پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

بىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆرسۈتىلەمدۇ؟

سۇئال

   بىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆرسۈتىلەمدۇ؟ بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىس بارمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغىنى مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يوللىغان دۇرۇت-سالاملىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزۈلىدۇ. ئەۋىس ئىبنى ئەۋىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى جۈمە كۈنىدۇر، ئۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلدى، ئۇ كۈندە ۋاپات تاپتۇرۇلدى، ئۇ كۈندە سۈر چېلىنىدۇ، ئۇ كۈندە ھەممە ھۇشسىزلىنىدۇ، ئۇ كۈندە ماڭا كۆپ دۇرۇت-سالام يوللاڭلار، سىلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالاملىرىڭلار ماڭا يەتكۈزىلىدۇ»، ساھابىلار: ئې ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سەن قەبىردە چېرىپ كەتكەن تۇرساڭ، بىزنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالاملىرىمىز ساڭا قانداق يەتكۈزىلىدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زېمىنغا پەيغەمبەرلەرنىڭ جەسىدىنى ھارام قىلدى» دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1047-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى 1374-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل"1-توم 34-بەتتە كەلتۈرگەن.

    ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندا ساياھەت قىلىپ ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بولۇپ، ئۇلار ماڭا ئۈممىتىمنىڭ سالاملىرىنى يەتكۈزىدۇ». [نىسائىي رىۋايىتى 1282-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"6-توم 842-بەتتە كەلتۈرگەن].

    دۇرۇت-سالامدىن باشقا ئەمەللەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا توغىرلىنىدىغانلىقى ياكى كۆرسۈتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايان قىلىنغان سەھىھ دەلىللەر بارلىقىنى بىلمەيمىز.

    ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇدىن زىكىر قىلىنغان ئىلگىرىكى ھەدىستە، بەززار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۇممىتىنىڭ ئەمەللىرى توغرا قىلىنىدۇ، (يەنى كۆرسۈتىلىدۇ) دەپ زىيادىنى قېتىپ رىۋايەت قىلغان.

    بەززار"ئەلمۇسنەد" 5-توم 308-بەتتە ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندا ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بولۇپ، ئۇلار ماڭا ئۇممىتىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزىدۇ». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ھاياتىم سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، سىلەر سۆزلىشىسىلەر ۋە سىلەر بىلەنمۇ سۆزلىشىدۇ، ۋاپاتىممۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار ماڭا توغرا قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ياخشىلىقنى كۆرسەم ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتىمەن، يامانلىقنى كۆرسەم ئاللاھ تائالادىن سىلەر ئۈچۈن ئىستىغپار تەلەپ قىلىمەن». بۇ ھەدىسنىڭ ئاخىرىنىڭ ئابدۇللاھ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغانلىقىنى پەقەت مۇشۇ يولدىن ۋە مۇشۇ ئىسنادتىنلا بىلىمىز".

    شەيخ ئەلبانى يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ زەئىپ ئىكەنلىكىنىڭ يولىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ ھەدىسنى بىر قانچە راۋىيلار ئاخىرىدىكى «ئۇممىتىمنىڭ ئەمەللىرى ماڭا توغرا قىلىنىدۇ» دېگەن زىيادە سۆزنى قاتماي رىۋايەت قىلغان، بۇ زىيادىنى پەقەت ئابدۇلمەجىد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئەبى رۇۋاد دېگەن راۋىي يالغۇز كەلتۈرگەن، ھەدىس ئۆلىمالىرى ئۇ كىشىنىڭ ئېسىدە تۇتۇش قابىلىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلغان، ھەدىس ئالىملىرىنىڭ قارىشىدىكى قائىدە بويىچە، بۇ راۋىي كەلتۈرگەن ئارتۇق سۆز رەت قىلىنىدۇ. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئىشەنچىلىك ھەدىس ئالىملىرىدىن بىر جامائەت ھەدىسنىڭ سۇپياندىن «مېنىڭ ھاياتىم سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر....» دېگەن سۆزنى زىيادە قىلمىغان رىۋايەتكە ئىتتىپاق كەلگەن، ئاندىن بۇنىڭغا ئەئمەش ئەگەشكەن، بۇ زىيادىنى ئابدۇلمەجىد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئەبى رۇۋاد يالغۇز رىۋايەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ  مۇسلىم راۋىيلىرىدىن تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ ئېسىدە تۇتۇشى توغرىسىدا ھەدىس ئالىملىرى سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن مېنىڭ قارىشىمدا بۇ زىيادە رىۋايەتنىڭ شاز يەنى ئۆزىدىن ئىشەنچىلىك راۋىينىڭ رىۋايىتىگە زىت ئىكەنلىكى ئىپادىلەندى. بەزى ئالىملار ئۇنى ئىشەنچىلىك راۋى دېگەن، يەنە بەزى ئالىملار ئۇنى زەئىپ راۋى دەپ، زەئىپلىك سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ:

    خەلىيلى مۇنداق دەيدۇ: ئۆزى ئىشەنچىلىك، لېكىن ھەدىستە خاتا كەتكەن.

    نەسائىي مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ھەدىستە كۈچلۈك ئەمەس، ئەمما ھەدىسى يېزىلىدۇ.

   ئىبنى ئابدۇلبەر مۇنداق دېگەن: مالىكتىن ھەدىس رىۋايەت قىلىپ خاتا كەتكەن.

    ئىبنى ھىببان "ئەلمەجرۇھىين" 2-توم 152-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى بەك ئىنكار قىلىنىدۇ، ھەدىسلەرنى ئالماشتۇرىۋېتىدۇ، مەشھۇر راۋىيلاردىن مۇنكەر ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ رىۋايىتى تەرك قىلىنىشقا لايىق.

    مەن دەيمەن: شۇنىڭ ئۈچۈن ھاپىز ئىبنى ھەجەر "تەقرىب"تە: راستچىل ئەمما خاتا كېتىدۇ دېگەن.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا، ھاپىز ھەيسەمىنىڭ "ئەلمەجمۇئ"6-توم 24-بەتتە: بۇ ھەدىسنى بەززار رىۋايەت قىلغان، راۋىيلىرى سەھىھ راۋىيلار دېگەن سۆزى راۋىيلارنىڭ ئارىسىدا سەھىھ ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلىنغانلىقلىرى يوق دېگەننى خىيال قىلدۇرىدۇ، مۇمكىن سۇيۇتىي مۇشۇ سۆزنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، "خەسائىسىل كۇبرا"2-توم 281-بەتتە" ئىسنادى سەھىھ" دېگەن.

    شۇنىڭ ئۈچۈن مەن دەيمەنكى، ھەيسەمىنىڭ ئۇستازى ھاپىز ئىراقىي بەززارنىڭ ئىسنادىنى تەھقىق قىلغاندا بەك ئىنچىكىلەپ، "تەخرىج ئىھيائىل ئۇلۇم"4-توم 128-بەتتە مۇنداق دېگەن: راۋىيلىرى سەھىھ راۋىيلار لېكىن ئابدۇلمەجىد ئىبنى ئەبى رۇۋادتىن گەرچە مۇسلىم ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئىبنى مەئىين ۋە نىسائى ئىشەنچىلىك دېگەن بولسىمۇ، بەزى ئالىملار زەئىپ دېگەن.

    "تەقرىب" 3-توم 297-بەتتە ئىسنادى ياخشى دېگەن بولسىمۇ، مېنىڭ قارىشىمدا ئىسنادى ياخشى ئەمەس، چۈنكى ئابدۇلمەجىد ئۆزىدىن ئىشەنچىلىك راۋىيلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلغان، مانا بۇ بۇ ھەدىسنىڭ ئىللىتىدۇر.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    شۇنداق، بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى بەكىر ئىبنى ئابدۇللاھ مۇزەنىيدىن مۇرسەل ھالەتتە سەھىھ دېيىلگەن.

     سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ھەدىس ھەممە يوللىرى بىلەن زەئىپ، ھەدىسنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسنادى بەكىر ئىبنى ئابدۇللاھ مۇزەنىيدىن مۇرسەل ھالەتتە رىۋايەت قىلىنغىنى بولۇپ، مۇرسەلمۇ ھەدىس ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا زەئىپ ھەدىسنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. "زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى" 2-توم 404-406-بەت.

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن شەيخ تارىق ئەۋزۇللاھنىڭ "شاۋاھىت ۋە مۇتابىئاتلار بىلەن ھەدىسنى كۇچلاندۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىماتلار" 365-368-بەتكە قارالسۇن.

    ئاندىن بۇ ھەدىس ئۆزىدىن بەك سەھىھ بولغان ماۋۇ ھەدىسكە زىت كېلىدۇ، بۇ ھەدىس ئاللاھ رازى بولغان بىر قانچە ساھابىلاردىن سابىت بولغان، ئۇلاردىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «ئې ئىنسانلار!سىلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ ۋە خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە توپلىنىسىلەر، مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز.(بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر،(ئۇنى)چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئاگاھ بولۇڭلاركى، قىيامەت كۈنى خالايىقلاردىن تۇنجى قېتىم كىيىم كەيدۈرۈلىدىغانلار، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدۇر، ئاگاھ بولۇڭلاركى، مېنىڭ ئۈممىتىمدىن سول تەرىپىدىن تۇتۇلغان بىر قىسىم كىشىلەر كەلتۈرۈلىدۇ، مەن: بۇ مېنىڭ ئەسھابىلىرىم دەيمەن، ئۇلار ماڭا: سېنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ نېمە ئىشلارنى پەيدا قىلغانلىقىنى سەن بىلمەيسەن دېدى، مەن ياخشى بەندە-ئىسا ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك: مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن دەيمەن، ماڭا: ئۇلار سەندىن ئايرىلغاندىن باشلاپ دىندىن يېنىۋالدى دېيىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 4625-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2860-ھەدىس].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى