپيان بىلەن بولغان سۆھبىتىنى كەلتۈرىدۇ، ھىرەقلى مۇنداق دەيدۇ: "مەن سەندىن ئۇ پەيغەمبەر سىلەرنى نېمىگە بۇيرىدۇ؟ دېسەم، سەن: بىزنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرىدۇ، بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلەيدۇ، ناماز ئوقۇشقا، سەمىمى ۋە ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرۇيدۇ دېدىڭ، ئەگەر دېگەن بۇ سۆزلىرىڭ راست بولسا، ئۇ پەيغەمبەر يېقىندا مەن دەسسەپ تۇرىۋاتقان مۇشۇ زېمىنغىمۇ ئىگە بولىدۇ"دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى7-ھەدىس].

    سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا مەن ئۈچۈن زېمىننى قاتلىدى، مەن زېمىننىڭ كۈن چېقىش ۋە كۈن پېتىش تەرەپلىرىنى كۆردۈم، يېقىندا مېنىڭ ئۈممەتلىرىم زېمىننىڭ مەن ئۈچۈن قاتلانغان قىسىملىرىغا ئىگە بولىدۇ، ماڭا زېمىننىڭ خەزىنىلىرى بېرىلدى، قيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر بۆلەك قەبىلىلەر مۇشرىكلارغا قېتىلىدۇ، ھەتتا مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بولغان ئۇ قەبىلىلەر بۇتلارغا چوقۇنىدۇ. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ، "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر" توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدىكى بۆلۈملەردە: "زاماننىڭ ئۆزگۈرىشى بىلەن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىنىدۇ" دېگەن بۆلۈمنى كەلتۈرۈپ، بۇ ھەدىسنى كەلتۈردى. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت بولۇشتىن بۇرۇن دەۋۇس قەبىلىسىنىڭ ئاياللىرى زۇل خۇلەيسە بۇتىغا چوقۇنىدۇ. زۇل خۇلەيسە دېگەن جاھىليەت دەۋرىدە دەۋۇسنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىرى چوقۇنىدىغان بۇتتىن ئىبارەتتۇر. [ئىمام بۇخارى رۋايىتى 7116-ھەدىس].

     بۇنىڭدىن بۇتقا چوقۇنۇش مەقسەت قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئىش ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا كەڭ تارقالغان، بۇتلارغا چوقۇنۇش ھازىرمۇ ھىندى، ياپۇنىيە ۋە ئاپرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەردە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

    ھەدىستە بايان قىلىنىشچە: قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى ئاخىر زاماندا، بۇت پەرەسلىك ئەرەپ يېرىم ئارىلىغا قايتىدىن تارقىلىدۇ دېمەكتۇر.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى