جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

چاچنى، قاشنى ۋە كىرپىكنى ئۆزگەرمەيدىغان رەڭدە بوياشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

     بوياق توغرىسىدىكى ھۆكۈملەرنى بىلىشنى خالايمەن، چاچنى، قاشنى ۋە كىرپىكنى قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغان بوياق بىلەن بوياشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتكەننىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: چاچنى ۋە قاشنى قارا رەڭدىن باشقا بەدەنگە زىيان قىلمايدىغان خىنە قاتارلىق ھەر قانداق رەڭدىكى بوياقلاردا بويىسا توغرا بولىدۇ. بۇ ھەقتە 148664- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    كىرپىكنى قارا رەڭدە بويىسا بولىدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتىمۇ يۇقىرىدىكى148664- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىندى.

    ئىككىنچى: ئەگەر ئىشلىتىلىنىدىغان بوياق-رەڭلەر ئۆزگەرمەيدىغان، دائىم تۇرىدىغان رەڭلەردىن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنداق قىلىش كەسكىن چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

    ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىنىڭ لەنەتكە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى،

    بۇنداق قىلىشتىن چەكلىنىشنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار بۇنداق قىلىش ئالدامچىلىق ھېسابلىنىدۇ دېسە، يەنە بەزى ئۆلىمالار بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ دەيدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق دېگەن، بۇ ئالدامچىلىق دېگەن مەنانىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان توغرا قاراشتۇر.

    يەنە بەزى ئۆلىمالار: بۇنىڭدىكى چەكلىمە، بوياقنىڭ-رەڭنىڭ ئۆزگەرمەي تۇرىشىدۇر، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر بويىغان رەڭ-بوياق ئاياللار زىننەتلىنىدىغان سۈرمە، خىنە قاتارلىق رەڭلەردەك مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۆچۈپ كېتىدىغان-يوق بولىدىغان رەڭ بولغان بولسا  بۇنىڭ بىلەن بوياش دۇرۇس بولىدۇ دېدى". ["تەپسىير قۇرتۇبىي"5 -توم 393-بەت].

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ھازىر كىشىلەر ئارىسىدا بولۇپمۇ ئاياللار ئارىسىدا، بەدەن تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان خىمىيلىك ۋە تەبىئى ماددىلاردىن ياسالغان رەڭ-بوياقلارنى ئىشلىتىش كەڭ تارقالدى، بۇغداي ئۆڭ تېرىلەر بۇ خىمىيلىك ۋە تەبىئى ماددىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاق رەڭگە ئۆزگىرەيدۇ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە چەكلىنەمدۇ؟ بەزى ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئېرى ئۈچۈن زىننەتلىنىپ گۈزەل بولىشى زۆرۈر دەپ قاراپ، ئاياللىرىنى ئاشۇنداق خىمىيلىك ۋە تەبىئى ماددىلارنى ئىشلىتىشكە بۇيرىيدىكەن. بۇنداق قىلىش توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر بۇ ماددىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بويالغان رەڭ ئۆزگەرمىسە، دائىم شۇنداق تۇرسا، بۇنداق قىلىش قەتئى چەكلىنىدۇ ۋە بۇ چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ مەڭ چەكتۈرگەندىنمۇ بەكرەك ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش ھېسابلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«چاچ سالغۇچى ۋە سالدۇرغۇچى، مەڭ –خال چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچىلەرگە لەنەت قىلغان».

   بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا مەڭ-خال چەككۈچى، چەكتۈرگۈچى، قاش تەرگۈچى، تەردۈرگۈچى، ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىپ چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن چېشلىرىنى ئايرىغۇچىلارغا لەنەت قىلدى» دېگەن. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى لەنەت قىلغانلارغا مەن نېمە ئۈچۈن لەنەت قىلمايمەن».

   سوئالدا بايان قىلىنغان مەسىلىگە كەلسەك، بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىشتىنمۇ بەك ئۆزگەرتىش بولىدىكەن.

    ئەگەر ئۆزگەرتىش-بوياش، خىنە ۋە سۈرمە، لەۋ سۇرۇخى، ئۇپا-ئەڭلىك قاتارلىق رەڭگى دائىم تۇرۇپ قالمايدىغان ئاز ۋاقىتتىن كېيىن يوق بولىدىغان  گىرىم-بويۇملىرى بىلەن بولسا، دۇرۇس بولىدۇ.

    ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتېۋېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن بەك ھەزەر قىلىش كېرەك بولىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا چەكلەنگەن، ناچار ئىشلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇنداق مەسىلىلەرنى ئۈممەتكە چۈشەندۈرۈپ، كەڭ تارقىتىش كېرەك بولىدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار توپلىمى"17-توم 20-بەت].

   شەيختىن يەنە: كېينكى ۋاقىتلاردا، بۇغداي ئۆڭ ئايالنى ئاق قىلىدىغان ماددىلار پەيدا بولدى، مۇشۇنى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ماددىلارنى ئىشلىتىش ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش بولغانلىقتىن چەكلىنەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر بۇ ماددىلارنى ئىشلىتىش بىلەن تېرىنىڭ رەڭگى ئۆزگۈرۈپ خال-مەڭ چەككەندەك بىر خىل ھالەتتە بولسا بۇنداق قىلىش چەكلىنىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەڭ-خال چەككۈچى، چەكتۈرگۈچىلەرگە لەنەت قىلغان». "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسىدىن". بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 99629- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى