سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەر كۈندە يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ھەر كۈنىدە مىڭ ياخشىلىق قىلىشتىن ئاجىز كېلەمدۇ؟ دېگەندە ساھابىلاردىن بىرى: بىزلەردىن بىرىمىز بىر كۈندە مىڭ ياخشىلىقنى قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتسا، ئۇ كىشىگە مىڭ ياخشىلىق يېزىلىدۇ ياكى ئۇ كىشىدىن مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ، دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: مىڭ ياخشىلىق يېزىلىدۇ ۋە مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ، دېيىلگەن».

    ئەگەر ئىنسان ھەر كۈنى بۇنىڭدىن ئارتۇق دېسە، يەنى مىڭ قېتىم دېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئون مىڭ ياخشىلىق يېزىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس سەھىھ بولۇپ، بۇ ھەدىسنى مۇسئەب ئىبنى سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: دادام ماڭا ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ھەر كۈنىدە مىڭ ياخشىلىق قىلىشتىن ئاجىز كېلەمدۇ؟ دېگەندە، ئولتۇرغان ساھابىلاردىن بىرى: بىزلەردىن بىرىمىز بىر كۈندە مىڭ ياخشىلىقنى قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتسا، ئۇ كىشىگە مىڭ ياخشىلىق يېزىلىدۇ ياكى ئۇ كىشىدىن مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 2698-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئەزكار"53-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ھاپىز ئەبۇ ئابدۇللاھ ھۇمەيدى مۇنداق دەيدۇ: "مۇسلىمنىڭ كىتابىدا بايان قىلىنغان رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ياكى مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ دەپ بايان قىلىنغان، بۇرقانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۆئبىنىڭ رىۋايىتىدە، ئەبۇ ئۇۋانە ۋە يەھيا ئەلقەتتان مۇسلىم رىۋايەت قىلغان مۇسا تەرىپىدىن قىنلىنغان رىۋايەتتە مىڭ دېگەن سۆز زىكىر قىلىنماستىن پەقەت خاتالىقلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ دەپ بايان قىلىنغان.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دەيدۇ، دادام مۇنداق دېگەن: "ئىبنى نۇمەيرمۇ مۇنداق دەيدۇ: ياكى خاتالىق ئۆچۈرىلىدۇ، يەئلامۇ مۇنداق دەيدۇ: ياكى خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ. [مۇسنەد ئەھمەد 3-توم 133-بەت]، ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ 3463-ھەدىستە خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ دېگەن لەپزى بىلەن رىۋايەت قىلىپ، ھەسەن سەھىھ دېگەن.

   موللا ئەلى قارى: "مىرقاتىل مەپاتىھ"4-توم 1594-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "چۈنكى بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدۇ، بۇ قۇرئان كەرىمدە ۋەدە قىلىنغان كۆپەيتىلىدىغان ياخشىلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىدۇر، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا  تەرجىمىسى: بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ. [سۈرە ئەنئام 160-ئايەت]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَاللَّهُ يُضَاعِفُ لِمَنْ يَشَاءُ   تەرجىمىسى: ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. [سۈرە بەقەرە 261-ئايەت].

   يەنە ھەرەمدە قىلىنغان بىر ياخشىلىق باشقا جايدا قىلىنغان يۈز مىڭ ياخشىلىققا باراۋەر بولىدۇ، (ياكى مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ)يەنى: ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن چوڭ بولسۇن ياكى كېچىك بولسۇن مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ".

     شۇنىڭغا ئاساسەن: كىمكى يۈز قېتىمدىن ئارتۇق تەسبىھ ئېيتسا، ئارتۇق ئېيتقىنىغىمۇ ئوخشاشلا ھەسسىلەپ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، چۈنكى ھەر بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدۇ، كىمكى بىر كۈندە مىڭ قېتىم تەسبىھ ئېيتسا، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى ئون مىڭ ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى، رەھمىتى مۇشۇنداق كەڭرىدۇر. 

     تۆۋەندە بايان قىلىنغان ھەدىسمۇ مۇشۇ مەنىگە يېقىندۇر، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى بىر كۈندە: "لائىلاھە ئىللەللاھۇ، ۋەھدەھۇ، لاشەرىكەلەھۇ لەھۇل مۇلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ، ۋەھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر" دەپ يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئون قۇل ئازاد قىلغاننىڭ باراۋېرىدە ئەجىر بېرىلىدۇ، ئۇنىڭغا يەنە يۈز ياخشىلىق يىزىلىدۇ، يۈز خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ، شۇ كۈنى كەچ كىرگىچە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىدۇ، ئۇ كىشىدىن ئارتۇق ئەمەل قىلغان كىشىدىن باشقىلار ئۇ كىشىدەك ياخشىلىقلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 3293-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2691-ھەدىس].

   بۇ ھەدىسمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسكە يېقىندۇر، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە "سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى دەپ يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتسا، شۇنىڭغا ئوخشاش دېگەن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك دېگەن كىشىدىن باشقا كىشى ئۇ كىشىدەك ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2692-ھەدىس].

    بۇ ھەدىستە؛ ئۇ كىشىدىن ئارتۇق دېگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئەمەل قىلغان دەپ بايان قىلىنغان، يەنى يۈز قېتىم دېگەن كىشىدىن ئارتۇق دېگەن كىشى دېمەكچى، يەنى: ئىككى يۈز، ئۈچ يۈز ياكى ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ دېگەن بولسا كۆپ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ياخشىلىق كۆپتۇر ۋە ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭرىدۇر.

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 220345-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى